خىتاينىڭ «ش ئۇ ئا ر» توغرىسىدىكى يېڭى تەشۋىقات ھەرىكىتى ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» سەپسەتەسى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايدىكى «دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقىرىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئاپتونوم رايون بولماستىن، بەلكى «شىنجاڭدىكى خىتاي، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەتلەرنىڭمۇ ئاپتونوم رايونى» دېگەن تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئارقىسىغا قانداق سىياسىي غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟

بۇ مەسىلە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە تارىخچىلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان مىللەتلەر سىياسىتىدە جىددىي رەۋىشتە ئۆزگەرتىش ياساش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقىنى؛ خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «مىللەت» ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا «ئېتنىك تۈركۈم» (族群) ؛ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» سىياسىتىنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش مەمۇرىي تۈزۈم قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ توغرۇلۇق رادىيومىزغا سۆز قىلغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى مىللەتلەر رايونلىرىدا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» قۇرۇش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن تاكى 1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغۇچە بولغان جەرياندا، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغۇسى ئاپتونومىيەنىڭ نامى ۋە سىياسىي سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بارغان ئىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتتا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بېرىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ كېيىنكى 70 يىللىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن بۇ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزىدىكى ساختا ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بۇ شەكلەن «ئاپتونومىيە» دە ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە ۋىۋىسكىسى» ئاستىدىكى مىللىي سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» نىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا قەغەز يۈزىدە قالغان «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ھېچ ۋاقىت ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ «مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش» كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ نامدىكى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ خىتايچە «مۇستەملىكە رايون» دېگەن مەنە بېرىپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ۋاقىتلىق سۈكۈت قىلغان ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدە بولسۇن، ياكى كومپارتىيە ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىللەردە بولسۇن، خىتاينىڭ ھېچبىر زامان شەرقىي تۈركىستانغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىش ئويىدا بولۇپ باقمىغانلىقىنى، بۇ بىپايان تۇپراقنى ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ ئەبەدىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش نىيىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىدە نەزەرىيە جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ھوقۇق ھېچ ۋاقىت ئىجرا قىلىنمىغان؛ خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىدە ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ ئېتىراپ قىلىنمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇ تىلغا ئېلىنمايدىغان بولغان. خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن تەك مىللەتلىك ئۇلۇس دۆلىتى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«بۇ دۇنيادا بىز ھەممىمىز بىر چوڭ ئائىلە بولالايمىز. ئەمما ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ئوخشىمايمىز. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى بۇ جەمئىيەتنى ياخشى بەرپا قىلىشنى ئويلىغان بولسا ئىدى، بۇ پەرقلەرنى تونۇپ يېتىشى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۇ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى، بىزنىڭ ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى ۋە ئۆزىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكىمىزنى يوقىتىپ، ھەممىنى پەقەت ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى› نىڭ گەۋدىسىگە يۇغۇرۇپ تاشلاش بولماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ، تەك خىتاي مىللىتى يارىتىش ئۈچۈن قوللانغان ئىنتايىن قەبىھ تەدبىردۇر. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىنى بازارغا سالماقتا. »

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئاچقان «ئىككى يىغىن» دا «شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەردە ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئىدىيەسى يارىتىشنى باش نىشان قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرگە بەرگەن ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» سىنىڭ ھەرگىزمۇ «سىياسىي ئاپتونومىيە» ئەمەس، بەلكى «نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» بولغان «مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى» ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەكلەن ئاپتونومىيەنىمۇ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.