«شاڭخەي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئەندىي بورېخام (Andy Boreham) ، يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى توغرىلىق چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى 4-دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارشى «ھازىر ئۇلار شىنجاڭغا ساياھەت قىلىشنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك! » دېگەن يازمىسى بىلەن «چەت ئەل تاراتقۇلىرى نەزىرىدىكى خىتاي» ناملىق يۇتۇب قانىلىدا بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەخسۇس ۋىدىيولۇق پىروگراممىسىنى X سۇپىسىدا تارقاتقان. ئۇ بۇ پىروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالغان.
تېخى يېقىندىلا، خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى فېرناندونىڭ X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن «شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماڭ! » ناملىق ۋىدىيوسىنى قوللىغان ئەندىي بورېخام ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا X سۇپىسىدا بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى يازغان: «ئامېرىكانىڭ بۇ باياناتلىرى ئۆز كۈچىنى يوقىتىۋاتىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ (Genocide) شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ھازىر ئۇ يەرگە مىليونلارچە ساياھەتچىلەر بېرىۋاتىدۇ. ئاگاھ بولسۇنلاركى، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى سۇغا چىلاشتى! ».

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ياللانغان «شاڭخەي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئەندىي بورېخام (Andy Boreham) ۋە CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندو مۇنوز بېرنال (Fernando Munoz Bernal) نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «ئاكتىپ خىزمەت» لىرى، نۆۋەتتە X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى بىر يۈرۈش ساياھەت تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلار قاتارىدىن چەت ئەللىك بەزى مۇخبىر-ئاخباراتچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش دولقۇنىدا، خىتاينىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى ساياھەت تەشۋىقاتلىرى خىتاينىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىكى غەرەز-مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«مەن شۇنداق ئېيتالايمىزكى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ساياھەت تەشۋىقاتى ھەقىقەتەن بىر تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۆلەت كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ناھايىتى ئېنىقكى بۇ ئىقتىسادىي كىرىملەردىن يەرلىك خەلق مەنپەئەت كۆرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بىز بۇ مەسىلىنى كۆزىتىشتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە ئەمگەك پىلانىنىڭ كەڭ كۆلەمدە جىددىيلىشىشى ۋە دائىم يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئۇچراپ، نۇرغۇن نورمال دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭمۇ جىنايى قىلمىشقا باغلانغانلىق مەسىلىلىرى مەۋجۇت. شۇڭلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇپ، ساياھەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى جامائەتنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. »
خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يانتايىقى بولۇۋاتقان «شاڭخەي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئەندىي بورېخام خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن تارقاتقان 13 مىنۇتتىن ئارتۇق ئىشلەنگەن بۇ مەخسۇس پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتىنى چەكلىشىگە قارىتا قارىشىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىزاھلىغان: «ئامېرىكا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەپسانىسىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئامېرىكالىق ساياھەتچىلەر ھەر قېتىم بۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ يالغانچىلىقى ئاز-ئازدىن بىتچىت بولۇۋاتىدۇ. بۇ پارلامېنت بىناسىدىكى سەرخىللار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ شۇنداق، ئۇلار ساياھەت قىلىشنى چەكلەپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتنى بايقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. »
ئۇ يەنە سۆزىدە، ئامېرىكا ئېتىراپ قىلىپ ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى «ساختا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاش بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ بۇ ئەيىبلىشىنى «كۈلكىلىك ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان يەنە بىر چوڭ ئۆزگىرىش ھازىر غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ئەھۋال» دەپ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئادەتتىكى غەربلىك پۇقرالار ھەر كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ قولى بىلەن يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈم ۋە ئازابنىڭ ھەقىقىي رەھىمسىزلىكلىرىنى كۆرەلەيدۇ. ۋاھالەنكى، شىنجاڭدىن بومبا پارتلىغان بىنالار، قازا قىلغان بالىلار ياكى دەھشەتلىك قىيناش رەسىملىرى چىققىنى يوق. »
ئامېرىكادىكى «خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزاتورى» غەربىي شىمال رايونلۇق شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى، ئۇيغۇر رايونى ۋە قازاقىستاندا بىر مەزگىل ياشىغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان دوكتور بىل كلارك (Bill Clark) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىنكاسىدا، خىتاي تەشۋىقاتىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقان بۇ ياللانما چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي رېئاللىقلارغا تامامەن كۆز يۇمغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ھالدا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ساياھەت تەشۋىقاتلىرىغا «ئاۋاز» قوشۇۋاتقانلىقىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ياشلار ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، مېنىڭچە ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر ئازاب ۋە زورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. گەرچە ساياھەتچىلەر كۆرۈنۈشتە بىخەتەر جايلارغا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئەمما ئۇ جايلار ئەمەلىيەتتە قايغۇ، ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىلەن تولغان جايلاردۇر. مېنىڭ بۇ ياشلاردىن سورايدىغىنىم، ئۇلار ئاتالمىش جازا لاگېرلىرىغا قامالغان پۇقرالارنىڭ سانىنى نەزەردىن ساقىت قىلالامدۇ؟ بۇ لاگېرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىچۇ؟ ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر نەرسە بىلەمدۇ-يوق؟ ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىچۇ؟ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا بۇ خىل زۇلۇمنىڭ يۈز بېرىشى كىشىنى تولىمۇ ئازابلايدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە قوبۇل قىلغۇسىز يېرى شۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، بۇ يەرگە كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە بېرىشىدۇر. شۇڭلاشقا، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگە ئوخشاش خىتاينىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇپىلاردا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان ئاۋازلارنى كۆپەيتىشكە تىركىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بىر تەشۋىقاتتۇر.»
ئەندىي بورېخام مەزكۇر ۋىدىيولۇق پىروگراممىسىدا يەنە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 40 تىن ئارتۇق يەر-جاينى 5 ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ساياھەت قىلىپ قايتقان CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندونى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان. ئۇلار بىر-بىرىگە يانتاياق بولغان بۇ سۆھبىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان. ئۇلار شۇنداقلا پەقەت ئۆتكەن يىلىلا 265 مىليون ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە كەلگەنلىكى ۋە ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىدەك بۇ «ھەقىقەت» «ئامېرىكادىكى ‹سەرخىللار› نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى يالغان سەپسەتىسىنى ئەمدى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
تىمۇسىي گروس بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش ساياھەت تۈرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇلار تەرىپىدىن لايىھەلەنگەنلىكىنى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئارقىسىغا نىقابلانغان رېئاللىقنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، خىتاي ئۇيغۇر رايوندا داۋاملىق تۈردە ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ئاتالمىش قاينام-تاشقىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ساياھەت نۇقتىلىرىدا يۈز بەرمەيدۇ. ئۇ جايلاردىكى ئەڭ دەھشەتلىك دۆلەت زوراۋانلىقى يۈز بەرگەن جايلار خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ساقلانغان، يوشۇرۇنغان. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئەندىي ۋە فېرناندوغا ئوخشاش كىشىلەر بۇ ساياھەتلەرنى قوللاشتا ئىنتايىن ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارادىكى گۇمانىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بىۋاسىتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشۋىقات قورالى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى گۇمانىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. »
فېرناندو ئۆزىنىڭ «سادىق ھەمكارلاشقۇچى» سى ئەندىي بورېخام بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەر، قولايلىق، ئەركىن-ئازادە يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان 5 ئايلىق ساياھىتىدىن ماختانغان. شۇنىڭدەك، رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تارىخى-مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، تىلى، دىنىي ئۆرپ-ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بەختىيار» ھايات ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىغا «شاھىت» بولغانلىقىنى بىلجىرلاپ سۆزلىگەن.
دوكتور بىل كلاركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بىر مەزگىل ياشىغان ئۇيغۇر ئېلى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى، ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ مېھماندوستلۇقى بىلەن چوقۇم بىر كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدىغان بىر گۆھەر زېمىن ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ گۈزەل زېمىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سەپسەتە تارقىتىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. مەن بىر ئاكادېمىك، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر ئىنسانشۇناس پەنلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىغا قوشۇلالمايمەن. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئاساسسىز ئېيتىلغان سۆز ئەمەس. نۇرغۇن ئاكادېمىكلار، يەنى غەرب دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ پاكىتلار ئاساسىدا بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق قارىشىدۇر. چۈنكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېيىشكە بولىدىغان ئامىللار، ھەقىقەت مەۋجۇت. ئۇ پەقەت مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىلا ئەمەس، بەلكى، ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر.»
دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى چەت ئەللىك بىر قىسىم ئاخبارات تاراتقۇچىلار ۋە خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تىركەشمەكتە. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىزمۇ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.