خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چەتئەللەردىكى ئاتالمىش «خىتاي تىللىق تاراتقۇلار» نى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، «جۇڭگو ئارزۇسىنى قوغلىشىش، گۈزەل شىنجاڭ تېمىسىدىكى ساياھەت ۋە خەۋەر ئىشلەش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9- ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاۋغۇست باشلىنىپ 7- ئاۋغۇست ئاياغلاشقان مەزكۇر پائالىيەت، خىتاي دۆلەتلىك «مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
خەۋەردە يەنە 7 كۈنلۈك كۆرگەزمە ۋە ساياھەت پائالىيىتىگە، مالايشىيا، ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئامېرىكا، ماكاۋ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن قاتناشقان «خىتاي تىللىق تاراتقۇلار» ۋەكىللىرىنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدە ياخشى تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقى» ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ئارقىلىق مەخسۇس بايان قىلىنغان.
ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر ھەپتىلىك ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرۇلغان، چەتئەللەردىكى ئاتالمىش «خىتاي تىللىق تاراتقۇلار» ۋەكىللىرى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى بۇنداق گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيەلەيدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خەۋەر ئىشلەپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋەكىللىرىمۇ؟
ئەنە شۇ زىيارەتكە قاتناشقان«خىتاي تىللىق مەتبۇئات» لارنىڭ بىرى كانادادىكى«ئورتاق ياشاش خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرى»، يەنە بىرى ئامېرىكادىكى «ۋاشىنگتون خىتاي پوچتىسى» تور گېزىتىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان مەزكۇر مەتبۇئاتلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىگە تۇتقان مەيدانى ۋە خەۋەر ئىشلەش مەقسىتى قانداق؟
بېيجىڭدا مەخسۇس ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى بار كانادادىكى«ئورتاق ياشاش خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرى» نىڭ كانادا مونترېئالدىكى ئورگىنىغا ئۇرغان تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال خادىم ئۆزىنىڭ كانادادىكى«ئورتاق ياشاش خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرى» نىڭ باشلىقى خۇ شەن ئىكەنلىكىنى ھەمدە خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان خۇ خەي ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن «سىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان تور بېكىتىدە، ئۇلارنىڭ مەيدانى ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تاراتقۇمىز بىزنىڭ قارىشىمىزنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەلۋەتتە مەن ئۆزۈم ئۇ يەرگە بارمىدىم. يەنى يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇ يەردە زىيارەتتە بولالمىدىم. ئەمما مەن بىزنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئىشىنىمەن. خۇ خەي ئەپەندى ئىشلىگەن خەۋەرلەر ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار. ئۇ رەسىمنى ناھايىتى ياخشى تارتىدۇ، سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇچۇر قانىلى ئارقىلىق بۇ ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. ئۇ يەردىكى خەلق ئاممىسى ئىنتايىن خۇشال ئىكەن. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدىكەن. ئۇ يەردىكى خىتايلار، قازاقلار، ئۇيغۇرلار ھەممىسى بىللە ياشايدىكەن. ئۇ بۇلارنى ئەينەن خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭ خەۋەرلىرىدە رەسىملەر ۋە يازمىچە چۈشەندۈرۈشلەر ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى بار. ئۇ ئۇ يەردە ئۆزى كۆرگەنلىرىنى، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكتە.»
ئۇنىڭدىن؛ «ئەمىسە سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىكەنسىزدە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ كەسكىن ھالدا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:« شۇنداق، توغرا مەن ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى توغرا دەپ قارايمەن. مەن ئۇ يەردە تارقىتىلغان سىن فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن مۇخبىرىمىزنى ئەۋەتتىم. مەن غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇ يەرگە بارماي تۇرۇپ بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەيمەن. ئۇلارنىڭ رەسىم ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى يوق ئانالىزلىرىغا مەن ۋە مەن ۋەكىللىك قىلغان خىتاي تىللىق تاراتقۇلار قوشۇلالمايمىز».
زىيارەت داۋامىدا، ئۇنىڭدىن يەنە:« سىز كانادادەك دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە قاتتىق ئەيىبلەش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى ئاقلايدىغان پىكىرلەرنى تەرغىب قىلىسىز؟ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە خەۋەر بەرگەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە، ئالدىن -ئالا ھازىرلانغان مەيدانلار زىيارەت قىلىنغان خەۋەرلەر سىزچە ئىشەنچلىكمۇ؟»دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى سورىدۇق.
ئەمما ئۇ كانادادەك دېموكراتىك دۆلەتتە سۆز ئەركىنلىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ سوئاللارنىڭ ئۇنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۆزى ئەۋەتكەن مۇخبىرنىڭ خەۋەرلىرىگە قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى «توغرا» دەپ قارايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلغان«ئورتاق ياشاش خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرى» نىڭ باشلىقى خۇ شەننىڭ كانادا پارلامېنتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى «توغرا» دەپ ئاقلايدىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللەردىكى ئاتالمىش مەزكۇر « خىتاي تىللىق تاراتقۇلار» نىڭ ماھىيىتى، مەيدانى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئايدىڭ بولۇپ، ئامېرىكادا ياشايدىغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئەمەلىيەتتە بۇلار خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەشۋىقات قوشۇنىنىڭ بىر قىسمى».
ما جۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى:« بۇ ئەھۋالنى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئالدى بىلەن بىز كۆرۈۋاتقىنىمىز، ئۇلار تەكلىپ قىلغان كۆپ ساندىكى چەتئەلدىكى تاراتقۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ چەتئەل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر قىسمى. ياكى بولمىسا «جۇڭخۇا بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان> خىتاي تىللىق تاراتقۇلار. بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش. ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكسەپ تارماقلىرى بىلەن بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ بۇ مەسىلىنى شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. ئەمما بىزنىڭ جەزم قىلالايدىغىنىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسى <ئۇلۇغ جۇڭخۇا بىرلىكىنى> ۋە <چوڭ خىتايچىلىق> ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى».
ما جۈ ئەپەندى يەنە ، ئالدىنقى يىللاردا، خىتايغا مايىل دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل تاراتقۇلار مۇخبىرلىرىنى بۇ خىل ئالدىنئالا ھازىرلانغان زىيارەت مەركەزلىرىدە ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم پەقەت چەتئەللەردىكى خىتاي تىللىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىش مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«بىز يەنە شۇ نۇقتىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. ھازىر ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلارنى تەكلىپ قىلىشى تەسلىشىپ كەتتى. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇ بىر مەسىلىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە قازاق قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى، يەنى 21- ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ نومۇسى ھېسابلىنىدىغان زوراۋانلىقلىرى ئالدىدا، ھەرقانداق بىر چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانىنى سېتىشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ مەسىلىدە ۋىجدانىنى سېتىۋاتقانلار بولسا، ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇنىڭ تاشقى تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار. مانا بۇ دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا».
ما جۈ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ يېقىن دوستى دەپ قارالغان دۆلەتلەر مۇخبىرلىرى ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى تەسكە توختايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ ھازىر مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئاتالمىش « خىتاي تىللىق تاراتقۇلار» ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلماقتا ئىكەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئالدىنقى يىللاردا غەرب تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» پاكىتلىرى قاتارلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئەھۋاللارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.
ما جۈ ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:«ئۇلار ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئاتالمىش <چەتئەللەردىكى خىتاي تىللىق تاراتقۇلار> ئۇنىڭ تاشقى تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە خەۋەر ئىشلەۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتتە زاماندىن قالغان، كارغا كەلمەيدىغان ئۇسۇل دېسەك بولىدۇ. ئۇلار ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار، يەنى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، سىياسىي كېڭەش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ياكى چەتئەللەردىكى خىتاي بىرلىكى دېگەندەك 3 تەرەپ تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنىڭ دانالىقىنى ۋە ئۇلۇغلىغىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما مېنىڭچە بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئۈنۈمىگە يەنە باھا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق».
«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، كانادادىكى«ئورتاق ياشاش خەلقئارا تاراتقۇلار مۇنبىرى» نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى خۇ خەي ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ؛«شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپتۇ، شەھەرلەر گۈزەل ئىكەن، كىشىلەر بەخت ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن»، دېگەن. مالايشىيادىكى « خەلقئارا خىتاي تىللىق تاراتقۇلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شۈ بىڭيى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى زىيارەتتىن كېيىن، تەسىراتىنى سۆزلەپ:«بىرمۇ-بىر تارىخىي يادىكارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە كۆپ مىللەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېگەن.