خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا سانائىتى خىرىسقا دۇچ كەلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.20
litiy-kan.jpg شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 100 مىڭ توننالىق لىتىي قېزىش تۈرىنى باشلىغانلىق مۇراسىمى. 2023-يىلى 27-فېۋرال.
cnmn.com.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارىلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن 2 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلەشكەن ساھەلەر، دەپ قارىلىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سالغان. يەنى خوتەن، چارقىلىق، تۇمشۇق، سانجى قاتارلىق جايلاردا لىتىي، سىلىكون، نىكېل، مىس، قوغۇشۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كان ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئاچقان ياكى كېڭەيتكەن. چارقىلىقنىڭ لوپنۇر بازىرىدىكى يېڭى ماتېرىياللار سانائەت باغچىسى، ئۇنىڭ مۇھىم لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

ھالبۇكى، خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈپ كېتىشى، شۇنداقلا بۇ خىل ماتېرىياللارنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىروگراممىسىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەلىرىدىن بىرى بولغان مەزكۇر سانائەت ساھەسى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى» دا بىردەك «بەزى سانائەت ساھەلىرىدىكى ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش»نىڭ 2024-يىلى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رىقابەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولغان لىتىي كاربوناتنىڭ بىر تونناسىنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلى 83 مىڭ 500 دوللار بولغان بولسا، يېقىندا ئۇنىڭ ھەر بىر تونناسى 14 مىڭ دوللارغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بۇ يىل 7-ئايدا، چارقىلىقنىڭ لوپنۇر بازىرىدىكى يېڭى ماتېرىياللار سانائىتى باغچىسىدا يىللىق مەھسۇلاتى 120 مىڭ توننالىق لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى رەسمىي يولغا قويغان. دائىرىلەر خىتايدىكى ئەڭ چوڭ لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بولغان بۇ تۈرگە 4 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانلىقى، بۇ يىل 9-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىغان بۇ تۈرنىڭ «رۇدا قېزىش»، «رۇدا شاللاش» ۋە «ئېرىتىش» باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئامما كۈنتاختىنى سۈرتۈۋاتىدۇ، 2022-يىلى 24-نويابىر، تاشقورغان
قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئامما كۈنتاختىنى سۈرتۈۋاتىدۇ، 2022-يىلى 24-نويابىر، تاشقورغان
chinanews.com.cn

گېرمانىيەدىكى خەلقئارا پولىسىلىكون بازىرىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن ئورۇنلىرىدىن «برېنرېتۇئېر ئانالىز مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى يوھاننېس برېنرېتۇئېرنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىشىچە، بۇ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك 30 دەك شىركەت بازاردىن چېكىنگەن. يۇھاننېس برېنرېتۇئېر 19-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن كىچىك تىپلىق كارخانىلاردىن 30 شىركەت خەلقئارا بازاردىن غايىب بولدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن بولغان. ياۋروپانىڭ ئۆزىدىنلا نورۋېگىيەدىكى ئىككى شىركەت باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن تىجارىتىنى توختاتتى. ياۋروپادا خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئېھتىياجدىن ئاشۇرۇپ تەمىنلەشكە باشلىشى ئۆتكەن يىلدىن باشلانغان. بۇ ھازىر داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلە.»

لېكىن برېنرېتۇئېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۈنتاختا ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالغىنى يوق ئىكەن.

برېنرېتۇئېر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ئەھۋالغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭچە، ئۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ مەجبۇرلىشىدا ئاجىزراق شىركەتلەر بازاردىن غايىب بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى»گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا ساھەسى، خىتاينىڭ ئىچكى بازىرى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ كېتەلمەيدىغان بولغاچقا، يەنىلا ئېكسپورتنى كۈچەيتىش بۇ بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن. لېكىن خەلقئارا ئەمگەك ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ياكى خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىگە ئىشتىراك قىلىشى كېرەك ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. «يەر شارى ئادىل ئەمگەك» ۋە «خەلقئارا ئەمگەك ھەقلىرى مۇنبىرى» نىڭ قانۇنىي ئىشلار دىرېكتورى ۋە تەتقىقاتچىسى ئالىسون گېل، خىتاينىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككىلا يولدا مېڭىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاللىسون گېل 19-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «قانۇن ئىجرائات نۇقتىسىدىن ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكا بۇ خەۋپنىڭ پەرقىدە. شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللاشنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا كەلدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئىمپورت چەكلىمىسى ياكى ھوشيارلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ بېسىمنىڭ خىتاينى يولىدىن قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە ئىشتىراك قىلىش ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك. ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى تاللىشىغا بولمايدۇ.» 

نۆۋەتتە، كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشى پەيدا قىلغان خىرىسنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ۋە بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە قانداق تەسىر قىلىشى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. ئاللىسون گېلنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىكەن. ئاللىسون گېل مۇنداق دەيدۇ: «بىر قاتار دوكلات، ئىلمىي تەتقىقات ۋە باشقىلاردىن ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنى ئىجرا قىلىش شەكىللىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەلۋەتتە، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن سەزگۈرلۈكىنى بىلىمىز. شۇڭا، ئۇ بۇنىڭغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى، كارخانا دوكلاتلىرىنى ۋە باشقا ئۇچۇرلار، كارخانىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا قاتنىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى توردىن ئېلىۋەتتى. بىز ھېچبولمىغاندا كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئائىت خاھىشلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ خاھىشىدا، بولۇپمۇ كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خاھىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزگەرتكەچكە، ئۇلارنىڭمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمىز.»

لېكىن ئاللىسون گېلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا سانائىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ جىددىي خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە مۇپەتتىش قىلىش مۇمكىنچىلىك يوق ئىكەن. ئۇ، گېرمانىيەدىكى ماركۇس لۆنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇپەتتىش ئورنىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى بۇنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللسون گىلل: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى سانائىتى ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش خەۋپىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ يولى يوق» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن يۇھاننېس برېنرېتۇئېرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدا تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. ئۇ، ئامېرىكانىڭ چەكلىشى سەۋەبلىك خىتاي كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ پەرقلىق ئىككى خىل تەمىنلەش زەنجىرى +قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. يۇھاننېس رېنرېتۇئېر مۇنداق دەيدۇ:« شۇڭا، خىتاي كۈنتاختا شىركەتلىرى پەرقلىق ئىككى خىل كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇپ چىقتى. خىتاي شىركەتلىرى بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىرىدە خىتاي بولمىغان كارخانىلارنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇنى بولۇپمۇ ئامېرىكا كۈنتاختا ئېكسپورت قىلىشتا ئىشلەتمەكتە. لېكىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالغان قىسمى بۇرۇنقىدەك مېڭىۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولمىدى.»

خەۋەرلەردە، خىتاي ئېكسپورت قاناللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆزىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا سانائىتىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېكسپورتتا بەزى توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەلىرىگە تاموژنا بېجى قويۇش قارارىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2022-يىلى پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنى ماقۇللاپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. خەۋەرلەردە يەنە ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› مۇ خىتاينىڭ كۈنتاختا ئېكسپورتىدىكى كۈچلۈك كاشىلىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن شىركەتلەردىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى دەلىللىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.