يېڭى بىخەتەرلىك خىرىسى-خىتاينىڭ تور ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئاگاھلاندۇرۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI) ۋە «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى (Safeguard Defenders) ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ تور ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقى ۋە تەسىرىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ئورگانلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاي بۇ ھەرىكىتىدە ئاساسلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتى، تاشقىي سىياسىتى، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە خەلق ئاممىسى بۇنى تېخى يېـتەرلىك دەرىجىدە ئىدراك قىلىپ بولالمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تونۇشنى ئاشۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «جامائەت پىكىرى ئۈستىدىكى ئويۇن» (Gaming public opinion) ناملىق مەخسۇس دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن:

«تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاساسلىق نىشان بولۇۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەتلەردىكى سىياسىي رەھبەرلەر، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر، شىركەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچىسى يوق. دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىنتېرنېتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ۋە ناھايىتى ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى تېخىمۇ قۇلاي بولماقتا.»

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ «جامائەت پىكىرى ئۈستىدىكى ئويۇن» ناملىق دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ئالبېرت جاڭنىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توردىكى تەسىر ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەب، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىگە يېتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن:

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېت-ئالاقە تورىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە ئوخشاش قىممەت قاراش ۋە ئىدىيەلەرنى تارقىتىش ئىقتىدارى كومپارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارالدى. شۇڭا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ‹ئاساسلىق جەڭ مەيدانى› دەپ جاكارلاپ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت ئىچىدە كومپارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆزىگە پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن توردا ۋە تور سىرتىدا مۇنازىرە كۈچىنى ئاشۇرماقتا. ئۇ خەلقئارالىق قارالما (كۈنتەرتىپ) لارنى بەلگىلەش ئارقىلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى.»

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى(Safeguard Defenders) تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خەرىتىسى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى(Safeguard Defenders) تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خەرىتىسى. (safeguarddefenders.com)

«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى 23-ماي كۈنى خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ مەزكۇر ئورگانغا قاراتقان ھۇجۇمىنى نۇقتىلىق پاش قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى ھەر قېتىم بىرەر ئورگان خىتاي ھەققىدە مۇھىم دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە كۈچىيىپ كېتىدىكەن. مەسىلەن، بۇ تەشكىلات 2022-يىلى 9-ئايدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدە ئاتالمىش «ساقچى پونكىتلىرى» نى قۇرۇپ، ئامېرىكا زېمىنىدا قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھۇجۇمى ۋە پاراكەندە سېلىش ھەرىكىتى بىردىنلا كۈچەيگەن. دوكلاتتىن كېيىن، تىۋىتتېردا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى بىلەن نۇرغۇن ساختا ھېسابلارنى ئېچىلىپ، نەچچە ئونمىڭلىغان ساختا ئۇچۇر ۋە ياكى مەزمۇن بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ۋىدېيولار تارقىتىلغان.

مۇھاپىزەتچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بۇ ئارقىلىق تىۋىتتېر تورىنى ساختا، ئالاقىسىز ۋە ئەخلەت مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇۋېتىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئۇچۇرنى غەرق قىلىۋېتىشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قەدەر تىۋىتتېردا بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان 127 ساختا ھېسابات بايقالغان بولۇپ، ساختا ھېسابات قۇرۇش بۈگۈنگە قەدەر توختىماي داۋاملاشماقتىكەن. ئوخشاش ھۇجۇم يەنە بۇ تەشكىلات يېقىندا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېـتىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ يۈز بەرگەن.

«خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى» (Chinese Human Rights Defenders) نىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى (William Nee) نىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توردىكى تەسىر ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشىگە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىش لازىمكەن:

«خىتاي كومپارتىيەسى تەنقىدچىلەرنىڭ پېيىغا چۈشىدىغان ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى بۇ دوكلاتتىن كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، خىتاينىڭ ھەرىكىتى مەقسەتلىك. خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتلىرى ۋە تور ئارقىلىق قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرى ھەممىسى خىتاي ھەققىدىكى ئەسلى سىگنالنى-ئۇچۇرنى يوققا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. مەن خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى بەك مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دەپ قارىمىساممۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن تەنقىدچىلەر تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا مەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى بولسۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بولسۇن، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى، خىتاينىڭ تور ئارقىلىق قىلىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەھەل، يۇتۇب قاتارلىق تور بەتلەر ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقات ۋىدېيولىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىدېيولاردا ئاتالمىش ئۇيغۇر تور چولپانلىرىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان ھەمدە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ چەكلىگەن ئامېرىكانى تەنقىد قىلغان ئىدى.

تەتقىقاتچى ئالبېرت جاڭنىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئاممىنى قايىل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنى يەنى «جەنۇبىي يېرىم شار» (Global South) دەپ ئاتىلىدىغان ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بەلگىلىك تەسىر ياراتقان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى رەت قىلىدىغان تەشۋىقاتى بەزى رايونلاردا ئۈنۈملۈك بولدى. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشقا يارىدى. شۇنداقلا يەنە يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى لاتىن ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى بىلمەيدۇ ياكى سۆزلەشنى خالىمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ تەشۋىقاتى ئارقىلىق غەربتىكى ئاممىنى قايىل قىلىشتا ئانچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شەخسلەر ۋە كارخانىلارنى جىمىقتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.»

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تەسىر يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ ھازىر سەل قاراشقا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئۇلار دوكلاتىدا «ئەگەر بۇ مەسىلە يەنە ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، خىتاي كومپارتىيەسى تور ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى كۈنسېرى كۈچەيتىپ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان، كرىزىس مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، رەھبەرلەرگە ياكى دېموكراتىك ئورگان ۋە جەريانلارغا ئىشەنمەيدىغان، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى بۇزۇپ تاشلايدىغان، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە توغرا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىنى توسىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

تەتقىقاتچى ئالبېرت جاڭ بىزگە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ئەمدى ئاكتىپ ئىنكاس ھالىتىدىن، ئاكتىپ ئىستراتېگىيە ھالىتىگە تېزدىن ئۆزگىرىشى لازىملىقىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ بۇ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىخەتەرلىك خىرىسىغا قارىتا ئورتاق تەدبىر تۈزۈشى لازىملىقىنى» ئەسكەرتكەن.