مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرى ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلىدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.07
xitay-internet-tekshurush-cheklesh.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 31-ئىيۇل.
Imaginechina

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نى جازا تىزىملىكىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر شىركەت «فلاكس تەيفىڭ» دېگەن نام بىلەن بىلىنىدىغان خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بولغان زور كۆلەملىك بىر ھۆددىگەرلىك شىركىتى. بۇ شىركەتنىڭ خاككېرلىرى بېيجىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى» دېگەن.

تېخنىكا ۋە جۇغراپىيەۋى-سىياسەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە تەتقىقاتچى جېففىرىي كەين (Geoffrey Cain) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «يوڭشىن جىچېڭ تېخنىكا گۇرۇھى باشقا نۇرغۇن خىتاي تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىدا رول ئوينىغان».

ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى تور ئۇرۇشى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ شىركەت قوللىشىدىكى فلاكس تەيفىڭ ناملىق خاككېرلىق گۇرۇھى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە سەۋەب بولغان زور كۆلەملىك ھۇجۇملارنىڭ كەينىدىكى گۇرۇپپا.»

خىتاي تەرەپ بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ۋە ھەمدە ئامېرىكانى خىتايغا بوھتان چاپلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 6-يانۋار كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، بىراق ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىنى خىتايغا تۆھمەت قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككى تەرەپ تور ساھەسىدىكى رىقابەتتە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ كېلىشىمنىڭ ئانچە پايدىسى بولمىغان. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خاككېرلىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا نىشان قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن. ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كو بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تور بوشلۇقىدىكى رىقابەتتە مەلۇم تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن كېلىشىملىرى مەۋجۇت. بىراق بۇ كېلىشىم سابىق پىرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بىر قەدەر ئىشقا يارىغان بولسىمۇ، ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. چۈنكى تور بوشلۇقىدا كىمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئىنتايىن قېيىن. يەنە بىرسى، ئادەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە ياكى گۇرۇپپىلار تور ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپى سودا مەخپىيەتلىكى ۋە ياكى سانائەت مەخپىيەتلىكى دېگەنلەرنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي شۇغۇللىنىۋاتقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان. بۇ ئوخشىمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇلار ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئامېرىكاغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇسۇلدا نىشان قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ھەرقانداق بىر جىددىي ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كېچىكتۈرۈشى ۋە ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالىشى مۇمكىن.»

دەرۋەقە، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى 250 مىڭدىن ئوشۇق ئەسلىھەگە سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر رېي بولسا ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، بۇ شىركەتنى «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىستىخبارات توپلاپ، رازۋېدكا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن.

«بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن جازاغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ قارارىدىن كېيىنلا «خىتاي دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزى» بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، تور ئادرېسى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ۋە فىلورىدا قاتارلىق ئىشتاتلىرىنى كۆرسىتىدىغان يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇملىرىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇنداق تور ھۇجۇملىرىنىڭ گوللاندىيە، سىنگاپور، مېكسىكا، تۈركىيە ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى تور سىستېمىسى ۋە تور ئابونتلىرىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى» دېگەن.

بىراق، تەتقىقاتچى جېففىرىي كەين نىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تور مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغۇچ پەرق بار ئىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:

«ئىككى تەرەپنىڭ توردىكى ھەرىكەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ پەرق بار. خىتاي بولسا خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشتەك مەقسەتلەر بىلەن ئامېرىكا سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلماقتا. تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىش ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇشلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى. بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا خىتاينىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشنى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي شىركەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى كۆزلىمەيدۇ. ئامېرىكانىڭ تور ھەرىكەتلىرى خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ھەربىيلىرى ھەققىدە ئاخبارات توپلاشنى ۋە ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەنچە بۇ نورمال ئەھۋال.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نى جازا تىزىملىكىگە ئېلىش ئارقىلىق بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مال-مۈلكىنى توڭلاتقان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ شىركەت بىلەن ھەرقانداق تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىگەن ۋە شۇغۇللانغانلارنىڭ جازاغا تارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. دوكتور رايموند كونىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ جازاسى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇئەسسەسەلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك جازا بولۇپ، ئۇ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ بۇ ھەرىكەتكە قوشۇلۇشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭچە تور بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەر بۇندىن كېيىن كۆپىيىپ ماڭىدۇ. چۈنكى بىز تور ساھەسىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى تور جاسۇسلۇقى دەرىجىسىدىن ھالقىپ تور سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىش مەشغۇلاتىغا تەييارلىق قىلىش دەرىجىسىگە بۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك نۇقتىئىنەزىرىدىن تۇرۇپ قارىغاندا ئامېرىكانىڭ بەرگەن جازاسى بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدىن ئىبارەت.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.