خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن كۆچمەن خىتاي ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەت چىقارغان

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» باھانىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتايلارغا بېرىۋاتقان ئىش پۇرسىتىدىن باشقا، بىكارلىق ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە باشقا ئالاھىدە ئىمتىيازلار تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. نۆۋەتتە بۇ خىتايلارغا تۇغۇت تولۇقلىمىسى بېرىشكە دائىر يېڭى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق چارە ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى باشقا ئۆلكە-شەھەرلەردىن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى دەل جايىدا ئىلتىماس قىلىش ۋە ھەل قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يېڭى سىياسەتنى چىقارغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سىياسەت بويىچە، ئۈرۈمچى، سانجى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئايال خىزمەتچىلەر، ئىچكىرى خىتايدىكى تەۋەلىكىگە قايتمىسىمۇ، ئۇيغۇ رايونىدىكى يەرلىك دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئورۇنلىرىدا بالا تۇغالايدىكەن؛ كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى تېلېفوندا سىكانىرلاش ئارقىلىقلا تۇغۇت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن؛ شەھەر ياكى ئۆلكە ئاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

ياشانغان كىشى نەۋرىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 10-ماي، بېيجىڭ
ياشانغان كىشى نەۋرىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 10-ماي، بېيجىڭ (AP/AP)

ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇت ياردەم پۇلى ئۇچۇرلىرىنى «ئاپتوماتىك دەلىللەش» يولغا قويۇلىدىكەن. داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى بىۋاسىتە يوللاپ، ئۇچۇر سۇپىسى تۇغۇت تولۇقلىمىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاپتوماتىك چىقىرىپ بېرەلەيدىكەن.

ئۈچىنچىسى، بۇ سىياسەت ئارقىلىق، تۇغۇت تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىشتا ھېچقانداق خاتالىق يۈز بەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. خەۋەردە، مەزكۇر سىياسەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان بىر سىياسەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دېمەك، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 9 ماسلاشتۇرۇش رايونىدا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى ئالغىلى بولىدىكەن؛ سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۆزلىرى مەلۇم قىلمىسىمۇ، تۇغۇت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا نوپۇس چەكلەشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىچكىرى خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنى زور دەرىجىدە بوشىتىپ، خىتايلارنى كۆپ تۇغۇشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى بۇ سىياسەتتىن ئايان بولۇپ تۇرماقتا.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز، 2021-يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە ئانالىز» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللىرىدا ئاشكارىلانغان بەزى ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرى مۇشۇ بويىچە داۋاملاشسا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، 2040-يىلىغا بارغاندا 2.6 مىليوندىن 4.5 مىليونغىچە كىشىنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئادرىئان زېنزنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ مەلۇم بىر رايونغا مەركەزلىك توپلىنىپ قېلىشىنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ ھېسابلىغان. يەنى زېنزنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 20 يىلدا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر نەچچە مىليون تۆۋەنلەش بەدىلىگە خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئېشىش نىسبىتى 25 پىرسەنتكە يېتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ چۈشكەندە، ئاندىن ئاتالمىش «نوپۇسنىڭ ئەلالاشقانلىقى» ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

ئادرىئان زېنز مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نامىدا تۇغۇت چەكلەش ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مەقسەتلىك ئازايتىش سىياسىتىنى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغانىدى.

ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن خىتايلارنىڭ تۇغۇت تولۇقلىمىسى ئېلىشىنى قولايلىق ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئاھالە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسەتلىرى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بۇ سىياسەتتىن كىملەر مەنپەئەتلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت جېجياڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىمنىڭ بايانلىرىدىن، مەزكۇر يېڭى سىياسەتتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش «نىشانلىق ياردەم» گە كەلگەنلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جېجياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە بېرىشكە كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سىياسەت ئۇلارنىڭ مۇشۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى دوختۇرخانىلاردا، تورلاشقان سىستېما ئارقىلىقلار ھېسابات قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، رەسمىيەت ئۈچۈن ئارتۇق ھەق تۆلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ» .

ئۇنىڭدىن ھازىر جېجياڭدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» كە كەلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەر قايسى باسقۇچلاردا قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىز مىڭدىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ رايون ئاتلاپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بارا-بارا باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيتىلىدۇ» .

بىز يەنە تۇغۇت تولۇقلىمىسى ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن سانجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئارقىلىق تۇغۇت ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بىر شەنشىلىق خىتاي ئايالنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى يېقىنقى كۈنلەردە بالىسىنى سانجىدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا تۇغقانلىقىنى، بۇ سىياسەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتمايلا ئىنتايىن قولاي ھالدا تۇغۇت ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلىگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«يۇرتۇم شەنشى، يولدىشىم ئىككىمىز شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن. شۇڭا مەن بالامنى شىنجاڭدا تۇغدۇم. مېنىڭ نوپۇسۇم بۇ جايدا بولمىغاچقا، تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى بۇ جايدا ئىلتىماس قىلالمايمەن، چوقۇم يۇرتۇمغا قايتىشىم كېرەك ياكى يۇرتتىكىلەر رەسمىيەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما، شىركىتىمىزنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى ئاتچوت قىلىشىم ئۈچۈن، قانداق ھۆججەتلەر ئەۋەتىشىم كېرەكلىكىنى سورىغاندا، ئۇ ماڭا ھازىر، مۇشۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا تولۇقلىما پۇلىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىدىلا، ئىككى مىڭ يۈەن تۇغۇت تولۇقلىمىسىنى قولۇمغا بەردى. قانداقلا بولمىسۇن ئىككى مىڭ يۈەن خېلى جىق پۇل» .

بىز ئۇنىڭدىن يەنە تۇغۇت تولۇقلىمىسى ئېلىش ئۈچۈن، قانداق ھۆججەت ماتېرىياللارنى ھازىرلاش شەرت ئىكەنلىكىنى سورىدۇق، ئۇ بۇ جەرياننىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ قولاي بولغانلىقىنى، پەقەت كىملىكى، ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسى، شىركەتنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى بىلەنلا تور ئارقىلىق ياردەم پۇلىنى نەقلەشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا، ھەر قانداق جايدىن شىنجاڭغا كېلىپ تۇغقانلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۇغۇت چىقىمىنى ئاتچوت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە ئۆزى تۇغقانلارغا 800 يۈەن، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقانلارغا 2000 يۈەن تۇغۇت تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن.

بۇ شەنشىلىك خىتاينىڭ سانجىغا كېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. بىز ئۇنىڭدىن، «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەر، سىلەر كۆچمەنلەر بەھرىمەن بولغان سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، نېمە ئۈچۈن پەرقلىق بولىدۇ؟ » دەپ سورىدۇق. ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق زور پەرق بار، راستنى ئېيتسام مەنمۇ بىلمىدىم» دېدى ۋە تېلېفوننى قويدى.

2017-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار» غا زەربە بېرىشنى باشلىغان، «ئارتۇق تۇغقانلار» نى مەلۇم قىلغانلارنى مۇكاپاتلىغان. «پىلاندىن ئارتۇق تۇغقان» ئۇيغۇر، قازاق ئائىلىلىرىنى، مەيلى ئۇ بالىسى قانچە ياشقا كىرگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جازالاشقا باشلىغان، ئاياللارغا تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سېلىش، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى يولغا قويغانىدى. بۇ خىل جازالاشنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە يېقىنقى كۈنلەردە، بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ «پىلاندىن سىرت» تۇغۇلغان بالىسى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان قىسقا سىن كۆرۈنۈشى تارقالغانىدى.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىدىن خورلۇق ۋە ناھەقچىلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇنئاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈنەستىكى لاگېردا ئۆزى سولانغان كامېردا 40 ئايالدىن سەككىزى «پىلاندىن كۆپ تۇغقان» دېگەن جىنايەت بىلەن لاگېرغا قامالغان ۋە ئېغىر جازالانغان.

تۇرسۇنئاي يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردىلا ئەمەس، لاگېرغا كىرمىگەن تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش، «پىلاندىن ئارتۇق» بالىلىق بولغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇش ۋە جازالاش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەمدىلىكتە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جەريانىدا يوقاتقان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەن.