خىتاي تۈرمىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.03.29
ghayib-uyghurlar-ziyaliy-tutqun تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن (1-رەت سولدىن ئوڭغا) ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، قۇربان مامۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، (2-رەت سولدىن ئوڭغا) خالمۇرات غوپۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى.
Photo: RFA

2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئالغان «قايتا تەربىيەلەش»، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇندا تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ ئىچىدە 55 ياشتىن ئاشقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جىن بونىن قۇرغان «شاھىت بىز تورى» 27-مارت كۈنى ئېلان قىلغان تىزىملىكتە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە يازغۇچىلاردىن بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەرجىمىھالى يەر ئالغان.

تىزىملىكتە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئالىي مەكتەپتىكى پىروفېسسورلاردىن مۇددەتسىز ۋە 15 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتچان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكرى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. شۇنىڭدەك قۇربان مامۇت، ئابدۇراخمان ئەبەيگە ئوخشاش ژۇرنالىست يازغۇچىلار، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغاندىن كېيىن قازا قىلغان پىروفېسسور ئابدۇكېرىم راخمان، دىنىي ئۆلىما ئابىدىن ئايۇپقا ئوخشاش ياشانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى ھەققىدە ئۇلارنى يېقىندىن بىلىدىغان چەتئەللەردىكى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، مۇستەقىل تاراتقۇلاردا ئىسپاتلانغان خەۋەر ئۇلىنىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان چاقىرىق ۋە باياناتلارمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدىكى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابىدىن داموللام. (ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئاتۇشنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدىكى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابىدىن داموللام. (ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مارىيە مەمەت
abidi

تىزىملىكتە 1-ئورۇنغا تىزىلغان پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى بايانلاردا، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، مۇستەقىل تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە ئۇنى ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرى ۋە چاقىرىقلىرى بىرقەدەر تەپسىلىي بېرىلگەن.

راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە، راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

2018-يىلدىن باشلاپ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ تىزىملىكنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىدىكىلەر ئاساسەن 60 ياشتىن ئاشقان مويسىپىتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئىزچىل خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەر بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا.

تىزىملىكتە يەنە تۈرمىدە ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرىنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتە توختالغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزى بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم.
مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم.
Social Media

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخماندىن باشقا يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇت، دىنىي ئۆلىما ئابىدىن ئايۇپ داموللا ھاجىم، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، ئابلىمىت داموللا ھاجىم، ئابلەت مەخسۇم ھاجىم قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تىزىملىكتە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى قاتارىدا يەنە كىشىلەرگە ئانچە تونۇلمىغان ھەمدە 60 ياشتىن ئاشقان بىر قىسىم ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىسمى بار. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرگە دىنىي ئاشقۇنلۇق جىنايەتلىرىنى ئارتىپ سوتلىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي تەلىمات ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ئاتالمىش جىنايى پاكىتلىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

 «شاھىت بىز» تورىدا گۇۋاھچىلاردىن دىنىي ئۆلىما ئابىدىن ئايۇپنىڭ جىيەن قىزى، بوستوندىكى مارىيە مۇھەممەت خانىمنىڭمۇ ئىسمى بېرىلگەن بولۇپ، مارىيە خانىم ئۆزىنىڭ 55 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. مارىيە مۇھەممەت خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىزىملىكتىكىلەردىن ئېرى سادىر ئېلى ۋە ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن تاغىسى ئابىدىن ئايۇپتىن باشقا، ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شاھىت بىز» تورىدا ئىسمى بېرىلگەن غاپپارجان مەمەت ئېلى ئۇنىڭ يەنە بىر تاغىسى بولۇپ، تاغىسى غاپپارجان مەمەت ئېلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ كېيىن تاغىسى غاپپارجان مەمەت ئېلىنىڭ ئېغىر ئاغرىق سەۋەبىدىن يېقىندا تۈرمە سىرتىغا داۋالاشقا چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما تاغىسى ئابىدىن ئايۇپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى بارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىدىكى باشقا تۇغقانلىرى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئالالمىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.