ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) يېقىندا «دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلار: ساختا ئۇچۇر، تەشۋىقات ۋە ئۇيغۇر كرىزىسى» ناملىق يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كىرزىسىگە ئورۇن بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
28-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك، «ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەر تورىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇخبىرى بىسەنى ئەلىن، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئادۋوكات، ھازىر تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەدنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، تور مۇزاكىرە يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا سولىغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ئاشكارىلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان، كېيىن سۈكۈت قىلىشتىن ئىنكار قىلىشقا ئۆتكەن. لاگېرلارغا ئائىت ھۆججەتلەر كەينى-كەينىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قانۇنلۇق قورال قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنىڭ مۇرەككەپ تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەيران قالارلىق بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى داڭلىق ئارتىسلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرى ئىئوردانىيە ۋە ئالبانىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئۈنۈمى بولدى.»
«ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەر تورىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇخبىرى بېسەنى ئەلىن خىتاينىڭ قاتتىق ئۇچۇر كونتروللىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بۇ سىياسەت شى جىنپىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كونتىروللىقىغا ئېلىش ئىستىكىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ كونتروللۇق پۈتۈن خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ كېسەللىك.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ساختا ئۇچۇرلىرى ھەققىدە رەيھان ئەسەت ئۆزى شاھىت بولغان ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە ئايان، خىتاي باشتا ئىنكار قىلىشتىن كېيىنچە «قايتا تەربىيىلەش» دېگەن نام بىلەن ئاتىغان لاگېرلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان ‹يېقىشلىق› سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ رەيھان ئەسەدنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى لاگېر ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بىلمەيدۇ. ‹شىنخۇا تورى› ۋە خىتايدىكى باشقا قاناللار تارقاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىلىرىدۇر. شۇڭا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچى›، ‹بۆلگۈنچى› دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشنى ‹تېررورچىلارنى جازالىدى› دەپ چۈشىنىدۇ. مانا بۇ ساختا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى.»
بىسەنى ئەلىن خىتاينىڭ تەشۋىقات تەسىرىنىڭ ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتى ئاشۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە گۇمانغا سىلىشتىن ئىبارەتتۇر.»
خىتاينىڭ چەتئەللەرگە ۋە دۆلەت ئىچىگە تارقاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە رەيھان ئەسەت يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇزۇن يىللىق قوشنىمىزمۇ ئىنىمنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇقلۇق. ئەسلىدە ئاشۇ كىشىلەر لا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلەيتتى.»
بىسەنى ئەلىن ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىچىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن تەس. ئۇچۇر مەنبەلىرى بەك چەكلىك. شۇڭا مۇخبىرلار رەسمىي تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلار، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يۈرەكلىك ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»
خىتاينىڭ ئاجايىپ كۈچلۈك تەتۈر تەشۋىقاتى ئالدىدا ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ ئىچ يۈزىنى خەلقئارا جامائەتكە قانداق ئاڭلىتىش ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى توپلاش، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش قاتارلىقلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00