خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇچۇر ئۇرۇشى: ئۇرۇنۇشلار ۋە «ئۈنۈم» لەر (1)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بولۇپ، تور دۇنياسىدا داۋام قىلغان بۇ مەۋھۇم ئوپېراتسىيە يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى جامائەت پىكىرىنى چالغىتىش، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ساختا ئۇچۇرلارنى دۇنياغا يېيىپ تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختلىك» تۇرمۇشى

ئالبېرت جاڭ (Albert Zhang) ۋە تىللا خوجا (Tilla Hoja) ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا دائىر ئۇچۇر ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە باھا» دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زۇلۇملار ۋە ئىنسانىيلىقتىن ھالقىغان قەبىھلىكلەرنى ئۆزگەرتىش، شۇ ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان تەنقىد چۇقانلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئورنىغا دۆلەتنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، ئىستىخبارات سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى ئالاقە تورىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ مەنبەسىنى جىمىقتۇرۇش، بۇنىڭغا قادىر بولالمىغاندا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردە ئۇچۇر ئۇرۇشى قوزغاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلارغا «رەڭ بېرىپ بازارغا سېلىش» بولۇپ كەلگەن.

ئاپتورلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنىڭ قانداقلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىشنى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي «رەڭ بېرىلگەن» قىياپەتتە تەسۋىرلەۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل «سىياسىي سېھىرگەرلىك» نى قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇنتىزىم شەكىل ۋە كۆلەم ئالغانلىقى لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق رەسمىي تۈردە دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇچۇر ئۇرۇشى تېخىمۇ يۇغۇرى سەۋىيەگە يۈكسەلگەن. بولۇپمۇ خەلقئارادا خىتايغا قارشى پىكىر دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ماھىيەتتە خەلقئارانىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدە سەلبىي نەتىجىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك نەزەردە تۇتۇش» پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلغان. شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى ھۆكۈمرانلىقىغا تاشقى جەھەتلەردىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئازايتىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى خادىملارنى نۇقتىلىق ئىشقا سالغان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق دەۋران سۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار بولسا بەختلىك ھالدا شادىمانلىق ئىچىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى داۋام قىلدۇرماقتا» دېگەن ئۇچۇرنى كۆپلەپ يوللىغان. دەرۋەقە بۇ خىل ئۇچۇر ئۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەن «پايدىلىق ۋەزىيەت» نىڭ شولىسى تېزلا كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان. شۇڭا بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مۇشۇنداق بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيا ئانچە بىلىپ كەتمىگەن يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان ئالبېرت جاڭ رادىيومىز بىلەن بولغان مەخسۇس سۆھبەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز بۇ دوكلاتتا ئۈچ ئىشنى قىلماقچى بولدۇق. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇچۇر ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇچۇر ئۇرۇشىدىن قانداق پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. شۇڭا دوكلاتنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە بىز ئۇچۇر دۇنياسىغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىندى. ئىككىنچى بۆلەكتە بولسا ئۇچۇر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، يەنە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇ بوشلۇقىنى قانداق نىشان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردۇق. شۇڭا بىز ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قاراپ چىقىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئارادىكى پىكىر ساھەسىنى مونوپول قىلىشقا قانداق ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىققىمۇ قاراپ چىقتۇق. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ يوسۇندا شىنجاڭنى ئالەمدىكى جەننەت كەبى ماكان قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق بۇ جايدىكى زۇلۇملارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئاخىرىدا بولسا بىز بۇ خىل ئۇچۇر ئوپېراتسىيەسىنىڭ زادى قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقىغا قاراپ چىقتۇق. بولۇپمۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭغا قايسى دەرىجىدە ئىشەنگەنلىكى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئورگانلارنىڭ مۇشۇ تۈپەيلىدىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتورا ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوللىغانلىقىنى شەرھلەپ بەردۇق.»

ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ باش قوماندانى-شى جىنپىڭ

ئاپتورلار دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ مۇنتىزىم سىستېما ئېلىشىدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئوينىغان رولى بولغان. ئۆتكەن مەزگىللەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن پاش بولغان كۆپلىگەن مەخپىي ھۆججەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋە قوماندانى شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ھېچقانداق يوچۇق قالمىغان دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياۋى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە رەقەملىك ئۇچۇر سۇپىلىرىنى مۇھىم «جەڭگاھ» قىلىشنى تاللاشتا ئوخشاشلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق رەھبەرلىكى بويىچە ئىش كۆرگەن. شى جىنپىڭ شەخسەن بىرنەچچە قېتىملىق ھۆكۈمەت يىغىنىدا «توردىكى جامائەت پىكىرى خىزمىتىنى تەشۋىقات ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئالدىن قىلىنىدىغان ئىشلىرى قاتارىغا قويۇش كېرەك. دۆلىتىمىز جامائەت پىكىرى ئۇرۇشىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ» دەپ يوليورۇق بەرگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى باشقا يۇغۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇر دىيارىغا چېتىشلىق تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە زۇلۇملارنىڭ خەلقئارادا دائىملىق چوڭ تېمىغا ئايلىنىپ كېتىشىنى «كومپارتىيەنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا، خەلقئارادىكى نوپۇزىغا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا بەكمۇ زىيانلىق» دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارادىكى بۇ خىل پايدىسىز ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تاشقى دۇنيادىكى خەلقئارالىق بايانلارنىڭ «قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش» ھەققىدە قارار ئېلىنغان. 2020-يىلى نويابىردا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك سۆھبەت يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋاڭ ياڭ «دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى ھېكايىلىرىنى داۋاملىق ئېيتىش، ئېيتقاندىمۇ بۇنى ياخشىلاش ئاساسىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش، ئاخىرىدا بۇ ھېكايىلەرنى دۇنياغا تارقىتىپ خەلقئارادا بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىغا يول ئېچىش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. 2020-يىلىدىكى 3-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى مۇنبىرى» دە يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپ قاتلام بويىچە ياخشى بايان قىلىش، شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە شادىمانلىقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كىشىلەرگە بىلدۈرۈش لازىم» دەپ يوليورۇق بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئالبېرت جاڭ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ بىلىشىمچە شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېتىملىق سۆزلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. يەنە كېلىپ ئ‍ۇنىڭ بۇ خىل سۆزلىرى باشقا يۇغۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئ‍ەمەلدارلىرى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان يىغىنلاردىمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا نىشانلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تەكرارلانغان. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ بۇ جايدىكى زۇلۇملارغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان باش ئىنژېنېر ئىكەنلىكىگە مېنىڭ باشقا گۇمانىم يوق. ئەمما بىزنىڭ بايقىشىمىزچە ئۇ يەنە بىز بايان قىلىۋاتقان مۇشۇ تەشۋىقاتلار ۋە ئۇچۇر ئوپېراتسىيەسىنىڭمۇ باش قوماندانى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دائىم خىتاينىڭ چەتئەلگە قاراتقان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە قاتتىق قول ۋە تاجاۋۇزكار شەكىلدىكى ئىستراتېگىيەنى قوللىنىش تەرەپدارى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ ھال ياپونىيەگە قارىتىلغان تەشۋىقات ھۆججەتلىرىدە ھەرقاچان شۇنداق بولدى. بۇلاردا لۈكچەكلەرگە خاس بايان شەكىللىرى كۆپ قېتىم ئۇچرايدۇ.»

ئەنە شۇ خىل «ئالىي يوليورۇق» لارنىڭ يېتەكچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن «شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى كەڭ تارقىتىش» مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئىدېئولوگىيە مۇئەسسەسىسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. بۇ جەھەتتە ئىچكى قىسىمدا «دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرى» ۋە «ياشلار قۇرۇلۇشى تەتقىقات تېمىسى» نامىدا كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە ئۆزىنى «مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان» دەيدىغان لياڭ جېڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرى باشلامچىلىق بىلەن بۇ ھەقتىكى نەزەرىيەۋى ساھەنى «بېيىتقان»، تاشقى جەھەتتە بولسا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى نىشان قىلغان ئۇچۇر ئۇرۇشى كەڭ قانات يايغان.

«شىنجاڭ ھەققىدىكى تۆھمەتلەرنى قەتئىي ئىنكار قىلىش لازىم!»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى يىلدا زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرغان ئۇچۇر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا باش نىشان بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ باش شتابى ئامېرىكا تەۋەسىدە بولغان داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش بىرىنچى ۋەزىپە بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئۇلار قوللانغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارنى ئاپتورلار ئۈچ تۈرلۈك قىلىپ خۇلاسىلىگەن بولۇپ «قەتئىي ئىنكار قىلىش»، «چالغىتىش» ۋە «توسقۇنلۇق پەيدا قىلىش» شەكلىدە بايان قىلىنغان.

بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دىپلوماتىيە خادىملىرى چەتئەلدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» مەيلى قانداق كۈچلۈك ۋە رېئال بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ «قەتئىيلىك بىلەن ئىنكار قىلىش» مەۋقەسىدە بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە شۇنچە كۆپ ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا تاشلانسىمۇ ئۇلار بۇنى يالغانغا چىقىرىپ «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستى» دېگەندەك قاراشلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ تىۋېتتېر بېتىدە «شىنجاڭ ھەققىدىكى خاتا ئۇچۇرلار ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر» دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان.

خىتاي دىپلوماتلىرى ئاكتىپ قوللانغان «چالغىتىش» تاكتىكىسىدا ئۇلار ھەدىسىلا ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى «قىرىپ تاشلاش» قىلمىشىنى كۆپلەپ «پاش قىلىپ» قىرغىنچىلىق قىلىشنىڭ يالغۇز خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا خاس ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى بۇ خاتالىقلارنى ئاللىقاچان ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەيىبلىك ھېس قىلىدىغانلىقىدەك رېئاللىق ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تارىختىكى خاتالىق ئارقىلىق بۈگۈنكى جىنايەتنى ئاقلاشنىڭ تولىمۇ رەزىللىك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەس بولۇۋالغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا «قەلبى خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە خىتاي دۆلىتىگە تەلپۈنىدىغان» بىر تۈركۈم تورتۇرا ساھىبلىرى پەيدا بولۇپ «شىنجاڭدا ھېچقانداق زۇلۇم يوق» دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئالبېرت جاڭ مۇنداق دەيدۇ: . «مېنىڭ قارىشىمچە، 2019-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان بوشلۇقتىن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دۇنياسىدىن غايەت زور دەرىجىدە پايدىلاندى. دىققەت قىلىدىغان بولساق 2019-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان دىپلوماتىك خادىملىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن، جۈملىدىن تىۋېتتېر، فېيسبوك (يۈزدىدار) دېگەنلەرگە تىزىملىتىپ رەسمىي ھېساب ئېچىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن ئ‍ۇچۇرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بايانلىرى ئۇلارنىڭ ئاشۇ رەسمىي ھېسابات بەتلىرىدىن تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇلار يەنە بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن يەنە ئاممىۋى ئالاقە شىركەتلىرىنى ياللاپ ئاشۇ ئۇچۇرلارنى ياللىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىدىكى ئەركىن، دېموكراتىك ۋە ئوچۇق بولغان تور دۇنياسىدا كۆپلەپ تارقاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرى رەسمىي ھېسابات بەتلىرىگە ئىگە بولغان ھەقىقىي سالاھىيەتتىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاۋامنى قايىل قىلىش ۋە ئىشەندۈرۈشتە زور رول ئ‍وينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان ھېچقانداق چەتئەل ئاخباراتىنى خىتاي تەۋەسىگە يېقىن يولاتمىدى. ئۇچۇرغا بولغان كونتروللۇق ۋە چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن ئۇچۇر بوشلۇقىدىكى مەنپەئەتلەر شۇلارنىڭ بولۇپ كەتتى.»

ئەنە شۇ تەرىقىدە قىسقىغىنە ئىككى يىلدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولغان بۇ ئۇچۇر ئۇرۇشى كۆزلەنگەندىنمۇ زور «ئۇتۇقلار» غا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش خەلقئارادىكى كۆپلىگەن سورۇنلاردا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خاتا ۋە زىيانلىق قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا يول ئاچقان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.