خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى نۆۋەتتە كۆپلىگەن ساھەدە كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بۇنچە «ئوڭۇشلۇق» ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە ئاخباراتلاردىن قارىغاندا تور دۇنياسىدا داۋام قىلغان بۇ مەۋھۇم ئوپېراتسىيە يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى جامائەت پىكىرىنى چالغىتىش، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ساختا ئۇچۇرلارنى دۇنياغا يېيىپ تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتىدىكى خۇنۈكلەشكەن ئۇيغۇر ئوبرازى»
ئالبېرت جاڭ (Albert Zhang) ۋە تىللا خوجا (Tilla Hoja) ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا دائىر ئۇچۇر ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە باھا» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان «ئۇچۇر ئۇرۇشى» ئومۇمەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن ھەرقاچان ئوڭ تاناسىپ بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى «3-نۆۋەتلىك مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى»، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا جازا ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللىشى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى قاتارلىق ۋەقەلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىققان. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مەبلەغ چىقىرىش ئارقىلىق ماڭدۇرۇۋاتقان ئاخبارات قاناللىرى ئىچىدە ئىنگلىز تىلىدىكى ئۇچۇر يوللىرىدىن باشقا يەنە ئەرەبچە، ئوردۇچە، تۈركچە قاتارلىق تىللار ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا تارقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقىتىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇقى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى»، ئىسلام ئاشقۇنلۇقىنىڭ «ئىناق جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بېسىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلار ئالىمىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقنىڭ ئورنىنى نەپرەت بىلەن تولدۇرۇش، زۆرۈر بولغاندا ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىشقا زېمىن ھازىرلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئۆز ئالدىغا پەردازلاپ شەرھىلىشىگىمۇ بىر مۇھىم «دەستەك» ھازىرلانغان. ئەنە شۇ خىل كۆپ خىل ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە رول ئوينىشى تۈپەيلىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشاش دۇنياۋى مۇنبەرلەردە ئىسلام دۇنياسى ھېچقانداق خىجىل بولماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ۋە ئاشقۇن ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش مەزمۇنىدىكى باياناتىغا قوللاپ ئاۋاز بېرىش ھادىسىسى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكلات ئاپتورلىرىدىن ئالبېرت جاڭ بۇنىڭدىكى كۆپ قىرلىق ئامىللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ.
«بۇ دوكلاتتا بىز ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن بىر نۇقتا ئوتتۇرا شەرق ياكى ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇشۇ خىل تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ كېتىشىدە ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ يېگانە ئامىل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بولدى. چۈنكى قارايدىغان بولساق ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى سودا ئېكسپورت نىشانى خىتاي. ئەمما ھۆكۈمىتىمىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى ھەمدە بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن سەلبىي تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى ئەيىبلەۋاتمامدۇ؟ شۇڭا بىز بۇ دوكلاتتا مۇشۇ خىلدىكى خىتايغا پايدىلىق بايان شەكلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك زىيان بولىدىغانلىقىغا، بۇنىڭ ئىقتىسادتىن باشقا ساھە بىلەنمۇ ئالاقىسى بارلىقىغا قاراپ چىقتۇق. ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ئۇزۇن مەزگىل يىلتىز تارتقان غەربنى دۈشمەن كۆرۈش چۈشەنچىسى تۈپەيلىدىن بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ تەشۋىقاتى ئاسانلا يېڭى تۇپراققا ئىگە بولغان. خىتايمۇ ئاشۇ خىل پەۋقۇلئاددە چوڭ مۇھىتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھەققىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ غەرب جاھانگىرلىكى ياساپ چىققان ئويۇن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە جاھانگىرلىك بىلەن تويۇنغان مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەر تېزلا خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ غەربنى ئەيىبلەشنى تاللىۋالغان. ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي ئامىل بەك مۇھىم، ئەمما ئاشۇ خىلدىكى چۈشەنچىلەرمۇ مۇھىم رول ئوينىغان».
«مىليونلارچە ‹شىنجاڭ› نامى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟»
دوكلاتتا ئالاھىدە شەرھلەنگەن بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى ئاجرىتىش بەدىلىگە داۋام قىلدۇرۇۋاتقان «ئۇچۇر ئۇرۇشى» نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى قانداق بولغانلىقىدۇر. بۇنىڭدا ئاپتورلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسۋىرنى قانداق شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئىنكار قىلىش، پىكىرنى چالغىتىش ۋە مەۋجۇت رېئاللىقنى ئاشكارىلاشقا توسقۇنلۇق قىلىشتىن باشقا يەنە تور دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىكى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ئۆز خاھىشىغا ماس ھالدا بۇراشنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئاپتورلارنىڭ ئېنىقلاپ كۆرۈشىچە، 2020-يىلى 1-يانۋاردىن 2021-يىلى 1-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى «شىنجاڭ» سۆزىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ فەيسبوك (يۈز دىدار) دا 613 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق، تىۋىتتېردا يەتتە مىليون قېتىمغا يېقىن ئۇچۇر يوللىغان. بۇ ئۇچۇرلار ئىنگلىزچە، خىتايچە، ئەرەبچە، ياپونچە ۋە باشقا تىللاردا يوللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھېساباتىدىن يوللانغان. شۇ قاتاردا «شىنجاڭ دېگەن ياخشى ماكان» جۈملىسى ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان سۆزلەر تىزىملىكىدە 8-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
بۇ خىلدىكى بىۋاسىتە نامىنى ئاتاش مەزمۇنىدىكى يازمىلارمۇ ئوخشاشلا غايەت زور ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 500 مىڭغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا ئېلان قىلىنغان. ئالدىنقى 20 خىل تىلدىكى ماقالىلەردە بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتى شەرھلەنگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئالبېرت جاڭ بۇنىڭدىكى بەزى ئۆزگىچىلىكلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
«شۇنداق. شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلار ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇچۇر قاناللىرىدا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان. ئەمما بىز ئاساسلىقى ئىنگلىزچە تىلدىكى ئەھۋالنى ستاتىستىكا قىلىپ چىقتۇق. باشقا تىللاردىكى ئەھۋالنى تەتقىقاتچىلار خۇددى مۇشۇ شەكىلدە تەققاسلاپ كۆرسە بولىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئىنگلىزچە تىل قوللىنىلىدىغان مۇھىتتا، مەسىلەن ئامېرىكا ياكى ئاۋسترالىيەدە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە تارقاتقان بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ياكى خاتا ئۇچۇرلىرىغا ئىشىنىپ كەتمەيمىز. ئەمما باشقا تىللاردا، بولۇپمۇ تەيۋەندە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلايدىغان خىتايچە تىلدا، يەنە ياپونچە، تايلاند ۋە تۈركچە قاتارلىق باشقا ئاسىيا تىللىرىدىكى تەشۋىقاتلاردا تىلغا ئېلىنغان ‹شىنجاڭ› نامى توختىماستىن شىنجاڭنىڭ قانداق ئارامبەخش ماكان ئىكەنلىكى، بۇ جايدىكى ئىناقلىق ۋە تىنچلىق، شۇنىڭدەك باشقا كۆپلىگەن ئىجابىي ئامىللارنى تەشۋىق قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ بايانلار بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ئەھۋالىنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى ياڭرىتىدۇ. بۇ سادالار ياڭراۋەرسە دۇنيانىڭ ئوخشىمايدىغان بۇلۇڭلىرىدىكى كىشىلەرگە جەزمەن تەسىر قىلماي قالمايدۇ».
«بىز بۇنىڭغا قارشى نېمە قىلالايمىز؟»
ئامېرىكا تور بوشلۇقىدا بۇ قەدەر ئەۋج ئالغان ئۇچۇر ئۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەسىرىگە قاراپ چىقىشمۇ بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بۇ خىل تور سۇپىلىرى ئۆچۈرۈلۈش ياكى چەكلىنىش دېگەندەك توسقۇنلۇققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇچۇر ئۇرۇشىدا چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار توپىدىن پايدىلىنىپ چەتئەل سىياسىي ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ 13-قانىلىدا بۇ خىلدىكى بايانلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلەنگەن. ئۇنىڭدا ئاشكارا ھالدا «شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى دۇنيا خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش» تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە» ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيۇ يۇەنپىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە «چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار توپىنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ‹شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ئەڭ يۇغۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش›نىڭ مۇھىملىقى» تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ پەللىگە يۈكسىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئالبېرت جاڭ بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا ھۆكۈمەتلەر، شەخسلەر ۋە كوللېكتىپنىڭ پۈتۈنلەي ئاجىزمۇ ئەمەسلىكىنى، بۇ جەھەتتە يەنىلا بەزى خىزمەتلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. .
«ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ بىز دوكلاتتا بەزى تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەتلەر جەزمەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا جەمئىيەت-بىرلەشمىلەر، مۇخبىرلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ چىقىشى، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى رېئاللىقنى پاش قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ تاشقى دۇنياغا ساختا ۋە زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشى لازىم. ئىككىنچىدىن، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا بىز ئىزچىل ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە مۇشۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىكى باش مەنبەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئىكەنلىكىنى دەپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ ھەقتە جازا تەدبىرلىرىنى ئالغان ھۆكۈمەتلەرمۇ مۇناسىپ ھالدا چارە كۆرۈپ مۇشۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتقان تور سۇپىلىرىغىمۇ جازا بېرىشى كېرەك. چۈنكى مەنبە كېسىپ تاشلانسا ئۇ ھالدا بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلار ئازىيىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتلارنى تەييارلىغۇچىلار ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ نۆۋەتتە ئاشۇ خىلدىكى ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى، دەپ قارالماقتىكەن. ئالبېرت جاڭمۇ شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭ يېڭى ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھەقىقەتنى پاش قىلىش يولىدىكى تەبىئىي ھادىسە ئىكەنلىكى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇ خىل قورقۇتۇشلار بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقاتىغا يېڭى ئۇتۇقلارنى تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.