خىتاي 12 تۈرلۈك «خىتايچە ئەقىل-پاراسەت» نى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ پىلانى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
بۈگۈن 24-فېۋرال رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنىڭ دەل 1 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بېغىشلانغان تېمىلار قاپلىدى.
خەۋەرلەرگ قارىغاندا، 23-فېۋرال يەنە ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە ئۇرۇشقا قارشى ئاۋاز بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئاۋاز بېرىش يىغىنىغا ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولغان 193 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، 141 دۆلەت رۇسىيەگە قارشى ئاۋاز بەرگەن. رۇسىيە، بىلارۇسىيە، شىمالىي كورىيە، سۈرىيە، مالى ۋە ئېرتىرىيە قاتارلىق 7 دۆلەت رۇسىيەنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بولغان. رۇسىيە بۇ ئاۋاز بېرىشتە مەسخىرىلىك بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان.
مەزكۇر ئاۋاز بېرىش يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيە تەرەپتىن ھازىرلانغان قارار ھۆججىتىدە «ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە دېڭىزغا قەدەر تۇتاشقان زېمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى دەرھال، پۈتۈنلەي ھەم شەرتسىز ھالدا خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان ئۇكرائىنا چېگراسىدىن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش، دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىش، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىنى خەلقئارا سوتقا تارتىش» دېگەندەك مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كۈلكىلىك بولغىنى، خىتاي ۋەكىللىرى بۇ يىغىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىشنىڭ 12 تۈرلۈك «تىنچلىق پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى 59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» دە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى توختىتىدىغان بىر پىلانى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاسالانغاندا، خىتاينىڭ بۇ پىلانى مۇنداق 12 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان: «1. بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش؛ 2. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىش؛ 3. دۈشمەنلىشىشنى توختىتىش؛ 4. تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ 5. ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش؛ 6. پۇقرالارنى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قوغداش؛ 7. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 8. ئىستراتېگىيەلىك خەۋىپلەرنى ئازايتىش؛ 9. ئاشلىق ئېكىسپورتىغا قولايلىق يارىتىش؛ 10. بىرتەرەپلىمە جازالاشقا خاتىمە بېرىش؛ 11. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ 12. ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.»
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD 24-فېۋرال بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە تىنچلىقنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بۇ 12 تۈرلۈك پىلاننى «خىتايچە ئەقىل-پاراسەت» دەپ مەسخىرە قىلغان. خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلىنىسكىيمۇ «خىتاي، ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىغان بولسا، يامان ئەمەس» دەپ قويغان. «مېركۇر» گېزىتىنىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكالىق داڭلىق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سىكوت كېننېدي بۇ پىلاننى «ئۆلۈك تۇغۇلما» دەپ ئاتىغان. خىتاينىڭ ئۆزىنى تىنچلىقپەرۋەر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ «خىتايچە ئەقىل-پاراسەت» لىرى ئۇنىڭغا شەرەپ ئاتا قىلالمىغان.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي بۇ پىلانىدا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشىنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىبارە قوللانمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ پىلانى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېلىچەك مەنپەئەتىنىڭ غېمىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ بۇ پىلانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىچى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ پىلانى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆرسىتىغان تەسىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.