بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسى (2)

0:00 / 0:00

«خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر ئۆچمەنلىك مەۋجۇتمۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالىدە كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئەۋلادى بولغان مەزكۇر خىتاي ئاپتورنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىسى ۋە نارازىلىق تۇيغۇسى ئىپادە قىلىنغان.

ئۇ ماقالىسىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن بۇيان يەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا يەكلەش ۋە چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى، ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە قارىتا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان كۆپلىگەن خىتاي يۇرتداشلىرىمغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چۆچۈرە، لەڭمەن، كاۋاپ، سامسا، پولۇ قاتارلىق تاماقلىرىنى يەپ چوڭ بولدۇم. شۇڭا ھەر قېتىم يۇرتۇمغا قايتقىنىمدا ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنىم ئاشۇ ئۆزگىچە تەملىك يەرلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش بولىدۇ. ئەمما بىزگە ئوخشاش كىچىكىدىن شىنجاڭدا ياشىغان خىتاي بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز ئىنتايىن ئاز. بۇ خىل مىللىي ئايرىمىچىلىق ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەر بىر خىتاي كۆچمەن ئەۋلادىنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن. شۇڭا بىر تەرەپكە زەربە بېرىلگىنىدە بىزگە ئوخشاش يەنە بىر تەرەپتىكىلەردە مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىمىزنى ئۇلاردىن ئايرىپ قاراش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىغىنىمدىن بۇيان مەن ئۇلارنى قايتىدىن تونۇشقا ئىنتىلدىم. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ‹قۇتاتغۇ بىلىك› ناملىق كلاسسىك پەلسەپەۋىي ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان «لەغمەندىكى كارامەت» ناملىق ئىككى كىتابنىڭ خىتايچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنى ئوقۇشنى باشلىدىم. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە قوشنا ياتاقتىكى بېدە چۆچۈرۈسى ئېتىپ مېنى بىللە يېيىشكە تەكلىپ قىلغان ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنىڭ سېيماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاشۇ قىزلار ھازىر ئامانمىدۇ؟ مەن تاماق يېگەن ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاشپەزلەر قەيەردە دېگەن سوئاللار مېنى قىينايدۇ.»

مەزكۇر ماقالىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى يەنە بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ئەقەللىي تىرىكچىلىك يوللىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن بىلىدىغان خوتەنلىك بىر ئۇيغۇر رېستوران خوجايىنى بار ئىدى. بۇلتۇر ئۇ ئۆزىنىڭ 200 دىن ئارتۇق خېرىدارى بار ئۈندىدار توپىنى تۇيۇقسىز تاقىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۈندىدار، QQ قاتارلىق تورلارغا يوللانغان رەسىملىرى ۋە تاماق تىزىملىكلىرىمۇ توردىن ئۆچۈرۈلدى. مەن بىلىدىغان بىرقانچە ئۈندىدار توپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا كوچىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. ئىلگىرى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان يەرلىك زىغىر مېيى، قىچا مېيى ساتىدىغان دۇكانلارمۇ تاقىلىپ كېتىپتۇ.»

ماقالە ئاپتورى يەنە ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان، لاگېرلار ئىچىدىكى زاۋۇتلاردا ھەقسىز ئەمگەككە زورلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى، ئۆيلىرىنى، ئىش پۇرسەتلىرىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدىم. شۇنى بىلدىمكى، بۇ يەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىكى ناھىيەلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىۋېتىپتۇ. بىڭتۇەن شىركەتلىرى ئىشلىگەن يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىش مىقدارى خۇددى جايلارغا چۈشۈرۈلگەن ئادەم تۇتۇش بەلگىلىمىسىگە ئوخشاشلا ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلىنىپتۇ. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىر ھەممە ئادام بىلىدىغان ‹ئاشكارا مەخپىيەتلىك›. مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ خىل يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغىنىڭىزدا سىز ئۆزىڭىزنىمۇ ئاشۇ تۇتقۇندىكىلەرگە ئۇۋال قىلىۋاتقاندەك، ئاشۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتقاندەك بىر ھېسسىياتتا سېزىدىكەنسىز. چۈنكى 2018-يىلى پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا زور كۆلەملىك ئادەم كۆچۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى بايلىق توپلاش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەنلەردۇر. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە بۇ يەردىكى ناچارلاشقان مۇھىت بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.»

مەزكۇر ماقالىنى تىۋېتتىرغا يوللىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تام ئاتلاش يۇمتالى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ سۆھبەتتە بولغانلار ئارىسىدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغان بىرقانچە نەپەر خىتايمۇ بار ئىكەن. ئۇلارمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئورتاقلاشقان ئىكەن.

ئەركىن ئازاد ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتايلار ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى، يەنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، مال-مۈلكىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ رېستوران ۋە دۇكانلىرىنىڭ يېڭىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەر خىل ناملاردا ھۆددىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.