دەريا يانىق خانىم: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق»

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق خانىم، 3-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى بولغان «ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان. ئۇ، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دەريا يانىق خانىمنىڭ بۇ باياناتى «ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقىتىلغان. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلات توغرىسىدا توختالماقچىمەن. يەنى بىزنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىمىز ياكى بەزى كىشىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بايانلارنى دېمەكچى ئەمەسمەن.»

دەريا يانىق خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەشنىڭ ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى جازالاپ تۈرمە-لاگېرلارغا تاشلىغانلىقى ۋە ئاياللارنى تۇغۇش ھەم پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى؛ كىشىلەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ۋە ساياھەت ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى؛ ھەتتا چەت ئەلگە چىقىش ياكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىشنىڭمۇ جىنايەت سەۋەبى قىلىنغانلىقى؛ پۇقرالاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ پەقەتلا يوقلۇقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.»

دەريا يانىق خانىم «ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» غا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇلاردىن داۋاملىق ئەرز-شىكايەتلەر كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. يەنى 1970-يىللاردا نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىنى يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ ئاران 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسا، خىتايلارمۇ 40 پىرسەنتنى تەشكىل قىلماقتا. دېمەككى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا ئۆزگەرتىلمەكتە.»

بىز تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى دەريا يانىق خانىمنىڭ باياناتى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ كومىتېت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى كۆزىتىشكە قارىغاندا، ھېچ بىر ئۆزگىرىش يوق، يەنى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. كومىتېت باشلىقىمىز دەريا خانىممۇ بۇنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ھەققىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنۇلغان ئىدى. 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدا «ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ كومىتېت رەسمىي خىزمەت باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

دەريا يانىق خانىم، 2023-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا مەدەت بەرگەنىدى. ھالبۇكى، كېيىنكى مەزگىللەردە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-تىجارەت، پۇل مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، شۇنىڭدەك كوۋىد يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنانىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىدىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزگىرىشلەر بولدى.