خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» نى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش› نى تەكىتلىشى يېقىندىن بۇيان يەنە كۈچەيدى. 22-مارت ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان قانۇن سىستېمىسىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا، ما شىڭرۈي «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نى تەكىتلەپ، «بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك رول ئوينىشىمىز كېرەك. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ياخشى ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك، » دېگەن.

25-مارت كۈنىدىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك قانۇن چىقىرىش خىزمەت يىغىنى» دىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قانۇننى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلغان. يىغىن ھەققىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، «يىغىندا قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا، شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۆلچەش، كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈنۈملۈك ئۈستىگە ئېلىش» دېگەن ئىبارىلەر تەكىتلەنگەن. يىغىندا يەنە، «شىنجاڭدا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يەرلىكنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش زۆرۈر، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئاساسىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتنىڭ خىزمەتتە، قانۇن چىقىرىشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، قانۇن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىش» دېيىلگەن.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» ، ھەقىقەتەن خەلقئارالىق قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش تەرتىپى بىلەن بىردەكمۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» نى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا خىتاي ئۆزى تۈزگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقىنى ئىجرا قىلمايدۇ؟

قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن، ئىلگىرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك پىروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش قانۇن-بەلگىلىمىلەر خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇ خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىي باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى، مىللىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلىرىنى ئىجرا قىلمايدۇ.

تېڭ بىياۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئاتالمىش قانۇن ۋە قانۇن قائىدىلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، جازالاش قانۇنى دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدا تەكىتلىنىۋاتقان ‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش› دېگەن نۇقتىلاردىلا ئۇنىڭ ‹جازالاش قانۇن بەلگىلىمىلىرى› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى بۇ يەردە شى جىنپىڭنىڭ قانۇنىي قاراشلىرىنىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ ئۆزى، شىنجاڭغا نىسبەتەن شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇش، باشقۇرۇشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. »

تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە بۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ قىلمىش. شۇڭا ئۇنىڭ تەشۋىقاتىدا دېيىلىۋاتقىنى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقىنى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى. »

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» نى نەقىل ئېلىپ، بۇ جايلارنىڭ دەل خىتاينىڭ جازا قانۇنلىرى قىلىنىۋاتقان ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ جايلاردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بولغان نۇرغۇنلىغان جىنايى قىلمىشلارنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئاتالمىش قانۇن بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، بۇ قىلمىشلارنى نىقابلىماقتىكەن.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە-ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ باشلىقى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىلا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىمۇ پەقەت ئۆز پۇقرالىرىنى روھى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن بېسىشنىڭ بىر يولى ئىكەن.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىدىلا قانۇنىي تەرتىپلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قىيناپ سوراق قىلىشتىن باشقا ھەتتا سوتلاش تەرتىپلىرىگىچە بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلار مەۋجۇت بولۇپ، جىنايەتچىلەرگە سوتسىز جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىش قىلمىشى 2009-يىلدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› مەزگىلىدىلا كەڭ ئەۋج ئالغانىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەردە قانۇن ئۇقۇمى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ھەتتا ئۆيدە جايناماز ساقلىشى، ساقال قويۇشى قاتارلىقلارنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ قارىلىپ ئېغىر جازالاش دەرىجىسىگە بېرىشى، بۇ خىل ئاتالمىش قانۇن تەشۋىقاتلىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.