يېقىنقى مەزگىللەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى قۇملۇقلارنى كۆچەت تىكىپ يېشىللاشتۇرۇپ، قاقاسلىقنى ئۆزگەرتىپ ئاشلىق تېرىپ، تۆت كورېيە دۆلىتىگە باراۋەر بوستانلىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ئەۋج ئالماقتا.
خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە يەنە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ «قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقى بىلىنمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ كەلگەن بولۇپ، پەقەت يېقىنقى يىللاردا بۇ رايونغا زور ساندا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇملۇقنى ئۆزگەرتىپ بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە قۇملۇق شەھەرلىرىنى قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا خىتاينىڭ كۆچەت تىكىپ، ئاشلىق تېرىشى ھەقىقەتەن خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگىنىدەك «ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش» مۇ، ياكى بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەشكە تەييارلىق قىلىشمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەر پىكىر بايان قىلدى.
تۈركىيەدىكى نوپۇس تەتقىقاتچىسى دىلشاد بارىشچى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «قۇملۇقنى تىزگىنلەپ، بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىدە 1950-يىللاردىن باشلاپلا «شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا قۇملۇق جايلارنى يېشىل ئورمانلىققا ۋە مۇنبەت يەرلەرگە ئايلاندۇرۇشىنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھەق-ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشاد بارىشچى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ 70 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «بوز يەر ئېچىش»، «چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش نامىدا رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشىنىڭ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ «قولاي تور خەۋەرلىرى» (NetEase) تورىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئۇنى «ئالتۇن ماكان» غا ئايلاندۇرۇش تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنى كۆرەلمەسلىكى ۋە ئۇنى ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىغا مۇرەككەپ مۇددىئالارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە پىسەنت قىلماي، «يېشىل تەرەققىيات يولى» غا مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇختەر چوڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇملۇقلار ۋە قۇملۇقلارنىڭ تۈرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قۇملۇقلارنى كۆكەرتىپ، تېرىلغۇ يەر ئېچىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك قانۇنىيەتكە ماس كېلىش كەلمەسلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دوكتور مۇختەر چوڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر دۇنيادا ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى باي دۆلەتلەردە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇپ، ئۇنى كۆچەت تىكىش ۋە چىملىقلارنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنىدەك، قۇملۇقتا زور كۆلەملىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يەنى، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى ئاڭلاپ باقمىغانىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن قۇملۇقلاردا سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان يېشىللىق ۋە بوستانلىقلىرى ئېكولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قۇملۇقنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ماھىيەتتە، قۇملۇق جايلاردىكى سۇنىڭ ئازىيىشى، تۇپراقنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرۈنەرلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرىپلەپ كېلىۋاتقان قۇملۇقنى «يېشىللاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى يەنە، رايوندىكى تەبىئىي قۇملۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى، شۇنىڭدەك تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرىدىكەن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ «قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش» قۇرۇلۇشى خىتايلارغا ئامەت، ئۇيغۇرلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەن.