خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلىغان ئورۇن ۋە تەتقىقاتچىلارغا جازا تەدبىرى قويدى

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش تەتقىقات مەركىزىنى ھەمدە ئىككى نەپەر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسىنى جازا تىزىملىكىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ بىر قانچە ئورۇن ۋە شەخسلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ جازالىشىغا قارشى قوللانغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكىتى، دەپ باھالانماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئوچۇق قىلىپ، «ئامېرىكا ئەگەر خىتاينىڭ مۇئەسسەسەلىرىگە قاراتقان جازالىرىنى بىكار قىلمايدىكەن، تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق ئېلىنىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، يەنى 8-دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ جىڭۋېيدا تېخنولوگىيە شىركىتى، شىنيا يېڭى ماتېرىياللار گۇرۇھى ۋە جۇڭلياڭ كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. شۇ قېتىمدا يەنە ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى گاۋ چى بىلەن خىتاينىڭ «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ليەنخېمۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ۋە دەل ئامېرىكادا مىلاد بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بايرام مەزگىلىدە بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىپ، ئامېرىكادىكى «كارون» ناملىق تەتقىقات شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ئېدموند شۈ (Edmund Xu) گە، شۇنداقلا ۋاشىنگتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى» ( Center for Advanced Defense Studies) ناملىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىسى نىكول مورگرېت (Nicole Morgret) خانىمغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

تەتقىقاتچى نىكول مورگرېت خانىم ھازىرقى ئىش ئورنىغا يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىمۇ تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم دوكلاتلارنى تەييارلىغان ئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئۇنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاكىتلارنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«نىكول ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەتدىشىمىز ئىدى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم دوكلاتلارنى قەلەمگە ئالدى. مەسىلەن، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر مىليونېرلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تاۋباۋ تور بېتىدە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىڭتۈەندە ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشقا سېلىنىشى ۋە ئەڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كانلاردىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سايىسىدە قېزىۋېلىنغان ئالتۇنلارنىڭ دۇنيادىكى چوڭ شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى مۇھىم دوكلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ دوكلاتلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي مۇئەسسەسەلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ تۇرۇپ قارا تىزىملىككە ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ئەڭ يېڭى جازا تەدبىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان خىتاي مۇئەسسەسەلىرىنىڭ سانى 30 غا يەتكەن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋ نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:

«بىز ئامېرىكىنى خىتايغا قارا سۈركەش ۋە تۆھمەت قىلىشنى توختىتىشقا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان قانۇنسىز ۋە بىر تەرەپلىمە جازانى بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە ئامېرىكادىن ئاتالمىش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ۋە باشقا خاتا قانۇن لايىھەلىرىنى يولغا قويۇشنى دەرھال توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز. »

مەركىزى لوس-ئانجېلېسقا جايلاشقان «كارون» خەتەر مۆلچەرلەش شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدىكى خەتەرنى باھالاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى دوكلات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەر بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.

«كارون» شىركىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جوشۇا شىرەيگىر (Joshua Shrager) 26-دېكابىر كۈنى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا «كارون شىركىتىنىڭ نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەسىلىلىرىنى باشقۇرۇش، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەبلەغ سېلىش خەۋپى ۋە باشقىلارنى ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان جازا ۋە ماسلىشىش خەۋپلىرىنى ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرىپ كەلگەن بىر تەتقىقات ئورنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى شىركىتىمىزگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن بىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) غا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىمىزنى دەپ جازا بەردى. خىتاي بۇ ھەرىكىتىنى <ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز جازاسىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىر> دەپ ئاتىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئامېرىكانىڭ باشقا كارخانىلىرى، شەخسلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغىمۇ جازا تەدبىرى قويدى. بىراق كارون دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلىرىغا ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا داۋاملىق ھالدا ئوبيېكتىپلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلارنى مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇمات ئانالىزلىرى بىلەن تەمىنلەشنى داۋام قىلىدۇ. »

لۇئىسا گىرىۋ خانىمنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىدىكى شىركەت تەكىتلىگىنىدەك، خىتاينىڭ جازا تەدبىرى ئۇلارغا تەھدىت سېلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

« «يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى قىلىشتىكى مەقسىتى پاكىتنى ئاشكارىلاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى چەكلەش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى ئىشقا ئاشمايدۇ، بۇ جازا تەدبىرلىرى ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» .

ئامېرىكادىكى «تىنچلىق تەشەببۇسچىلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورگىنىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەھدىت سېلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار رادىيومىزغا يوللىغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئوچۇق دوكلات ئېلان قىلىۋاتقانلارنى چەكلەشكە ۋە قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز نىكول بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، خىزمىتىمىز ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان قانۇنسىز ۋە يامان نىيەتلىك كۈچلەرنى مەغلۇپ قىلىش ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرىمىز» .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، جازا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، خىتايدىكى مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئادەتتە ئامېرىكادا كۆپلەپ مال-مۈلكى بولىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەكسىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى ۋە ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايدا مال-مۈلكى بولۇشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا كۆپرەك سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە ئىزچىل ئاۋاز چىقارغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى نادىنا، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل قاتارلىقلارنى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 10 غا يېقىن ئەزاسىنى ۋە يەنە ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.