يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا «شىنجاڭلىق» ۋە «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر»، تەشۋىقاتى كۈچەيگەن. قەشقەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسسۇلغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىمۇ، «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭلىقلار»، «ئاز سانلىق مىللەتلەر» دېگەندەك ناملار ئومۇملاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرى چەت ئەللەرگىمۇ كېڭەيگەن.
خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر» «شىنجاڭلىق» لار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ھەتتا ئۆز قانۇنىدا بېكىتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىنىمۇ قىسقارتىپ «شىنجاڭ»، ھەتتا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر كىيىملىرى، ئۇسسۇل-مۇزىكىلىرى، ھۈنەر-سەنئىتى، تائاملىرىنىڭ نامىنىمۇ «شىنجاڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى» ، «شىنجاڭ ھۈنەر سەنئىتى» ، «شىنجاڭ تائاملىرى» دېگەن ناملاردا خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تەشۋىق قىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكادىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر» لار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان ئاتالغۇلاردا «شىنجاڭ»، ياكى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر» دېگەندەك ناملارنى قوللىنىشى مەقسەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئېنىق سىياسىي غەرەز ئىپادىلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدىمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادى بويىچە روزا تۇتۇش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەمما 10-ئاپرېل كۈنىدىكى روزا ھېيتتا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە، ئۇيغۇرلارنى كوچىلاردا، ناغرا-سۇناي چېلىش، ساما ئۇسۇلى ئويناش قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇنى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل-مۇزىكىلىرى» دەپ تەشۋىق قىلغان. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق يېمەكلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى بولسا، «شىنجاڭ يېمەكلىكلىرى» نامىدا تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىشتىكى تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھەتتا قەشقەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ھېيتلىق پائالىيەت ھەققىدىكى خەۋەرلەردىمۇ، «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا « «قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ھېيتنى تەبرىكلىدى» ، «قەشقەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ساما ئۇسۇلى ئوينىدى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ قەشقەردەك، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان شەھەرنىمۇ ئاتالمىش ھەر مىللەت خەلقى ياشاۋاتقان شەھەر دەپ تەرىپلىشى، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بارلىق مەنىۋى ماددىي مەدەنىيەتلەرنىمۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قالپىقى ئاستىدا تەشۋىق قىلىشى يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان بارغانچە كۈچەيگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالى ئارقىلىق، ئۇيغۇر كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا، ھۈنەر-سەنئەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى، «شىنجاڭ مۇزىكا-سەنئەتلىرى»، «شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئىتى»، «شىنجاڭ تائاملىرى» دېگەندەك ناملاردا خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ھەتتا چەت ئەللەرگە قەدەر كەڭ تەشۋىق قىلىش تاكتىكىسىنى قوللانماقتىكەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرى چەت ئەللەردىمۇ كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئاي مەزگىلىدە، پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، خىتاي تەشۋىقاتىنى قىلغان ئۇيغۇر ئەر-ئايال، خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭلىقلار ئوبرازىنى نامايان قىلدى» دەپ مەدھىيەلەنگەن ئىدى. بۇ يىل4-ئاينىڭ بېشىدا ياۋروپادا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي قىزىمۇ، ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى چوڭ مەيداندا ساياھەتچىلەرگە ئۆزى كىيىۋالغان كىيىمىنى تونۇشتۇرۇپ، «بۇ خىتايدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمى، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى 56 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرى» دەپ تونۇشتۇرغان.
مەزكۇر ۋىدىيو فىلىمى فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىچى ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ، «شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى، بۇ زېمىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان مەدەنىيەتلەرنىمۇ خىتايلاشتۇرۇش ھەتتا يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان بىر قىسىم خىتايپەرەس دۆلەتلەردە «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» «شىنجاڭلىقلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقان خىتاينىڭ تەشۋىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى، بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، ياۋروپا شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.