خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك دالا پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى

0:00 / 0:00

2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش، «مىللەتلەرنىڭ ئۆئارا يۇغۇرۇلۇشى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ كەلدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى»، «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مۇزېيى» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، «2023-يىللىق ۋەتەن سۆيگۈسى_جۇڭخۇا سەپىرى» ناملىق تەتىللىك ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق مېڭە يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان يازلىق تەتىللىك دالا پائالىيىتىگە ئۇيغۇر رايونىدىكى 14 ۋىلايەت-ئوبلاست ۋە بىڭتۈەنگە قاراشلىق ھەر قايسى شەھەر ھەم دىۋىزىيەلەردىن بولۇپ، جەمئىي 600 گە يېقىن «ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى» قاتناشقان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ئىنكار قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان خىتاي تېررىتورىيەسىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر، مەيلى قەيەردىن كەلگەن ياكى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى» ؛ ئۇلارنىڭ ئورتاق كىملىكى «جۇڭخۇا مىللىتى» بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللىگەن ئاتالمىش «ۋەتەن سۆيگۈسى-جۇڭخۇا سەپىرى» ناملىق بۇ دالا پائالىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» كىملىكنى كۈچلەندۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا 30 يىلغا يېقىن مائارىپ سېپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىللىك دالا پائالىيەتلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيەسى» نامىدىكى دالا پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەۋاتقان تەتىللىك دالا پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مېڭە يۇيۇشنى ئاساس قىلغان سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «ۋەتەن سۆيگۈسى_جۇڭخۇا سەپىرى» ناملىق يازلىق تەتىللىك دالا پائالىيىتى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيى، 8-ئارمىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلغان. ئاندىن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ، بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ خانسارىيى، دۆلەتلىك مۇزېي، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تەنتەربىيە سارىيى ۋە بېيجىڭ تېخنىكا ۋە تەرەققىيات رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق كارخانىلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۈتكۈل دالا پائالىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىدىن تەشكىللەنگەن بۇ 600 نەپەر ئوقۇغۇچىغا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي كومپارتىيەسى بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» نى ھېس قىلدۇرۇش ئاساسلىق تېما قىلىنغان.

سان-فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن تارىختىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى (Holocaust) نى سېلىشتۇرۇپ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ياقلىغان لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەممىسىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

«مېنىڭچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا خىتاي مىللىي كىملىكىنى مەجبۇرلاپ تېڭىش، ئۇلارغا ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىنى سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر پائالىيەت. تېخىمۇ كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش؛ ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىش بەدىلىگە ئۇلارنى خىتاينىڭ سادىق بىر پۇقراسىغا ئايلاندۇرۇش؛ شۇنداقلا ئۇلاردا خىتاي كىملىكىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قۇرۇلۇشتۇر. مېنىڭچە، بۇ خىلدىكى سىياسىي تەلىم-تەربىيە تەشۋىقاتلىرى ۋە نۆۋەتتە يېڭىدىن سۇنۇلغان ‹خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ قانۇنى› قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خىتاي بۇ تۈردىكى سىياسەت-قانۇنلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى.»

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە 2023-يىللىق «خۇاۋېن خەتتاتلىق تەربىيەسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېكسكۇرسىيە-ئۆگىنىش سەپىرى» ناملىق يەنە بىر دالا پائالىيىتى تەشكىللىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتكىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاللانغان بىر ئۆمەك قاتناشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل دالا-پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىغا قاراتماقتا.