ئامېرىكا بىلەن خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە ئوخشاش ۋاقىتلاردا ئوت ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەشتىن ئىبارەت زور ئاپەتلەر يۈز بەردى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، خىتايدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ ئىككى ئاپەت ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەر ئاسمان-زېمىن پەرقلىق بولدى. ھەتتا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ قانچىلىك ئاجىز، تەدبىرسىز بولغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا قانچىلىك ئاقىل ۋە تەدبىر بىلەن ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتقانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ لوس-ئانژېلېس رايونىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 180 مىڭ كىشىنىڭ بۇ رايوندىن چېكىنىشى ۋە بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىققان ۋە ئوت تېخىچە ئۆچۈرۈلمىگەن. ئوخشاش كۈندە تىبەت رايونىدىمۇ ئېغىر يەر تەۋرەپ، 126 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 188 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، 3600 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ۋە 46 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ماكانسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تىبەتتىكى يەر تەۋرەش ۋە بۇ ھادىسىدە قازا قىلغۇچىلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئەمەس، بەلكى ئامېرىكادا يۈز بېرىۋاتقان ئوت ئاپىتى قىزىق تېما بولدى. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتىنى ھېلى جەڭ مەيدانىغا ئوخشاتسا، ھېلى زامان ئاخىرىدەك تەسۋىرلەپ، توختىماي تەشۋىق قىلدى. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بولسا كىشىلەرنىڭ ئامېرىكادىكى بۇ ئوت ئاپىتىگە بولغان ھېسداشلىقلىرىغا كۆرە، خۇشال بولۇشلىرى، تەنتەنىلىك ئىنكاسلىرى بىلەن لىق تولدى.

9-يانۋار خىتاينىڭ بەيدۇ فىلىم تورىدا ئېلان قىلىنغان لوس-ئانژېلېستىكى ئوت ئاپىتىگە دائىر بىر فىلىمنىڭ ئاستىغا 1800 دىن كۆپ ئىنكاس چۈشكەن. ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «خۇدانىڭ كۆزى بار ئىكەن، بۇ ئالۋاستى دۆلەتنىڭ جازاسىنى بېرىپتۇ»، «11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى قەھرىمانلار ئۆلمىگەن بولسا، مۇشۇنداق پۇرسەتتە ئورمانلىقلارنىڭ ھەممە يېرىگە ئوت قويۇپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يوقاتقان بولسىچۇ!» دېگەنگە ئوخشاش ئۆچمەنلىك مەزمۇنلىرى بىلەن تولغان. ھەر قانداق ئىنكاسقا دىققەت قىلىپ، ئەگەر ئۇ ئۆزىگە پايدىسىز بولسا ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان ياكى ئىنكاسچىلارنى جازالايدىغان خىتاي ھۆكۈمەت تور ساقچىلىرى مۇنداق ئىنكاسلارنى ئۆچۈرمىگەن ۋە ئەكسىچە يول قويغانىدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە مۆتىدىل ئىنكاس بىلدۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىدىغان خىتايدا، ئامېرىكادىكى ئوت ئاپىتىدىن تەنتەنىگە چۆمگەن ئۇچۇرلارنىڭ كەڭ تارقىلىشىمۇ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز يۈز بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق. دېمەك، باشقىلارنىڭ ئازابىدىن خۇشاللىق تېپىش ئىنسانلىق قەدىر-قىممەتلىرىگە ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەردە ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ. ھەتتا يۈز بەرگەن ھالەتتىمۇ، بۇ خىل قىلمىشلار جەمئىيەتتە بىردەك تەنقىدلەشكە ئۇچرىسا ئۇچرايدۇكى، خىتايدىكىدەك بازار تاپالمايدۇ.
دەرۋەقە، تىبەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تەبىئىي ئاپەت سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى سۈرگۈندىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان تىبەت رايونىدا كان بايلىقلىرىنى قېزىش، قالايمىقان توسما ياساش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پىلانسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئاقىۋەتتە تىبەتتىكى بۇ پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئەمەلىيەتتە، تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ دېگەنلىرى بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولۇپلا قالماي، بۇنداق ھەرىكەتلەرنى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بارغان. مىسالغا ئالساق، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاش جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەمدىكى سۇ توسمىسى ۋە سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدى. گەرچە خىتاي بۇ ھەرىكەتلىرىنى «سۇ كەمچىل بولۇش، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايلاردا يەر تەۋرەشنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. «شىنجاڭدىكى سەنشيا توسمىسى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتى ئاراتاش سۇ تۈگىنى قۇرۇلۇشى قارا قۇرۇم تېغى ۋادىسىدىكى يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش خۇددى تىبەتتىكى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش رايونىدىكى سۇچىلىق تۈگىنى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاشلا خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 172 تۈرلۈك چوڭ سۇ تېجەش، تەمىنلەش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر. ھالبۇكى بۇ قۇرۇلۇش 2019-يىلى ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان تاكى 2024-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر ئارىلىقتا جەمئىي 166 قېتىم يەر تەۋرىگەن. يەنى بۇ ئارىلىق دەل ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئاراتاش سۇ قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ يەر تەۋرەش، يەر يېرىلىشىغا دائىر تەتقىقات بىلەن 40 نەچچە يىل شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى يوھان جېكسون، خىتايغا بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ غەربىي رايونلاردىكى دەريا ئېقىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش بولىدۇ» غانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقتىمۇ خىتاي بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى ياساشنى ئەسلا توختاتمىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «سۇ تېجەش» ۋە «سۇ باشقۇرۇش» تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى 50 مىليونغا چىقىرىش» تەك بۈيۈك پىلانلار ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى يەر تەۋرەش ئۇچۇرلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ خىل كۆپىيىشنىڭ دەل چوڭ تىپتىكى سۇ توسمىسى، سۇ ئامبارلىرى جايلاشقان رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتتىكى يەر تەۋرەش كۆپرەك يۈز بېرىدىغان جايلاردا چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىكتىكى خەلقلەرنىڭ ھايات-ماماتى ۋە سىياسىي تەقدىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇشلار سەۋەبلىك قانچىلىك ئۇيغۇر ياكى تىبەت خەلقى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈش، ياقا-يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىنىش ۋە ياكى يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئەسلا قىزىق تېما بولمىغان ۋە بولمايدۇ! بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكانىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان كۆيۈۋاتقان غايەت زور ئوت ۋە بۇ ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلەرگە ئاشكارا تارقىتىلىپ كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەلەر تاشقى دۇنياغا ئەزەلدىن خىتايدىكىدەك سىر تۇتۇلغان ئەمەس. كىشىلەر خالىسىلا ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسىگە دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيدۇ. خەلق خالىسا ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ھادىسىلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ، تەنقىدلەيدۇ ھەتتا ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئەمما خىتايدىچۇ؟
ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان تەبىئىي ھەقلىرىنى، پىكىر ئەركىنلىكلىرىنى چەكلەيدىغان خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان «تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى» دىن سۆز ئېچىشى تېخىمۇ كۈلكىلىك! ئامېرىكادا بولۇۋاتقان ئوت ئاپىتىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن پۈتۈن دۇنيا خەۋەردار. لېكىن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتىدىن تاشقى دۇنيانىڭ خەۋەردار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ خىتاي توختىماي ياساۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشلىرى، كان بايلىقلىرىنى قېزىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى تاشقى دۇنيانىڭ ئاشكارا تەكشۈرۈشىگە خىتاي رۇخسەت قىلامدۇ؟
دەرۋەقە، مەيلى قەيەردە، قانداق شەكىلدە يۈز بەرگەن ئاپەت بولسۇن، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئەمەس، بەلكى بۇ رايونلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەدىن ئىبارەت ئېغىر ئاپەتنى پەيدا قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]