مەلۇم بولغىنىدەك، 25-سېنتەبىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 9-ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ» قۇرۇپ چىقىشتا، «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە كۆرسەتمە» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدا قىلغان سۆزى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش باش تېما قىلىنغان.
خىتاي ئاخباراتلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 28-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا «مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش ئېڭى ۋە تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتەيلى» دېگەن شوئار تەكىتلەنگەن.
ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) نىڭ ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىدىكى «تىغ» نىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىدە ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، يەنى خىتاي سىياسىتىدىكى «ئىچكى مەسىلىلەر» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
«كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ بەكمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شوئار-يوليورۇقتۇر. بۇ ‹سېھىرلىك تىغ› دىكى ئوق-دورىنىڭ ھىدى ئىنتايىن كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يەردىكى ‹مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش ئېڭى ۋە تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتىش› بولسا ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەمدە شۇ قاتاردا ھەل قىلىدىغان قازاق ياكى موڭغۇل مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ئەزەلدىن يەرلىك رايوندىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىسىنى ‹ئىچكى مەسىلە› دەپ قاراپ كەلدى. ئەمما ئېنىقكى، مەيلى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەتلەر بولسۇن ھېچقايسىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغان، يەنە كېلىپ ئۇلار تارىختىن بۇيان خىتايغا بېقىنىپ ياشىغان مىللەتلەر ئەمەس. شۇڭا، مەن بۇ مىللىي مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ ‹ئىچكى مەسىلىسى› بولماستىن، بەلكى ‹خەلقئارالىق مەسىلە› دەپ قارايمەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن مىللىي مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشىكنى چىڭ تاقاپ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارانى ئىچكى ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالدۇرۇۋاتىدۇ. ئاقىۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. »
ئوخنوس چوگتۇ ئەپەندى يەنە، تارىختىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىتائەتمەنلىك ۋە ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلغانلارغىمۇ ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«ئەلۋەتتە، خىتاي بۇ خىلدىكى سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جەزمەن ئۆزى تولۇق ئىشەنمەيدىغان ياكى ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغان بىر قىسىم ‹ئىككى يۈزلىمىچى› كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىنى زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇ كىشىلەرنىڭ جان-دىللىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنىڭ يەنىلا خىتاي ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ ‹تىغنى ئىچىگە قارىتىش› شوئارىنى يولغا قويدى، دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى، بۇ سىياسەت ناھايىتى روشەن بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن مەيلى ئۇلانفۇ، سەيپىدىن ئەزىزى، بۇرھان شەھىدى، گاپو گاۋاڭ جىگمى (ئافېي ئاۋاڭ جىنمېي) قاتارلىق بۇ بىر يۈرۈش كىشىلەرگە بەزى قورچاق ئەمەللەرنى بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ئەزەلدىن ئۇلارغا ئىشىنىپ باقمىغان. ھازىرقى ۋەزىيەتكە كەلسەك، خىتاينىڭ ئۇ چاغدىكىگە ئوخشاش يەرلىك رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەردىن چىققان ئەمەلدارلارغا ئېھتىياجى يوق. قىسقىسى، خىتاي ئەمدى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى خالىمايدۇ. يەنى، خىتاي ‹بىز ئەللىك ئالتە مىللەت ئەللىك ئالتە گۈل، ئەللىك ئالتە قېرىنداش مىللەت› دەپ شوئار توۋلاپ كېلىۋاتقان بۇ گۈللەرگە موھتاج ئەمەس. بۇ گۈللەر ئۆلدى، بۇ گۈللەر قۇرىدى. خىتاي ئەمدى خالىمىغاچقا ئۇ ‹گۈللەر› نى يۇلۇپ ئېلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. »
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «تۆمۈر سوقۇش ئۈچۈن بىلىكىڭ كۈچلۈك بولسۇن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەممىنىڭ «شىنجاڭنى تۈزەش» خىزمىتى يېتەرلىك بولدى دەپ قارىماسلىق كېرەكلىكى، «مەسىلىگە جىددىي قاراپ، تىغنى ئىچىگە قارىتىپ، مەسىلىنى ئىچىدىن ھەل قىلىش، ‹ئۆسمە› نى ئىچىدىن كېسىپ تاشلاش، مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق، سىياسىي ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادادىكى «دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى شېڭ شۆ خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ تىغ بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئۆزىنى كۆرسەتسە، يەنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يادرولۇق كۈچىگە قارىتىلغاندىلا ئۇنى ‹تىغنى ئىچىگە قارىتىش› دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«خىتاي دەۋاتقان بۇ تىغىنىڭ ئۇچى ھازىر يەنىلا يەرلىك ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە، ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا خىتاي ھەر زامان ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقتىن بۇ خىل ‹پىچاق› لىرىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن. بىزگە مەلۇم، خىتاي ئۆزىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق تاكتىكىلىرى ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنى ئاستا-ئاستا قايىل قىلىدۇ، پۇل بىلەن سېتىۋالىدۇ ۋە ياكى ۋەيران قىلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىۋاسىتە يوقىتىلىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئاددىي، يەنى يەرلىك خەلقنى تەسلىم قىلىش ۋە پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئويۇن ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، خىتاي ھەرگىزمۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. »
شى جىنپىڭ 2014-يىل ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «قىلچە رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى بەرگەن بولۇپ، ھەر قېتىم «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئاچقاندا ياكى بۇ رايوننى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ قەبىھلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يىغىنىدا تەكىتلەنگەن «مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش ئېڭى ۋە تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتەيلى» دېگەن بۇ شوئارىنىڭ پەقەت يەرلىك ئاۋام خەلققە قارىتىلغانلىقىنى، ئۇلارنى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاش، شۇنداقلا ‹كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە شى جىنپىڭ› دىن ئىبارەت بۇ ئىككى كەلىمىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىق قىلىش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى، ئەگەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى تەھدىتكە ئۇچرىسا، پۈتۈن خىتاي يىمىرىلىدۇ. ھەر يەر، ھەر رايوندىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى خىتايغا قارشى قوزغىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹ئالىي نوپۇزى› ، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئاتالمىش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئالاھىدە ۋە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا يەرلىك ئاساسىي قاتلامدىكىلەردىن سىياسىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشنىڭ ئاچقۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەلەپ قىلىنغان. شۇڭا، ‹تىغنىڭ ئۇچىنى ئىچىگە قارىتىش› دېگەندەك بۇ سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر. »
2017-يىلىدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىزچىل ھالدا يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 9-ئومۇمىي يىغىنى دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇشى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەن دائىرىلىرىدىن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق تۈردە قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئېچىلغان. شۇڭا بۇ قېتىملىق يىغىندا «مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش ئېڭى ۋە تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتىش» سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. (داۋامى بار)