دۇنيا مىقياسىدا كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلغان جىددىي ھالەتتىن كېيىن، بۇ يىل ياز نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى بايرام پائالىيەتلىرى، ھەر تۈرلۈك فېستىۋاللار قايتا جانلىنىشقا باشلىدى. جۈملىدىن تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان كانادادىمۇ بۇ خىل جانلىنىش، ئالبېرتا ۋىلايىتىدىكى ئېدمونتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 49-نۆۋەتلىك دۆلەت مىراسلىرى فېستىۋالىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. كۈندىلىك ئادەم سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ فېستىۋالدا، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلار ئالاھىدە دىققەت تارتقان.
«ئېدمونتون» ژۇرنىلىنىڭ 27-ئىيۇل سانىدا، بۇ فېستىۋال ھەققىدە ئېلان قىلغان تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر فېستىۋال ئېدمونتون شەھىرىنىڭ خاۋرېلاك باغچىسىدا، 49 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1-ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى تەبرىكلەش فېستىۋالىغا بۇ يىل تەخمىنەن 80 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ فېستىۋالغا يېڭىدىن قېتىلغان.
«ئېدمونتون» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدا چېدىرلاردا ھەر خىل دۆلەتلەرنىڭ مىللىي يېمەكلىك، مىللىي كىيىم ۋە ئۆزلىرىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت خاتىرە بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىدىغانلىقى، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ناخشا-ئۇسۇل مۇزىكىلىرى ئورۇندىلىدىغان كۆپ مەنبەلىك، رەڭدار بىر بايرام بولىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايەندە قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بۇ مىراس فېستىۋالى كانادادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلىدىغان بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ چوڭ فېستىۋالدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چېدىرلار تىكىلىدىكەن. 66-نومۇرلۇق چېدىرغا «ئۇيغۇر» دېگەن كۆك رەڭلىك لوزۇنكا ئېسىلغان. لوزۇنكىغا ئاق رەڭدە يېزىلغان ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىككى تەرىپى بولسا، ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى نۇسخىسى چۈشۈرۈلۈپ بېزەلگەنىكەن. ئۇيغۇرلارغا خاس بۇ چېدىرنى 3 كۈنلۈك بۇ بايرام داۋامىدا زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.
مەزكۇر فېستىېۋالدا ئۇيغۇرلارغا ئايرىم ئورۇن بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە بۇ ئۇيغۇر چېدىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان، ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇكەررەم قۇربان خانىم بۇ فېستىۋالىنىڭ ئاخىرقى كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ «تەلىيىمىزگە بەك جىق ئادەم چېدىرىمىزنى زىيارەت قىلدى. . .» دەپ باشلىغان سۆزلىرىدىن، ھاياجانلانغىنى بىلىنىپ تۇراتتى.
مۇكەررەم قۇربان خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بىر يىلدىن بۇيان يول ماڭغانىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەدەنىيەت فېستىۋالى بولغىنى ئۈچۈن گەرچە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش چەكلەنگەن بولسىمۇ ئۇلار چېدىر ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، دوپپىلىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، تائاملىرىنى قويغاندىن سىرت يەنە، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار كىم؟ شەرقىي تۈركىستان قەيەردە؟ ئۇ يەردە نېمە بولدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە، تارىخ-مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرى دېگەندەك تېمىلاردا تەييارلىغان ۋاراقچە ۋە كىچىك قوللانمىلارنى، ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر سۈرەتلەرنىمۇ كۆرگەزمىگە قويغانىكەن.
فېستىۋالغا داڭلىق ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سابىق ئۇسۇلچىلىرىدىن گۈلمىرە ئازاد، زۇمرەت سابىت 3 نەپەر كەسپىي ئارتىسلار تورونتو شەھىرىدىن كېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئالبېرتا ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قاتارلىقلار گۈزەل ۋە شوخ تېتىك ئۇسۇللارنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى فېستىۋالغا قاتناشقانلارنى مەھلىيا قىلغان.
ئايگۈل مەمەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 3 كۈنلۈك بۇ فېستىۋالدا كۈندە 3 قېتىمدىن ئويۇن قويغانلىقىنى، گەرچە چارچىغان بولسىمۇ، شۇنچە كۈپ ئىنسانغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىدىن ۋە بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئايگۈل مەمەت كىچىك پېئىللىق بىلەن: «سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مىللىتىمىز ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان تالانتىمىز ۋە ماھارىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تونۇتالىغىنىمىزدىن خۇشال» دېدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مۇكەررەم خانىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېدمونتون مىراس فېستىۋالىغا تېخىمۇ پۇختا تەييارلىقلار بىلەن قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا كانادا ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ۋە ئاۋاز قېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.