خىتاي ۋاكسىناسى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى

0:00 / 0:00

28-دېكابىر كۈنى تۈركىيەگە كېلىشى مۆلچەرلەنگەن خىتاي ۋاكسىناسى بېيجىڭدا يۇقۇملۇق ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبلىك كىچىككەن ئىدى.

29-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇنجى تۈركۈم خىتاي ۋاكسىناسىنىڭ تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، 30-دېكابىر ئەنقەرەگە يېتىپ كۈلىدىغانلىقى ئېيتتى. ۋاكسىنا تۈركىيە كەلگەندىن كىيىن ئىككى ھەپتىلىك ۋاكسىنانى تەكشۈرۈش جەريانى باشلىنىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ ئىككى ھەپتىلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىن كىيىن، ۋاكسىنانى ئۇرۇشقا رۇخسەت بېرىش ياكى بەرمەسلىكى قارار قىلىنىدىكەن. ھازىرغىچە خىتاي ۋاكسىناسىنىڭ 3-باسقۇچ كىلىنىكالىق سىنىقى خىتاي ۋاكسىناسى سىناق قىلىنىۋاتقان ئۈچ دۆلەتنىڭ ھېچ بىرىدە تولۇق ئاياغلاشمىغان. 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق نەتىجىلىرى خىتاي ۋاكسىنا شىركىتى تەرىپىدىن ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان.

خىتاي ۋاكسىنا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھەمبەھىرلىمەسلىكى، خىتاي ۋاكسىناسى سىناق قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە سىناق نەتىجىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى تۈركىيەدە ۋاكسىنا ھەققىدە ئەندىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە تۈرلۈك سوئاللارنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا. 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكالىق سىناق ئىلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايدىن باشقا ئۈچ دۆلەت ئىچىدە تۈركىيە 3-باسقۇچ ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋاكسىنا سىناق نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئېلان قىلغان سىناق نەتىجىسى نۇرغۇن تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولماقتا.

تۈركىيەدە 1322 كىشى قاتناشقان كىلىنىكالىق سىناق نەتىجىسى 29 يۇقۇملانغۇچى ئۈستىدىن ئېرىشىلگەن مەلۇمات بويىچە ھېسابلانغان. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پىكرىنى بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ئېلان قىلغان 3-باسقۇچ ئوتتۇرا مەزگىللىك كىلىنىكالىق سىناق نەتىجىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرگە خىلاپ ھالدا خۇلاسىلىگەن بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان.

«سۆزچى» گېزىتىنىڭ داڭلىق ئىستون يازغۇچىسى ئىسمائىل سايماز تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي ۋاكسىناسى ئۈچۈن 1322 كىشى يېتەرلىكمۇ؟» ناملىق ئوبزوردا، بىرازىلىيەنىڭ ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن سىناق نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئېلان قىلغان ۋاكسىنا سىناق نەتىجىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرگە تۆۋەندىكىدەك سوئال قويغان:

«تۈركىيە خىتاي ۋاكسىناسى سىناق قىلىنغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدە سىناق نەتىجىسىنى مۆھلەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىردىنبىر دۆلەت. بۇ نەتىجە قانچىلىك ئىشەنچلىك؟ قانچىلىك ئىلمىي؟»

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىم خىتاي ۋاكسىناسىنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىكلىكىگە قارىتا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋاكسىناسى تۈركىيەدە سىياسىي كرىزىسقا ئايلانماقتا. ۋابانىڭ خىتايدىن تارقاپ پۈتۈن دۇنيادا تەھدىت يارىتىۋاتقىنى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان ياكى بىخەتەر بولمىغان ۋاكسىنانى دۇنياغا تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈش مەقسىتى يوق دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئامال بار بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ يوقىتىۋاتقان ئوبرازىنى قايتۇرۇۋېلىش بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدا قازىنىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. ئۇلار ئىمكانىيىتىڭ يىتىشىچە بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەخپىيەتلىكى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان ياكى سىناق جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئىلمىي يوسۇندا دوكلات قىلىپ، خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان ئادىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ۋاكسىناسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن مۇستەقىل بىر نەرسە يوق. ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار، بۇ نۇقتىدىن ئىنسانلاردا بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك ۋە گۇمان بىلەن قاراش مەسىلىسى ئېغىر.

ۋاكسىنا بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن ئۈنۈملۈك بولۇشىمۇ كېرەك. ۋاكسىنا ھەم بىخەتەر بولۇشى ھەم ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ۋاكسىنالىرىدا كۈچلۈك ئىسپات يوق.»

ئىسمائىل سايماز «خىتاي ۋاكسىنىسى ئۈچۈن 1322 كىشى يېتەرلىكمۇ؟» ناملىق ئوبزورىدا يەنە تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋاكسىنا سىياسىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن:

«بىرازىلىيەدە ۋە ھىندونېزىيەدە تەتقىقات ئېنىق ئەمەس، خىتاي جىمجىت. تاللاش قالمىدى، 1322 بىمارنىڭ سان-سىپىرىغا قاراپ خىتايدىن ۋاكسىنا ئىمپورت قىلىندى. تۈركىيە خېرىدارى بولغان ۋاكسىنانىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندى.»

بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى گارو پايلاننىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاكسىنا خامچوتىنى ئاشۇرۇپ، گېرمانىينىڭ Pfizer-BioNTech ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان لايىھىسى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ قارشى بىلەن تاشلىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن ژۇرنالىست ئۆمەر جىھاد كايا ئەپەندىم تۈركىيە جامائىتىنىڭ خىتاي ۋاكسىناسىغا بولغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋاكسىناسىنى تاللىغانلىقى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. گېرمانىينىڭ ۋاكسىناسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى كېلىشىمنامە ئىمزالاندى. گېرمانىينىڭ ۋاكسىناسىنىڭ ئىجادكارى ئونۇر شاھىن بىر تۈرك ئالىم. بۇ بىزگە نىسبەتەن ھەم ئىپتىخارلىق ئىش ھەم جەمئىيەتنىڭ قايغۇلىرىنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى بولاتتى. مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار جەمئىيەتتە خىتاي ۋاكسىناسىغا يېتەرلىك ئىشەنچنىڭ شەكىللەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن ئىنسانلار مەجبۇر. بۇ جەھەتتىن گېرمانىيە ۋاكسىناسى ياخشى تاللاش بولاتتى دەپ ئويلايمەن. دۇنيادىكى خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ كورۇنا ۋاباسىنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئىنسانلار تەجرىبە بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.»

زىيارىتىمىزنىڭ داۋامىدا دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاللاش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئامال بار خىتاي ۋاكسىناسىنى تاللىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارغا تاللاش پۇرسىتى بولۇپ قالسا ئامال بار خىتاي ۋاكسىناسىنى ئۇرغۇزماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بىرىنچىدىن، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتى ئېنىق ئەمەس. ئىككىنچىسى، ئۈنۈمى ئېنىق ئەمەس. ئۈچىنچىسى، بىزنىڭ داۋايىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ۋە چەكلەش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايمەن.»

خىتاي ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى چوڭ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ تۈرلەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىلىۋاتقان ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي يېقىنلىقتىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە.