خىتاينىڭ 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن زىيارىتى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.08.06
misirda-uyghur-visa.jpg مىسىردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ پاسپورتىدىكى مىسىر ۋىزىسى.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان. 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ سىياسەت ئالدى بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ ھەمدە ۋېنگىرىيەگە قارىتىلغان.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ۋىزىسىز سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتايغا ساياھەتكە كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 14 مىليون 635 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋىزىسىز سىياسەتتىن بەھرمەن بولغانلار ئىكەن. بىراق بۇ سان 2019-يىلىدىكى 24 مىليونغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز ھېسابلىنىدىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەس-مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. 2016-يىلى خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، بىرقانچە مىليون ئۇيغۇرنى قامىغاندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانا، قوۋم-قېرىنداشلىرى بىلەن دىدارلىشالماي كەلگەن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بىرقانچە ئايدىن بېرى ئانا ۋەتىنىگە ساياھەتكە بېرىشقا باشلىغان. بۇ ھال دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان.

گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتى يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا بېرىشىغا يول ئاچقان. لېكىن، ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى داۋام قىلىۋاتقان شۇنىڭدەك خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغانلىق، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىش ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ھەمكارلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دەرۋەقە، يېقىندا يۇرتىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سۆزلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇلارنى قاتتىق سوراق قىلىپ قورقۇتۇۋەتكەن ۋە ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە قىستىغان. ئۇلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، «شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات» نى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىش ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «دىققەتنى تارتىدىغان مۇھىم ھادىسىلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىپ تۇرۇش» ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنچىكە پىلانلانغان بىر سۇيىقەست» دېدى. ئۇ، ئۆزى مەسئۇل بولغان «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» بۇ خۇسۇستا مەخسۇس بىر دوكلات ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بەختىيار ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە توختىتىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرتىغا ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلار روھى جەھەتتىن ئېغىر ئازاب چەكمەكتە ئىكەن.

«خىتاينىڭ ۋىزىسىز سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق خەۋەردە، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن 15 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىغا دائىر ئانالىزلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلانغان. بۇنىڭ بىرى، «خىتاينىڭ پۇلغا بولغان جىددىي ئېھتىياجى»، ئىككىنچىسى، «‹خىتايلار چەت ئەللىكلەرنى يامان كۆرىدۇ› دەيدىغان تەسىرنى يوقىتىشقا بولغان ئېھتىياجى».

بىرىنچى ئېھتىياجنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە چۆكۈشى، ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىككىنچى ئېھتىياجنى چەت ئەللىكلەرنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىشى ياكى خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى، خىتاينىڭ يەنىلا غەرب ئەللىرىگە بولغان جىددىي باغلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى زور دەرىجىدە جەلپ قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى دەردىگە ئاز-تولا دەرمان تېپىش خىتاينىڭ ئۆتكۈنچى سىياسەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.