خىتايدىكى يىمىرىلىۋاتقان «ئىقتىسادىي مۆجىزىلەر» ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئىزتىراپلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.05.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تاشقىي تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىدىن نارازى بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇپ شىمالىي كورېيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈنشىمالىي كورېيەگە كىرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

1960-يىللاردىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلار ئەۋجىگە چىققان يىللاردا، خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭ «پولات-تۆمۈر تاۋلاشتا 15 يىلدا ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كېتىش، 50 يىلدا ئامېرىكاغا يېتىشىۋېلىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» نى باشلىغان ئىدى. ئەمما تارىخ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان بۇ خىل چارىلارنىڭ بەدىلى بەكمۇ ئېغىر پاجىئەلەر بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. 2018-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشۇ خىلدىكى شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «2035-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى تولۇق زامانىۋىيلاشقان مەملىكەتكە ئايلاندۇرىمىز. 2049-يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەربىي قۇۋۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورنىنى ئالىمىز» دەپ جاكارلىدى. گەرچە شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى نۇتۇقىدا بىرەر كونكىرېت دۆلەتنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، تاشقىي دۇنيا ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق رەقىب بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى پەملەشكە ئۈلگۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شوئار بەكمۇ كۆپ تەكرارلىنىپ، خىتاينىڭ تېزدىن بۇ نىشانغا قاراپ سىلجىۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شى جىنپىڭ «بىزنىڭ ئۇلۇغۋار مەقسەدلىرىمىزگە يېتىشىمىزنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قېلىشقا قادىر ئەمەس» دەپ جاكارلىدى. ھالبۇكى، 2019-يىلى دېكابىردا يامراشقا باشلىغان تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاباسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي «گۈللىنىش» ھەققىدىكى دەبدەبىلىك شوئ‍ارلىرىنى «بىسمىللاسى» دىلا قاتتىق ئاقساتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تاجىسىمان ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغان «قامال قىلىش» چارىلىرى غايەت زور پاجىئەلەر ھېسابىغا ۋىرۇسنى ۋاقتىلىق توختىتىپ قويۇشقا قادىر بولغان بولسىمۇ، 2022-يىلىغا كەلگەندە يېڭىۋاشتىن بىر قاتار پالاكەتلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق پىكرى سۈپىتىدە يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد (Kevin Rudd) ئىمزاسىدىكى ئوبزور ماقالىسى شەكلىدە «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 10-ماي سانىدا ئېلان قىلىندى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئ‍ۆتكۈزۈلىدىغان 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى قانداق «گۈللەندۈرگەنلىكى» نى بىر مۇھىم دەسمايە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويوۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندا كۆرۈلىۋاتقان بىر قاتار ئىقتىسادىي چېكىنىشلەر نۆۋەتتە ئۇنىڭ «ئۆمۈرلۈك پادىشاھلىق» ئارزۇسىغا ئېغىر سايە تاشلىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2022-يىلىدىكى ئېشىش سۈرئىتى تۆت پىرسەنتكىمۇ يەتمەسلىك، ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدىلا 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق چەت ئەل مەبلىغى ۋە يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پايچېكى مەبلىغىنىڭ خىتايدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىشى، بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغان. ئاپتور بۇ خىل شىددەتلىك ئۆزگىرىشتە كۆرۈلگەن ھادىسىلەرنى تۆت جەھەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىدۇ: بىرىنچى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك سودىسى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن توختاپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان؛ ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ «خۇسۇسىيلار كاپىتالىزىمى» نى چەكلەش ئۈچۈن تېخنولوگىيە ساھەسىنى باستۇرۇش ئوبيېكتى قىلىشى بىلەن ئىككى ترىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار كاپىتالى توختاپ قالغان ھەمدە مىليونلىغان كىشى ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇرلانغان؛ ئۈچىنچى، شى جىنپىڭنىڭ «قەدىناس دوستى» بولغان پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن ئېنېرگىيە ۋە مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى تەمىنات زەنجىرىگە ئېغىر پۇتلىكاشاڭلارنى پەيدا قىلغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، ئېكىسپورت قىلغۇچى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ئېغىر شۇم خەۋەر بولۇپ قالغان؛ تۆتىنچى، «داھى ھېچقاچان خاتالاشمايدۇ» دەپ قارىلىدىغان خىتايدا شى جىنپىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇس ۋاباسىنى يەڭگەنلىكىنى جاكارلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى چوڭ شەھەرلەردە ئىجرا بولۇۋاتقان «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئاز دېگەندىمۇ 20-قۇرۇلتايغىچە ئۆزگەرتمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن «قامال» دىكى 45 شەھەرنىڭ 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى داۋاملىق «قامال» دا تۇرىۋېرىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ رايونلار بولسا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان رايونلار ئىكەن.

خىتايدا بارلىققا كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز بولغاندا، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جېرارد دىپىپپو (Gerard DiPippo) تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى «قاپ بەلدىن كېسىپ تاشلىغان» بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان «2035-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يېتىشىۋېلىش» شوئارىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى يوق گەپ بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

«مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى ۋابانى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قارارلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا يول ئاچتى، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي مۇشۇ سۈرئەتتە داۋام قىلسا، 2030-يىلىلا ئامېرىكا ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. ھەتتا 2021-يىلىلا بەزىلەر خىتاينىڭ ۋابا ئۈستىدىن تېز سۈرئەتتە غالىپ كەلگەنلىكىنى پەش قىلىپ، بۇ ھۆكۈمنىڭ مۇتلەقلىشىپ قالغانلىقىنى تەستىقلىغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە مەلۇم بولغان ئەھۋاللار ۋابادىن كېيىنكى گۈللىنىشنىڭ خىتايدا ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا تەۋەسىدە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھازىر ئىستېمال كۆلىمى ۋە سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەنلەردە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ. خىتايدا بولسا ئېنېرگىيە بايلىقى يېتىشمەسلىك، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ سوۋۇپ كېتىشى دېگەنلەر ھازىر بەك روشەن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئەڭ مۇھىمى بۇ قېتىمقى ۋابانىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە بالاسى سىياسىي جەھەتتە قانداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك.»

كېۋىن رۇدنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن بۇ خىلدىكى روشەن چېكىنىش شى جىنپىڭ ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا بىر تۈرلۈك ئاپەت ھېساپلىنىدىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭ تېخى يېقىندىلا ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىش نىسبىتىنىڭ 2022-يىلىدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈمىڭ غەرپ دۇنياسىدىكى سىياسىي تۈزۈمدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئەڭ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋەز ئېيتقان ئىكەن. ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىش رېئاللىق سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا، ئۇ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «كۆپ خىل پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنى قوللىنىش»، «ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ۋە «ئىچكىي ئىستېمال تەلىپىنى كېڭەيتىش» قاتارلىق چارىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ بۇنىڭدىكى «ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» ھەققىدىكى مەزمۇننى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇنىڭ «پەۋقۇلئاددە شارائىت» تىكى ئالاھىدە ئويلىشىشقا تېگىشلىك بولغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە كېپىللىك قىلىشنى كۆزلىگەن قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گەرچە ئۆزى خالىمايدىغان بولسىمۇ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ «ساغلام تەرەققىياتىغا يول قويۇلىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان. ئەمما ئاپتورنىڭ قارشىچە، بۇ چارىلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭ ھەرقاچان سىياسىي كونتروللۇقنى ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنىڭ ئالدىغا قويىدىغان بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ خىل «ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش» تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى رېئاللىق مەنپىي ھالدا مەۋجۇت بولىدىكەن.

كېۋىن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «لوۋىي ئىنسىتىتۇتى» (Lowy Institute)نىڭ 15-مارتتا ئېلان قىلغان خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى زور ھەجىملىك دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا «خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرى ئۆزگەرمەستىن ئىجرا بولغان ھالەتتە 2030-يىلىغا بارغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈچ پىرسەنت بولۇشى، 2050-يىلىغا بارغاندا بۇ سۈرئەت ئەڭ تېز بولغاندا بەش پىرسەنتكە چىقىشى مۇمكىن،» دەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋاقىتلارغا بارغاندا غەرپ دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ ساندىن كۆپ يۇقۇرى بولىدىكەن. بۇ خىل رېئاللىق ھەققىدە سۆز بولغاندا، جېرارد دىپىپپو نۆۋەتتىكى «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» كە ئوخشاش ئەمىلىيەتكە زىت سىياسەتلەرنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ئىقتىسادىنى خاراپ قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بۇ قېتىمقى ۋابا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئاجىزلىقلارنى بەكمۇ ئېنىق ئاشكارىلاپ قويدى. خىتايدىكى ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ توختاپ قېلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشى، چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن كۆچۈپ كېتىشنى تاللىشى دېگەنلەر ھازىر بۇ ھالنى بەكمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ماكرو ئىقتىسادتا كۆرۈلگەن بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېكىسپورت سودىسىنىڭ توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىي جەھەتتىكى ئىستېمالنى يۈكسەلدۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىرقى رېئاللىق بۇنىڭغا يول قويالمايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇ بولدىكى، خىتاينىڭ ئەسلىدىنلا ئاساسى مۇستەھكەم بولمىغان ئۆي-مۈلۈك سودا بازىرى ھازىر توختاپ قېلىشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. Evergrande (خېڭدا) گۇرۇھىنى ئالىدىغان بولساق، بۇ شىركەتنىڭ ھازىرقى قەرزىلا 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ ساھەدىكى باشقا شىركەتلەرمۇ ھازىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋالدا. دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ئاجىز نۇقتا بولغان ئۆي-مۈلۈك سودىسى ھالاك بولۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ۋابا بولسا بۇ خىل يۈزلىنىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. دېمەك ئىچكى ئىستىمالنىڭ ۋە ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ چېكىنىشىلا ھازىر خىتاي ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇدەك باش ئاغرىقى بولۇۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زورىيىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولۇشىدىن ساقلىنىش» تەك يېتەكچى ئىدىيە ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ھېچكىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ، دەپ قاراش ھازىر بارغانسېرى زور قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان پىكىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭنىڭ «ماركىسىزىم، لېنىنىزىم ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى تۇتقا قىلىش» تەك سىياسىي مەۋقەسى تۈپەيلىدىن خىتايدىكى ئىقتىسادىي ساھەگە قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ بوشىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق، دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن دەن روسېن (Dan Rosen) تېخى يېقىندا بۇ ھالغا قارىتا «خىتاي بۈگۈنكى سىياسىي رېجىمنى ھەم تۈنۈگۈنكى ئىقتىسادىي ئېشىشنى تەڭلا ساقلاپ قالىمەن، دېسە بۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇلار جەزمەن بۇنىڭدىن بىرنى تاللىشى كېرەك،» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.