مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتى»
2024.10.25
خىتاي ئىقتىسادىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مەۋجۇت ئىقتىساد مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ھېچبىر ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تونۇلغان مۇتەخەسسىس ۋە «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» (The Wall Street Journal) نىڭ ئوبزورچىسى ۋولتىر راسىل مىد (Walter Russell Mead) خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىساد مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋولتىر راسىل مىد بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئارقىلىق ئىزاھلىغان:
«خىتاي نوپۇسى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتتە 90 مىليونغا يېقىن تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى قەرزلىرىنى قايتۇرالمايۋاتىدۇ. پىروگراممىلارنى، يەنى ئۆز چىقىملىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە يەر سېتىش ئارقىلىق تەمىنلىگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز پاتقىقىغا غەرق بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، خىتاي ئائىلىلىرى يىغقان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %80 گە يېقىن قىسمىنى ئۆي-مۈلۈككە سالغانىدى. ھازىر بەزى يەرلەردە 2021-يىلىدىن بۇيان ئۆي باھاسى تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كەتتى. ئىستېمالچىلار چىقىمىنى تىزگىنلىمەكتە. سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئۆتكەن بىر يىلدا %17.8 تۆۋەنلىدى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا خىتايغا قارشى يېڭى تاموژنا بېجىنى پىلانلاۋاتىدۇ. بانكىلار قەرز بېرىشنى خالىمايۋاتىدۇ، چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋولتىر راسىل مىدنىڭ يۇقىرىقى خىتاينىڭ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈۋاتقانلىق پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ھېچ بىر ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئېنىقلا ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ئىستېمالنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىر خىتايدا مەبلەغنىڭ كۆپىيىشى پۇل پاخاللىقى پەيدا قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. پۇل پاخاللىقى خىتايدا ئىستېمالنى يوقىتىپ، ئىقتىسادنى تۆۋەنلىتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى توسۇش ئۈچۈن قىلالايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە پۇل پاخاللىقىغا بولغان بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار سانائەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئۈمىد يوق».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتايدا بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەس، ئەكسىچە بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى
«خىتايدا ئىشلار ئۆزگەردى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولماقتا، يەنى ناچارلاشماقتا. ئىشلەپچىقىرىش خىتاي سودا ۋە ئىقتىسادىنىڭ يادرولۇق قىسمى. ئەمما ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرخى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەك يۇقىرى. شۇڭا بەزى شىركەتلەر خىتايدا ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرخى يۇقىرىلاپ كەتكەچكە، شىركەتلىرىنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بولغان باشقا يەرلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز خىتايدا دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ئۈستىدىكى قاتتىق قولىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئەركىن پۇل تاپالايدىغان، دۆلەت قاتتىق كونترول قىلمىغان ئەركىن بىر سىستېما بولۇشى كېرەك. لېكىن خىتايدا، ئىقتىسادىي پائالىيەت قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىنغان بىر مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ماسلىشىشچان ۋە يۇمشاق قول بولۇشى كېرەك».
ھالبۇكى ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا، خىتايدا ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىسا، بۇ، سىياسىي جەھەتتە خەتەرلىكتۇر، چۈنكى ئاممىغا ئىستېمال قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ بېرەلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىگە ئېھتىياج ياكى قىيىنچىلىق كۈنلەر ئۈچۈن پۈل تېجەپ قېلىشنى ئويلىمىسىڭىزمۇ ياكى ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دېگەن سىگنال ۋە ئىشەنچنى بېرەلىشى كېرەك. خىتايدا ئۈنۈملۈك داۋالاش سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. لېكىن بۇلارنى بەرپا قىلىش ھەقىقەتەن قىممەتكە چۈشىدۇ. بۇلارنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سىياسىي تېرىكى كۈچلۈك، ئىقتىسادى كۈچلۈك ۋە مۇناسىۋەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغانلاردىن پۇل ۋە بايلىقلارنى ئېلىپ دائىملىق ئىستېمالچىلارغا بېرىش كېرەك. بۇ، خىتايدا نۇرغۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ نۇرغۇن كۈچلۈك كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىي جەھەتتىن بەك خەتەرلىك».