ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتى ھەر خىل شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەپكە خىتاي خاككېرلىرىمۇ قېتىلغان. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تور بېكىتى خىتاينىڭ تورىغا ئۇلىنىپ قالغانىدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمۇ» 17-نويابىر خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تور بېكىتى تاقىلىپ قالغان.

«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» 21-نويابىر ئەتىگەن ئۆزىنىڭ فەيسبوك ھىساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك تاقىلىپ قالغان تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نىڭ مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئەپەندى، 21-نويابىر كۈنى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمنىڭ «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» غا قىلىنغان ئىلگىرىكى ھۇجۇملارغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 17-نويابىر كېچىدە قىلىنغان تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك، «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەر قانىلى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالغان. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك تېخنىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، 21-نويابىر كۈنى ئەتىگەن تور بېكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

تاھىر ئىمىن ئەپەندى يەنە، تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئالغانلىقىنى، ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىپ، تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ 11-ئاي ئىچىدە 2-قېتىم خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بولۇپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىمۇ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئالاقە دىرېكتورى سابرىنا سوخايىل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 3-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن تور ھۇجۇمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىزگە بولغان ھۇجۇم 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدە يۈز بەردى. بىز شۇ كۈنى ئەتىگەندە بۇنى بايقاپ، تور بېكىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تېزلىكتە خاتىرىلىدۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە دائىر ئۇچۇر ئالغان-ئالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. خۇداغا شۈكرى، تور بېكىتىمىز ئالدىنقى كۈنىلا بۇ ھەقتە تەدبىر ئالغان ئىدى. ئۇ كۈنى تور نامىمىز خىتاينىڭ تور بېتىگە ئۇلىنىپ قالدى. شۇڭا بىز بۇ ھۇجۇمنى خىتاينىڭ خاككېرلىرى قىلدى دەپ ئويلىدۇق.»

سابرىنا خانىم بۇ ھەقتە يەنە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنىڭ مەنبەسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىز ئەلۋەتتە خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى دەلىللىشىمىز كېرەك. ئەمما تور بېكەتنىڭ كېيىن قايتا نىشانلانغانلىقىغا ئاساسەن، بىز ئۇنىڭ خىتاينىڭ خاككېرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. خاككېرلار تور بېكىتىمىزگە بىر قىسىم يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى كىرگۈزدى ۋە تور نامىمىزنى ئوغرىلاپ كەتتى».

سابرىنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاككېرلارنىڭ بۇ خىلدىكى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇملىرىدا، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ جامائەت ئارىسىدا تونۇلغان پائالىيەتچىلىرى ھۇجۇم نىشان قىلىنغان ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئاكتىپ ۋە قانچىلىك ئاممىۋى ئىكەنلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ سابىق پروگرامما دىرېكتورىمىز ئارسلان ھىدايەت ناھايىتى ئاكتىپ سۆزلىگۈچى بولغاچقا، شەخسىي ھۇجۇملارنى دائىم باشتىن كەچۈرگەن. دىرېكتورىمىز روشەن ئابباس بولسا خاككېرلارنىڭ دائىملىق ھۇجۇم نىشانى.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تور بېكىتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى تور ھۇجۇملىرىغا كۆپ قېتىم ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نىڭ مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇملىرى يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچەيگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگىلا ھۇجۇم قىلىپ قالماستىن، دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباسقا ئوخشاش تەشكىلات رەئىسلىرى، تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ھەتتا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا شەخسلەرنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ئىكەن.

تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» دا خىزمەت قىلىدىغان بىرقانچە خادىمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئىشلەۋاتقان خىزمىتىدىن مەجبۇرى ئىستېپا بەرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.