يېقىندا ئامېرىكادىكى «فوربېس» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە «ياغاچ ئات» ناملىق خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ مەخسۇس «ئالما» ياكى «ئاندرويىد» تېلېفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 4-سېنتەبىرگە كەلگەندە ئامېرىكادىكى CNN تورىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
«خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئالما› ۋە ‹ئاندرويىد› تېلېفونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئاپتور چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان داڭلىق تور بەتلەردىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى قانداق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تور خاككېرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان تور بېكەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇيغۇرلار يانفون ياكى كومپيۇتېر ئارقىلىق مۇشۇ خىلدىكى تور بەتلەرنى ئېچىپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ شۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىگە جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئاپتوماتىك قاچىلىنىدىكەن. نەتىجىدە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرەلەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى تور بىخەتەرلىكى شىركەتلىرىدىن «ۋىلاكسېتىي» (Volexity) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە قىلىۋاتقان تور خاككېرلىق ھۇجۇمىنى «سۈڭگۈچ ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل تاكتىكا ئارقىلىق خاككېرلىرىنى ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا يول ئېچىپ بېرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرلەپ ئىزدەپ تېپىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تور خاككېرلىق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ۋىلاكسېتىي» تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ستېۋىن ئادەير خىتاي دائىرىلىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇم قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان 11 تور بەتنى تېپىپ چىقتۇق. بۇ پەقەت بىز بايقىيالىغانلىرى، بۇ يەردە يەنە بىز ئۇچرىتالمىغان نۇرغۇن كىچىك تور بەتلەر بار. قانداقلا بولمىسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يانفون ۋە شەخسىي كومپيۇتېرلىرىغا قىلىۋاتقان خاككېرلىق ھۇجۇمىنى كېڭەيتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىكى بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ كىشى كۆرۈشكەن، پاراڭلاشقان باشقا كىشىلەر ھەققىدىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاككېرلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق توردا ‹بېلىق تۇتۇش› مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. توردا ‹بېلىق تۇتۇش› دېگىنىمىز خاككېرلار مەلۇم بىر كىشىگە ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق ئورۇن ياكى شەخس نامىدىن ئېلخەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر تور بەتنىڭ ئادرېسى ياكى ئۇلانمىلار چاپلانغان بولۇپ، خاككېرلار شۇ كىشىدىن ئاشۇنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى شۇنى ئېچىپلا قالسا ئۇلارنىڭ بارلىق مەخپىي ئۇچۇرلىرى خاككېرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆلچەملىك تور بېكەتنىڭ ئادرېسىنى قوللىنىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا يامان غەرەزلىك كودنى كىرگۈزۈپلا ئۇيغۇرلارغا يەمچۈك تاشلايدۇ. توردا ‹بېلىق تۇتۇش› ھەرىكىتى خاككېرلارنىڭ ئۆزى ھۇجۇم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنى ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپرەك ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەر جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ۋە ناملاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق توختاۋسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نېمىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بىلدۈرگەن سۆزلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق تور ھۇجۇمى ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكەن.
ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك داڭلىق تور بېكەتلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى. . . قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار ئىزچىل يېڭىلىنىپ تۇرغانلىقتىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىزىقىدىغان ھەم كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان تور بەت ھېسابلىنىدۇ.
ستېۋىن ئادەير سۆز داۋامىدا بۇ تور بەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىنغىچە بۇنداق خەۋەرنى كۆرمىدۇق. لېكىن بۇ تور بەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارغا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ قالسا، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار خىتايغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ‹بىزنىڭ تور بېكەت خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى› دەپ كەلگەن. ئەمما بىز ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق يامان غەرەزلىك ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرمىدۇق.»
رويتېرس ئاگېنتلىقى 5-سېنتەبىر كۈنى بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خاككېرلارنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھادىسىنى خىتاينىڭ غەربتىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرگە ۋىرۇسلۇق ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باغلاپ تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قىلمىش خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئېشىپ باشقا دۆلەتنىڭ تۇپرىقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.