مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆزىدۇر!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.08.29
xitay-xettatliq-osmur-uyghur-sinip كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى تۆۋەن دوغا كەنتىدىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاي خەتتاتلىقىنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ. 2020-يىلى 28-ئىيۇل، كورلا
www.ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا خىتاي تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023 يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 31 نەپەر «شىنجاڭلىق» ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ تەكلىپ بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ 2023-يىللىق «خىتاي تىل-يېزىقى خەتتاتلىقى تەربىيەسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ پائالىيەتنى خىتاي نەشرىيات گۇرۇھى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي نەشرىيات گۇرۇھى دەرسلىك مەركىزى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹شىنجاڭ› دىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەتتاتلىق مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، خەتتاتلىق مائارىپى بويىچە شىنجاڭدىكى 1500دىن ئارتۇق تايانچ ئوقۇتقۇچىغا يۈزتۇرانە دەرس ئۆتتى ۋە ئۇلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 35 مىڭ ئادەم قېتىمنى تور ئارقىلىق يېتىشتۈردى؛ شىنجاڭدىكى 9 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دىكى 15 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ‹خىتاي تىل-يېزىقى خەتتاتلىق سىنىپى› نى ياردەم قىلىپ قۇردى».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي خەتتاتلىقىنى ئۆگىتىشى، تەرغىب قىلىشى ۋە خىتاي مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانتروپولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندى، «خىتاينىڭ تىل ۋە مائارىپ سىياسىتى تۈپەيلى 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىقىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى چەكلەپ خىتاي تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ تېپىك مىسالى» دېدى.

ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە.
ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە.
Ablikim Emet teminligen

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر فوتوگراف، خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىق سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، ئورخۇندىكى مەڭگۈ تاشلاردىن باشلانغان. ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قەدىمدىن يېقىنقى زامانلارغىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. خەتتاتلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كەسىپ بولغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تىل ۋە مائارىپ سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىقى 2017-يىلدىن بۇيان چەكلىنىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتتى» دېدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تىلشۇناس دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەپ يولغا قۇيۇۋاتقان ئاتالمىش خىتاي تىلى ۋە خەتتاتلىقى سىياسىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى چەكلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تىلى ۋە خىتاي خەتتاتلىقىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىپ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى.» دېدى.

ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى.

ئاخىردا خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى، ۋەتەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەتتاتلىقىنى پەقەت مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سۆيەر شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چەتئەلدە ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقنى كۆرسەتتى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى مەزكۇر خەۋىرىدە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە قەشقەر شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىبراھىم تۇرسۇن 2023-يىللىق «خىتاي تىل-يېزىقى خەتتاتلىق تەربىيەسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى» پائالىيىتىگە قاتناشتى دېگەن. بىز مائارىپ نازارىتى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەكتەپلەرگە تېلېفون قىلىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە يولغا قويغان «خىتاي تىل-يېزىقى خەتتاتلىق سىنىپى» ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا تىرشقان بولساقمۇ، ئەپسۇس ئۇلار تېلېفونلىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.