6-ئاۋغۇست، ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى دىپلوماتلىرى ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ يادرو قورال سانىنى كۈنسېرى كۆپەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى ساناپ ئۆتكەن.
«س ن ب س» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 100 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەر ئاستى ئامبىرى ياساۋاتقانلىقى يەكۈنلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ھەپتە NPR رادىيوسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا جالاشقان لوپنۇر يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە خىتاي مەزكۇر يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەركىزىگە يېڭى تونېل قېزىشقا ۋە يېڭى يوللار ياساشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەد پرايس جۈمە كۈنى «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تور ئارقىلىق قاتناشقان مەزكۇر يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، ئانتونىي بلىنكېننىڭ يەنە خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشىلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ نەچچە ئون يىللىق يادرو قوراللىرى سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ساقلاش ئىستراتېگىيەسىدىن كەسكىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بلىنكېن يەنە بىرمادىكى زوراۋان ھەربىي ھاكىمىيەت، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغان.
«سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى» نىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي ھازىر تەخمىنەن 350 يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەن.
خىتاي 1997-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى باشقا ئاساسلىق يادرو كۈچلىرىگە ئەگىشىپ يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ شۇندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقى ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، يادرو قوراللىرىنىڭ يادروسىز زاپچاسلىرىنى سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 1964-يىلدىن 1997-يىلغىچە لوپنۇردا 47 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇ سىناق جەريانىدا تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەر خىل غەيرىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى باھاردا ئۇيغۇر رايونىدا مەخپىي ھالدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.