پۇتبول مەيدانىدىكى «جياۋۇ ئۇرۇشى»: ياپونىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسىنى يەڭگەن
2024.09.06
تېخى ئالدىنقى ھەپتىلەر خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىي سۈركىلىش پەيدا قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق نازۇك بىر ۋەزىيەتتە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيە خىتاينى مەغلۇپ قىلغان «جياۋۇ ئۇرۇشى» نىڭ پۇتبولچە نۇسخىسى توكيودا يۈز بېرىپ، خىتاينى ئېغىر دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرغان. بەزى خىتايلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىز پۇتىمىزنىڭ ئۇچىدا ئۇلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن ئىدۇق، ئەمما ئۇلار پۇتىنىڭ تاپىنى بىلەن توپ كىرگۈزۈپ ئۆچىنى ئالدى» دېيىشكەن.
2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئاسىيادىكى 18 كۈچلۈك كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى 5-سېنتەبىر كۈنى توكيودا باشلانغان. تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ياپونىيە بىلەن خىتاي دۆلەت كوماندىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە 50 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتناشقان. «پۇتبول ساھەسىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ مۇسابىقىدە، ياپونىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كۈتۈلمىگەن بۇ مەغلۇبىيەتتىن روھى چۈشكەن خىتايلار بۇنى «پۇتبول تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت» دەپ ئاتاشقان.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 6-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ياپونىيە بىلەن بولغان جەڭدە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئەمەلىي كۈچ پەرقى قانچىلىك؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتمىغان. ئۇلار خىتاي توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلىرىنى «بىز يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نەق مەيداندىن تارقىتىش ھوقۇقىغا زىيادە پۇل خەجلەشنى خالىمىدۇق» دېگەن جاۋاب بىلەن بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بىراق خىتايدىكى بەزى توپ مەستانىلىرى بۇ مۇسابىقىنى باشقا قاناللاردىن كۆرۈپ، 7:0 نەتىجىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. نەق مەيدان مۇسابىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان خىتاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى فەن جىيىمۇ روھى سۇنۇپ، «خۇاڭپۇ دەرياسى يىراق بولمىغان بولسا، ئۆزۈمنى تاشلىۋالاتتىم» دېگەن.
ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا «1 مىليارد 400 مىليون خىتاينىڭ ئىچىدىن توپ تېپەلەيدىغان 11 ئادەم چىقمايدۇ» دەيدىغان سۆز بار ئىكەن. خەۋەردە تەسۋىرلىشىچە، خىتاي 30 يىلدىن بۇيان دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى كۈچەيتىش، خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن. ھەتتا ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان. خىتاي رەھبەرلىرى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىرىنى «پارىخور» لۇق جىنايەتلىرى بىلەن تۈرمىگە تاشلاپ، توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرغان. نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا چەت ئەللىك تىرېنېرلارنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان. بىراق ئۇلار چەت ئەللىك تىرېنېرلارغا ھەسسىلەپ پۇل خەجلىگەن چاغلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ توپچىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى نەزەرگە ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان.
گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى خىتايلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلىپ ئىشلىتەلىگەن بولسا، خەلقئارادا بۈگۈنكىدەك ئوسال ئەھۋالدا چۈشۈپ قالماس ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
كۈلكىلىك بولغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن توپ مەستانىلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتايلار بولۇپ، ئۇلار ئۈستىگە ياپون ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 8-ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمىلىرىنى كىيىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ مەيدانغا كىرگەن. بۇ مىللەتچى خىتاي توپ مەستانىلىرى مۇسابىقە جەريانىدا «بۇ يىل ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 79 يىللىقى!» دەپ ۋارقىراپلا قالماي، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك شوئارى بولغان «ئورۇنلىيالمايدىغان ۋەزىپىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمە! يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمە! يوقاتقىلى بولمايدىغان دۈشمەننىڭ بارلىقىغا ئىشەنمە!» دېگەن شوئارلارنى كارنىيى يىرتىلغىچە توۋلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان.
ئەمما ياپون كوماندىسى 3 توپ ئۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەبىيلەرچە مىللەتچىلىك شوئارلىرى ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشۈپ سۇسلىشىپ قالغان. بۇ چاغدا ئۇلار ئۆز كوماندىسىغا داۋاملىق مەدەت بېرىشىپ، «يەنە باشتىن كېلەيلى» دېگەن ناخشىنى ئوقۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ پايدىسى بولمىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان. بۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىغان. ياپونلۇقلار ئارقىدىن 4-ۋە 5-توپنى ئۇرۇۋەتكەن. «غەيرەت قىل!»، «ۋاز كەچمە!» دەپ شوئار توۋلىشىۋاتقان مىللەتچى خىتاي توپ مەستانىلىرى ياپونلۇقلار 6-ۋە 7-توپلارنى ئۇرغاندا تېخىمۇ روھى چۈشۈپ كېتىپ، مەدەت بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئۆز كوماندا ئەزالىرىنى ئاغزىنى بۇزۇپ سەت تىللار بىلەن تىللاشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان.
خەۋەردە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىگەن: «مۇبادا ياپونىيە توپ مەستانىلىرى ئەينى چاغدىكى ياپونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن، بېلىگە خەنجىرىنى قىستۇرغان، قولىدا شۇ زاماننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن قىياپەتتە كىرگەن بولسا ئىدى، شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار قوزغالغان، ھەتتا ئۇلار ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلىشقان بولاتتى.»
خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ياپونىيە كوماندىسىنىڭ 0 گە قارشى 7 نەتىجىسى خىتاي كوماندا ئەزالىرىنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋەتكەن. مۇسابىقە مەيدانىغا غادىيىپ كىرىشكەن خىتاي توپچىلار، مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ خېلىغىچە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قېلىشقان. خىتايلار بۇ مەغلۇبىيەتنى ھەزىم قىلالمىغان. خىتاي 8-ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمىلىرىنى كىيىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن چۇقان سېلىشقان خىتاي توپ مەستانىلىرىمۇ سالپىيىپ بىردىن، ئىككىدىن توپ مەيدانىدىن ئايرىلىشقان. مۇسابىقىنىڭ بۇ نەتىجىسى پۈتكۈل خىتايدىكى توپ مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.