ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە قويغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلەرگە ساتالمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئۈچۈن بازار ئىزدەۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 2023-يىلى ياۋرو-ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن چەتئەللىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالغان.

ياۋرو-ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى كاتىبات باشقارمىسى ۋە خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ئىدارىسى ساھىبخانلىق قىلغان بۇ يەرمەنكىگە 1300 دىن ئارتۇق خىتاي ۋە چەتئەل كارخانىسىنى قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 25 شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 شىركەت قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، بۇلاردىن 7 سى خىتاي شىركىتى ئىكەن. جەمئىي 40 دۆلەت ۋە رايون، 7 خەلقئارالىق تەشكىلات بۇ (جۇڭگو) ياۋرو-ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە ۋەكىل ئەۋەتىدىكەن.
رۇسىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، پاكىستان ، موڭغۇلىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى يەرمەنكە ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سودا تۈرى، قاتنىشىدىغان دۆلەت، شىركەت، مەھسۇلات ئەڭ كۆپ بولغان سودا يەرمەنكىسى ئىكەن.
تەشكىللىگۈچىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، بۇ يەرمەنكىنىڭ باش تېمىسى «يىپەك يولى روھىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» دەپ ئېلان قىلىنغان. لېكىن خىتاينىڭ بۇ يەردە باشقا مەقسىتى بارلىقى بىلىنمەكتە. قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ياۋرو-ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ئۇتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبى ئاسىيا ، ئوتتۇرا شەرق ۋە غەربى ياۋروپاغا كېڭەيتمەكچى . كەلگۈسىدە بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ»دېدى.
ئىستانبۇلدىكى تەدبىر تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى بۇ توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان ماللارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چەكلىشى، خىتاينىڭ دېڭىز سودا يولىنىڭ راۋان بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، خىتاي ياۋرو-ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ، غەرب دۆلەتلەرگە ساتالمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئۈچۈن بازار ئىزدىمەكتە ئىكەن.
ما شىڭرۈي چەتئەللىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالغاندا قىلغان سۆزىدە، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى دۆلەتلەر شىنجاڭ ھەققىدە يالغان گەپ تارقىتىپ، شىنجاڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى كونترول قىلىش سۇيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلسە ھەقىقىي ئەھۋالنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ قالىدۇ» دېگەن.
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ خىل يەرمەنكە ۋە كۆرگەزمىلەرنى تەشكىللەپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي سۆزىدە يەنە: « بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە ئارزۇيىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كەلگۈسىمىزنى يارىتىش، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش » دېگەن.
رەھىمجان ھاپىزوف ئەپەندى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ھېچقاچان ئورتاق ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭ پەقەت خىتاينىڭ شوئارى ۋە تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە ھەر ۋاقىت مۇساپە قۇيۇش ۋە ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.