خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 28-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى 2023-نومۇرلۇق يېڭى «ئۆلچەملىك» دۆلەت خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا، خىتاي ئۆزىنىڭ توققۇز سىزىقلىق لىنىيەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ دېڭىز چېگراسى دەپ قارايدىغان دائىرىنى ئايرىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەسى قىلىپ كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ چىقارغان بۇ خەرىتىسىدە، خىتايغا تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەن جايلار خىتايغا تەۋە بولمىغان ياكى تالاش-تارتىش بولمىغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىمۇ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى ئارۇناچال پرادېش، ئاقساي چىن رايونى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
خىتاي يېڭى خەرىتىسىنىڭ يەر مەيدانى 10 مىليون 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دەپ بېكىتىلىپ كېلىنگەنىدى. يېڭى نۇسخىدىكى خەرىتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ھېساباتتا خىتاي زېمىنىنىڭ تەخمىنەن 10 مىليون 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.
خىتاي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لى يوڭچۈن بۇ خىتاي خەرىتىسى ھەققىدە: «توغرا دۆلەت خەرىتىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ سىمۋولى» دېگەن.
خىتاي بۇ خەرىتىنى ئېلان قىلغان ھامان ئاۋۋال ھىندىستان، ئارقىدىن مالايسىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە نېپال قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە تەيۋەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 2023-يىلى خىتاينىڭ يېڭى نۇسخىدىكى خەرىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ىسىمۋول خاراكتېرلىك يەر مەيدانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستاندىن ئەڭ ئاۋۋال ۋە كۈچلۈك ئېتىراز
ھىندىستان خىتايغا ئەڭ ئاۋۋال ۋە ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەت. ھىندىستان 29-ئاۋغۇست، خىتاي 2023-يىلدىكى «ئۆلچەملىك» خەرىتىسىدە، ئارۇناچال پرادېش، ئاقساي چىن رايونى قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلارنىمۇ ئۆز دائىرىگە كىرگۈزىۋالغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ پەقەت چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س جايشانكار باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ «بىمەنە تەلىپى» نى رەت قىلىپ: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئەمەس تېررىتورىيەلىك رايونلار بىلەن خەرىتە چىقاردى. ھۆكۈمىتىمىز زېمىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. بىمەنە زېمىن تەلەپ قىلىش باشقىلارنىڭ زېمىنىنى سىزنىڭكىگە ئايلاندۇرمايدۇ»، دېگەن.
ت. كۇمار «خىتاينىڭ يېڭى خەرىتىسى دۇنياغا خىتاي تەھدىتىدىن سىگنال»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ت. كۇمار ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئىمپرىيالىزىملىق كېڭەيمىچىلىك» دەپ ئاتىدى. ئۇ، مۇنداق كېڭەيمىچىلىكنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ يالغۇز ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا ئىختىلاپىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جىددىيلەشتۈرۈپ قالماي بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا خىتاي تەھدىتىدىن سىگنال بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ چىقارغان بۇ خەرىتىسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماي ۋە پۈتۈن ھىندىستاندا ئاممىۋى نارازىلىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يىرىكلەشتۈرۈشكە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ بۇ ئەڭ يېڭى ئىغۋاگەرچىلىكى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يۈز بەردى، ئارقىدىنلا يىغىنغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇلاردىن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى سەۋەبلىك مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈردى. خىتاينىڭ بۇ ئىمپېرىيالىزىملىق خەرىتىسىنىڭ يالغۇز ھىندىستانلا ئەمەس ئەتراپتىكى، يەنە جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە خىرىس قىلغانلىقى دۇنياغا خىتاي تەھدىتىدىن سىگنال بەردى».
ت. كۇمار ئەپەندى يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «خىتاي ئىلگىرىمۇ بۇ ھىندىستاننىڭ جەنۇبى تىبەتكە تەۋە زېمىنىنى ھەمدە تىبەتنىمۇ بىزنىڭ دەپ كەلدى. 1962-يىلىمۇ بۇ تېررىتورىيەدە ئۇرۇش بولغان. ھىندىستاننىڭ بۇ زېمىنلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ خەرىتىسىگە ئېلىش خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى بىر دەرىجىگە كۈتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئەزەلدىن بار بولغان جىددىيلىكنى ئاشۇرغاندىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ».
خىتاي قوشنىلىرىنى غەزەپلەندۈردى
ھىندونېزىيە خىتاينى «UNCLOS غا ئەمەل قىلىڭ» دېدى، تەيۋەن بولسا بۇ خەرىتە «دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېدى.
نېپالمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېيجىڭدىن 2020-يىلدىكى خەرىتىسىنى «ھۆرمەتلەش» نى تەلەپ قىلدى.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەرىتىگە بەرگەن ئىنكاسىدا، «2016-يىلى گاگادىكى بىر كېسىم سوتىنىڭ ب د ت نىڭ «دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى» دىكى قارارىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان تەشەببۇسىنى ئاساسەن بىكار قىلدى ۋە فىلىپپىننى قوللىدى»، دېدى.
ۋىيېتنام مۇنداق دېدى: «بۇ تەلەپلەر پاراسېل ۋە سپراتلى ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىڭ سۇ تەۋەلىكىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى› غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋەتسىز دەپ قاراش كېرەك».
ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ بۈگۈن يەنى 6-سېنتەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ئېلان قىلغان يېڭى خەرىتىدە ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىمۇ كىرگۈزۋالغانلىقىغا قارشى ياپونىيە ئېتىراز بىلدۈرگەن. توكيو بېيجىڭنى بۇ خەرىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيەنىڭ باش كابىنېت كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ سەيشەنبە كۈنى توكيودىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭ ئېلان قىلغان يېڭى خەرىتە سەۋەبىدىن دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتايغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
، چۈنكى ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا قارىتا تەشەببۇسىنى بىر تەرەپلىمە تەسۋىرلىگەن. بۇ ئاراللار تارىخ ۋە خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن شۈبھىسىزكى ياپونىيە زېمىنىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بىر قىسمى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتايغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خەرىتىدىكى چۈشەندۈرۈشنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى».
مالايسىيانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى رادىيومىزغا قايتۇرغان خېتىدە، خىتاينىڭ يېڭى خەرىتىسىگە قارىتا مۇستەقىل ئىنكاس قايتۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارقاتقان «خىتاينىڭ 2023-يىللىق ئۆلچەملىك خەرىتىسى» گە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىنى قوشۇپ ئەۋەتكەن.
ئۇنىڭدا «بۇ، 1979-يىلدىكى مالايسىيانىڭ يېڭى خەرىتىسى ئاساسىدا ساباھ ۋە ساراۋاكتىكى مالايسىيانىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن خىتايىڭ بىر تەرەپلىمە دېڭىز تەشەببۇسىنى (بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت) كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مالايسىيا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر مەسىلە دەپ قارىدى. بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1982-يىلدىكى ‹دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى› (UNCLOS 1982) قاتارلىق خەلقئارا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ۋە ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.» دەپ تەلەپ قىلىنغان.
رۇسىيەمۇ سۈكۈتنى بۇزدى
NEWSWEEK نىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چىقارغان بۇ يېڭى خەرىتە رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۇسسۇرى ۋە ئامۇر دەرياسىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىغا جايلاشقان بولشوي ئۇسسۇرىيسكى ئارىلى قاتارلىق كۆپ خىل زېمىن ماجىراسىغا چېتىلىدۇ. بۇ ئارال خىتايچە Heixiazi ياكى قارا ئېيىق دەپ ئاتالغان.
ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا 15 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ئارقىلىق بۇ مەسلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيە دۆلىتىمىز بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ئاخىرى ھەل قىلىندى دېگەن ئورتاق پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرىدۇ.»
خىتاي نېمە دەيدۇ؟
بېيجىڭنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لى يوڭچۈن مۇنداق دېگەن: «توغرا دۆلەت خەرىتىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ سىمۋولى». خىتاي «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «ئۆلچەملىك خەرىتە» نىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت چېگراسىنى سىزىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئېتىرازلارغا قارىماي، ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە» نى ئېلان قىلىشنى «دائىملىق ئادەت» دەپ ئاتىدى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەردىن ئۇنىڭغا «ئوبيېكتىپ ۋە ئاقىلانە» قاراشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقلىرىغا جاۋابەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق. خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ھەر يىلى ھەر خىل تىپتىكى ئۆلچەملىك خەرىتەلەرنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆلچەملىك خەرىتىنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە يەتكۈزۈش ۋە ئاممىنىڭ خەرىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەنىدى.
خىتاي قوشنىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازلىرىغا نىسبەتەن، پەرۋاسىز پوزىتسىيەسىنى بۆگۈنگىچە ئۆزگەرتمىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-سېنتەبىر، چارشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ ئېتىرازىغا بەرگەن ئەڭ يېڭى جاۋابىدا: «دياۋيۈ داۋ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار ئىزچىل خىتاي زېمىنى. بۇ ئاراللارنىڭ خەرىتىدە خىتاي زېمىنى دەپ بەلگە قويۇلغانلىقى تەبىئىي، خىتاي ياپونىيەنىڭ ئېتىرازىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» دېگەن.
ئامېرىكا سەپكە قېتىلدى
بېيجىڭنىڭ يېڭى خەرىتىسى ھىندىستان، مالايسىيا، تەيۋەن ۋە فىلىپپىن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنىلىرى بىلەن يېڭى جىددىيلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، تۈنۈگۈن، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكامۇ بۇ سەپكە قېتىلدى، خىتاينىڭ يېڭى خەرىتىسىگە قارشى رەسمىي شەكىلدە بايانات بەردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنېستىرلىقى باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل-5سېنتەبىر كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كەڭ ۋە قانۇنسىز دېڭىز-ئوكيان تەشەببۇسى خەلقئارا قانۇنغا زىت.» دېدى.
ئۇ باياناتىدا: «بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دۆلەت خەرىتىسى ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن زېمىن ۋە دېڭىز تەلىپىنى رەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يېڭى خەرىتىدە تەسۋىرلەنگەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى سىزىقلارغا كەلسەك، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىز بۇ خەرىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قانۇنسىز دېڭىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىمىز ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى 1982-يىلدىكى ‹دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى› دا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جەنۇبىي دېڭىز ۋە باشقا جايلاردىكى دېڭىز-ئوكيان تەلەپلىرىنى خەلقئارا دېڭىز قانۇنى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.
خىتاي ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتتى
ھالبۇكى خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلەشتىكى كېڭەيمىچىلىكى ۋە پەرۋاسىزلىقى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدىمۇ ئىپادىسىنى تاپماقتا ئىكەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتىسى» گە قارىتا بىر قىسىم خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى «جۇڭگو يەنە كۈچلۈك» دېسە، يەنە بەزىلەر «خەرىتىنى تېخىمۇ چوڭ سىزغىلى بولىدۇ» دەپ ئىنكاس يېزىشقان.
ئامېرىكادا ياشايدىغان خىتاي تەھلىلچىلەردىن قانۇنشۇناس تېڭ بىياۋ ئەپەندى، سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئاممىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلانماقتا. خىتاي بۇ يېڭى خەرىتىنى ئېلان قىلغاندىمۇ پۇقرالاردىكى دۆلەتچىلىك، ئاشقۇن مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوللانماقتا. خىتاي ئۆزىمۇ بۇ خەرىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ خەلقئارادا نارازىلىق قارشىلىق قوزغايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھازىر ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، شۇڭا ئاشكارا ھالدا ئىمپېرىيالىزملىقنى داۋام قىلماقتا».
تېڭ بىياۋ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى شۇكى كۈچلۈكتىن قورقۇپ، ياۋاشنى بوزەك قىلىش. خىتاي ئاسىيادا ئەڭ كۈچلۈك، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن، نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ بېقىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي تەرەپتىنلا ئەمەس بۇ دۆلەتلەرگە سىياسىي سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. خىتاي ئەمەلىيەتتە دۇنيادا بارغانچە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا جەھەتتە ئوبرازى ئىنتايىن ناچارلاشقان ۋە ئىقتىسادى چۆكۈۋاتقان بور ۋاقىتتا، ئۇ بۇنداق بىر كېڭەيمىچىلىكىنى ئاشكارىلايدىغان خەرىتىنى چىقىرىش بىلەن دۇنيادا ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارغانچە سوغۇقلىشىۋاتقان، ھەر تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، دۇنياغا خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ خەرىتە خىتايغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەكسىچە خىتاينىڭ خەلقئارادا ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشقا تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ.»
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەرىتىدە، داڭلىق U شەكىللىك لىنىيەسى تەسۋىرى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تەخمىنەن% 90 نى قاپلىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يەردە ھەر يىلى 3 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق سودا ئۆتكۈزىلىدىكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان بۇ سۇ يولىدا نۇرغۇن ئىختىلاپقا دۇچ كېلىدۇ.
خىتاينىڭ يېڭى رەسمىي خەرىتىىىنى ئېلان قىلىشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىئارام قىلدى، يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەتنىڭ قارشىلىقلىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ.