خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» يىغىنى 15-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىغىننى ئېچىش تەشەببۇسى بۇنىڭدىن 4 يىل ئاۋۋال، يەنى 2015-يىلى 3-ئايدا چاقىرىلغان «ياۋرو-ئاسىيا مۇنبىرى» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەزكۇر دىيالوگ خىتاينىڭ «شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسى»، «خاڭجو تور بىخەتەرلىك يىغىنى»، «بىر بەلۋاغ بىر يول باشلىقلار يىغىنى» دېگەندەك چوڭ تىپتىكى خەلقئارا يىغىنلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىغىن بۇرۇنقى يغىنلاردەك ئۇنچىلىك زور داغدۇغا ۋە تەسىر قوزغىيالمىغان. يىغىنغا پەقەت كامبودژا، سىنگاپور، سىرىلانكا، ئەرمېنىيە قاتارلىق 4 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە گىرېتسىيە پرېزىدېنتىلا قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا-خىتاي سود ئۇرۇشى قاتتىق كەسكىنلەشكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىلىرىنى چەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا ئومۇمىييۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىشى غەرب دۇنياسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەپ، «ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيىتىنى بىر دەرىجە ئۈستۈن كۆرۈش، باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەدەنىيەتنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئىدراك جەھەتتىن ئەخمىقانىلىق، ئۇسۇل جەھەتتىن ئاپەت خاراكتېرلىقتۇر. ئەگەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى پەقەت بىر خىللا مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالسا، بىر خىللا شەكىلگە ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا دۇنيا بەك زېرىكىشلىك ۋە بەكمۇ مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ,» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئىنسانىيەت تەڭ باراۋەرلىك ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەتنى قەدىرلەپ، تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋاز كېچىشى كېرەك،» ئىكەن.
شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق بىر نازۇك ۋەزىيەتتە «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» يىغىنىنى چاقىرىشىدىكى مۇددىئاسى چوڭقۇر ئانالىز قىلىندى. نۇغۇن ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتكە تارتىشقا سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش بىلەن نام چىقارغان فوتوگراف لىسا رۇس خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋتقان قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىشتىن باشقا يولىمىز يوق. ئۇ چوقۇم ئۇيغۇر رايونىدا بۇنىڭ دەل ئەكسىنى ئىجرا قىلماقتا. چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەگەر ئۇ ئەخمىقانىلىق دېگەن بولسا، دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىدا ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇشتىن باشقا بىر سەۋەبنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يىتەلمىدىم.»
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە قازاقنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئانا تىلدىكى مەدەنىيىتىنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ مىللىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ۋە تارىخىي مىراسلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە نەشرىياتچىلىقىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىلىرى ۋە ھېيت-بايراملىرىنى تەبرىكلەشنى مەنئىي قىلغان. شۇنىڭدەك ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇمىييۈزلۈك «مەدىنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكانىڭ مارىلاند شتاتىدىكى تاۋسېند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق پروفېسسورى ما خەييۈننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانالىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ما خەييۈن 15-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە خىتاينىڭ بۇ يىغىنى «قاراڭغۇدىن قورقۇپ ئىسقىرتىپ ماڭغاندەك بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئۆزى ئالدى بىلەن "ئىككى خىل ئۆلچەم" دىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ دائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ "ئىككى خىل ئۆلچەم" قوللىنىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دەھشەتلىك باستۇرىسەن ھەم يوقىتىسەن, يەنە بىر تەرەپتىن "مەدەنىيەتلەر دىيالوگى" دېگەن بۇ يىغىننى چاقىرىپ، تىنچلىق ۋە ئالاقىنى ئالغا سۈرۈشنى جار سالىسەن. ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىلەر شى جىنپىڭنىڭ شەخسى تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز قارىشىنى سەل چاغلىغاندەك قىلىدۇ. بۇ يىغىنغا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەتراپتىكى بىر قانچە كىچىك دۆلەت قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا غەربتىكى مەدەنىيەتلىك بىرەر دۆلەت كېلىپ قاتناشقىنى يوق. خىتايلاردا بىر سۆز بار، "كېچىسى يول ماڭغاندا جىندىن قورقۇپ ئىسقىرتىپ مېڭىش" دەيدىغان. بۇ يىغىن دەل شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشتەك قىلىدۇ.»
ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى چاقىرىشىدىكى نىشانى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئاساسلىق نىشانى ئامېرىكا. ئامېرىكا خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى دۈشمىنى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇ "ئاسىيا مەدىنىيەتلەر دىيالوگى" دېگەن بۇ يىغىننى چاقىرىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربكە "ئېيتىۋاتقىنىڭلار توغرا ئەمەس، بىز كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ياخشى دەپ قارايمىز" دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى. بولمىسا، ئۇنى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كىم بىلمەيدۇ. ھىندونېزىيە ئۇنىڭغا نارازى، مالايسىيا نارازى. ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قويۇپ تۇرايلى. ھەتتا قازاقىستان، قىرغىزىستانلاردىمۇ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا قارشى نامايىشلىرى يۈز بەردى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى "مەدەنىيەت دىيالوگى" دېگەن يىغىنى 2-نۆۋەتلىك "بىر بەلۋاغ بىر يول" يىغىنىدەكلا ئامېرىكا ۋە غەربكە قارىتىلغان.»
ئامېرىكىدىكى فوتوگراف لىسا روسنىڭ قارىشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرنى كەمسىتىشنى تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا دەل بۇنىڭ ئەكسىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. لىسا رۇس ئۇنىڭ بىر مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىمام ئاسىم ۋە ئىمام جەفەرىي سادىق مازارلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ئورۇنلار 500 يىللىق تاۋاپگاھلار ئىدى. ئۇ دۇنيا تارىخىنىڭ بىر پارچىسى، ھەممىگە مەنسۇپ تارىخىي ئورۇنلار ئىدى. لېكىن ئۇنى نېمىشقا چېقىۋېتىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي شەجەرىلىرىنىڭ بىرىنى چېقىپ تاشلىدى. بۇ ئورۇنلارنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى بىر خەلققە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تارىخقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر. مەن ياركەنتكە بارغاندا مازارلارنى زىيارەت قىلالمىدىم. چۈنكى ھەممە يەر تاقالغان، دۇكانلارغا تۆمۈر ئىشىك ئورنىتىلغان، تارىخى ئورۇنلار چېقىلغان، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن پەقەت ئاز بىر قىسمىلا خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىپ قويۇلغان، ياركەنت بۇرۇنقى ھالىتىنى يوقاتقان ئىدى... ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ يىغىندا نېمە دېگەن بولسا بۇ رايوندا دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر خەلقنى ۋەيران قىلىشقا ئورىنىۋاتىدۇ.»
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يىغىننى بىر ئامېرىكا دىپلوماتىنىڭ يېقىندا خىتاي بىلەن بىر مەيدان «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاساسىدىكى دىپلوماتىيەگە ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلدە چاقىرىشى دىققەت قوزغايدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەت پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كىرون سىكىننېر ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا «پەرقلىق بىر مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئۇرۇش» ئىدىيە ئاساسىدا يېڭى بىر ئىستراتېگىيە تۇرغۇزۇپ چىقىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى