خىتاينى يىمىرىلىشكە ئېلىپ بارىدىغان جىددىي ئامىللارنىڭ سالمىقى ئاشماقتا
2025.01.08
5-يانۋار «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «2025-يىلىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزى-‹يىمىرىلىش›» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇڭ گوچىڭ خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا، «بۇنى ‹يىمىرىلىش› دېگەن بىر سۆزگە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ» دېگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشى
شى جىنپىڭنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتكەندە نامايان قىلغان چىراي ئىپادىسىدە كۈچلۈك بىر تەشۋىشلىك كەيپىيات مەۋجۇت بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىرىزىسقا پېتىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھەربىي ساھەسىنىڭ گېزىتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ «كوللېكتىپ ئىدارە قىلىش» شوئارلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «دېڭ شياۋپىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شى جىنپىڭ بايرىقىغا قارشى تۇرۇش» تاكتىكىسى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ پىكىرلەر، شى جىنپىڭنىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىدىكەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىغا نىسبەتەن شۈبھە پەيدا قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ تاشقى ئىستراتېگىيەسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى
شى جىنپىڭنىڭ «نەمۇنىلىك» ئىجادىيىتى بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. بۇ قۇرۇلۇشقا سالىدىغان مەبلەغنىڭ يېتىشمەسلىكى، قەرز قايتۇرۇشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىشى، ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەردىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «خىتاي دۈشمەنلىكى» ئېقىمى ۋە ھەر تۈرلۈك توسالغۇلار بۇ ئاتالمىش «تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى» نى ھازىر «ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئورتاق گەۋدىسى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى «نەس باسقان». خاماس ۋە ھېزبۇللاھنىڭ مەغلۇبىيىتى، ئىراننىڭ شۈمشىيىپ قېلىشى، سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى قاتارلىقلار خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ بېشارەتلىرى بولۇپ قالغان. بەزىلەر ھەتتا «ئەسەدنىڭ بۈگۈنى، شى جىنپىڭنىڭ ئەتىسى بولۇپ قالامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشى، ترامپنىڭ باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇشى، خەلقئارالىق كوممۇنىزمغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئاللىقاچان شەكىللىنىشى، يىللاردىن بۇيان ھەر تەرەپكە شىلتىڭ ئاتقان خىتاينى تولۇق مۇھاسىرە ئىچىگە ئېلىپ بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ گىئو-سىياسىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتى
خىتاي 2023-يىلىدىن ئىلگىرى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە «بۆرە دىپلوماتىيەسى» نى يولغا قويۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە «كېسەل مۈشۈك دىپلوماتىيەسى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەغلۇبىيىتى، قوشنا ئەللەرگە شەكىللەندۈرۈپ كەلگەن تەھدىتلىرى ۋە غەربكە قارشى سىياسەتلىرى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى سۇندۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. دۇنيا جامائىتى بارا-بارا خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىك بىر ئەزاسى ئەمەس، بەلكى «گىئو-سىياسىينىڭ قاتىلى» دەپ قارايدىغان بولغان. قىسقىسى، خىتاي تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دىپلوماتىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن. بۇ ھال مۇقەررەر ھالدا، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىيلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىدىكەن ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن.
خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ سۇنۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بولۇپ، گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا تونۇتۇپ بەرگەن ھالقىلىق ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خىتاي خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى
خىتاينىڭ «ئۈششۈك تېگىۋاتقان ئىقتىسادى»، خېلىدىن بۇيان «مۇزلىغان ئىقتىساد» قا ئايلىنىپ بولغان. خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال «توڭلاپ قالغان». خىتاي پۇقرالىرى پەقەت ئەرزان يېمەكلىكلەرگىلا پۇل خەجلەپ، جېنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولىنى تاللاشقا باشلىغان. بۇ خىتايدىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ خاراب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ 2024-يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيادا 41 دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالالمىغان. ب د ت نىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىدا خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا 75-ئورۇنغا تىزىلغان. مائارىپ، داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتلەردە خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە ئىكەن.
ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى پارچىلىنىش
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان كاپىتالىستلار مەبلەغ سېلىش، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئىگىلىك تىكلەش، تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرالار ئەمگەك قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ئىگىلىك ئۇسۇلىغا تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ سىستېمىنىڭ ئۇلىغا دەز كەتكەن. خىتايدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي بوھرانلار سەۋەبلىك ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى بىراقلا چۆككەن. پەقەت 2023-يىلىدىلا خىتايدا 47 مىليون ئادەم ئىشسىز قالغان. 2024-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئىشچىلارنىڭ 2600 قېتىمدىن ئارتۇق قارشىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2025-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان 12 مىليون 200 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىش پۇرسەتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا پېنسىيەگە چىقىدۇ» كەن.
يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئېغىر دەردى
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەردىن بىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ، زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى، ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ گۇمران بولۇشى، ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ مەسىلىسى ھەل قىلىش ئۈچۈن زايوم تارقىتىپ، كونا قەرزلەرنى يېڭى قەرزلەر بىلەن قايتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان. بىراق بۇ تەدبىر مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىشقا يارىمىغان. يەرلىكلەردە بازارنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە زايوملارغا نىسبەتەن ئىشەنچ قالمىغان.
بايلار بىلەن كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ زورىيىشى
خىتايدىكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر پەرقىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى 960 مىليون ئىنساننىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى ئومۇمىي بايلىقنىڭ 99 پىرسەنتى پەقەت 1 پىرسەنت كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەسىدىكى چېرىكلىك بارغانسېرى ئەۋج ئالغان. شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ھەمدە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئۇنداق قولاي ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. بولۇپمۇ خىتايدىكى نامراتلار، ھازىرقى كۆرۈۋاتقان مۈشكۈل كۈنلىرى ۋە كېلەچەككە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىكلىرى سەۋەبلىك ئۆز ھاكىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىكەن.
ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ ئۈنۈملۈك رولى
2025-يىلى دونالد ترامپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئەگەر خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ھەقىقەتەنمۇ يولغا قويسا، خىتاي ئىقتىسادى ھازىرقىدىن يەنە يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەپ، ئۇنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەسسىلەپ ئارتىدىكەن. خىتاي يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپلا قالماي، دىپلوماتىيە جەھەتتىن يېتىم قالىدىغان بىر تەقدىرگە مۇپتىلا بولىدىكەن. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەمدى خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا خاتىمە بېرىدىغان يولنى تۇتىدىكەن.
يۇقىرىقى ئامىللار خىتاي ھاكىمىيىتى 2025-يىلى دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈلاتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي يەنە خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن ئويلاپ باقمىغان توسالغۇلارغا يولۇقۇشى مۇمكىن ئىكەن.