خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن لاگېرغا قامالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تۇتقۇنغا دائىر دەلىللەر تېخىمۇ تەپسىلىي ئاشكارىلانمىغان ئىدى. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 26-ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەمگەك پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى دەلىللەرنى ئاشكارىلىدى.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا يولغا قويۇلغان «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ، «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى ئەمگەك پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ لاگېرلارغا قامالغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ئائىت ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ باقمىغان يېڭى ھۆججەتلىرىگە ۋە يېڭى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن تەييارلىغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 26-ئۆكتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەت قىلىپ لاگېرغا قامالغان بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ئائىت 9 پارچە ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ تورىدا ئاشكارا ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئاشكارىلىنىشى ئىكەن. بۇ ھۆججەتلەر يەركەن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە، تېكەس ناھىيە ۋە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەخپىي يوليورۇق ۋە ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئالغان ئىكەن. دوكلاتتا، رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەشنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ لاگېرغا باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان پەرقى، 2000-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەمگەككە زورلاشنىڭ، 2014-يىلى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنى «دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى» دەپ بېكىتىشى بىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئايلانغانلىقى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقىغا ئائىت كونكرېت دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن.
ئادرىيان زېنز 26-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھادىسە بۇرۇن كۆپرەك مۆلچەرلەرگە تايىناتتى. بۇرۇن بىز تەتقىقاتچىلار بەلكىم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا قامالغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشلاردا ئىدۇق. بۇ ئومۇمىي خاراكتېرلىك دەلىللەرنى ئاساس قىلاتتى. چۈنكى بىز بەلكىم ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغان، شۇڭا دۆلەتنىڭ جازالاش نىشانىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قىياستا بولغان. لېكىن ھازىر بىز ئىنتايىن كونكرېت دەلىللەرگە ئىگە بولدۇق. »
ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتناشمىغان ئۇيغۇرلار «21 بىر خىل كىشىلەر» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان. ئادرىيان زېنز، «21 بىر خىل كىشىلەر» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا لاگېرغا قاماش نىشان قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بىر تەرەپتىن، بۇ يېڭى دەلىللەر <شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى>دىن ئېرىشكەن يېڭى ھۆججەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى مەن بايقىغان ھۆججەتلەردىن بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان يېڭى دەلىللەر. ھۆججەتلەردە دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلار سۆزلەنگەن. بۇ ‹21 خىل كىشىلەر› تىزىملىكىدىكى تېرمىنلار بىلەن ئوخشاش. <21 خىل كىشىلەر> ئىلىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە لاگېرغا قامىلىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2017-يىلىنىڭ باشلىرى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا چۈشۈرگەن يوليورۇقىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. »
بۇ دوكلات ۋاشىنگتون ۋە بېرېيۇسسېلدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قانچە يېزا-بازارنىڭ 2017-يىلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتتا كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى «تۆۋەن مائاش» تا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ۋە تارماق زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە «مەجبۇرلىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بۇ ھۆججەتتە «مەجبۇرلاش» سۆزى ئاشكارا ئىشلىتىلگەن ئىكەن. دوكلاتتا يەنە 2018-يىلىدىكى يەنە بىر ھۆججەتتە، تېكەس ناھىيەسىنىڭ چولاقتېرەك بازىرى، چىپارتۆپىلىك كەنتىدىكى «بارلىق ئاياللار ۋە باشقا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يىغىپ، قوشنا شەھەردە ئىشلەشكە يۆتكىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا 391 ئائىلىلىك بۇ كەنتتىن 500 كىشى يۆتكەلگەن.
ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا، ئۇ خىتاينىڭ لاگېرلارغا باغلىنىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بىلەن ئۇنىڭ لاگېرلارغا باغلىنىشلىق بولمىغان «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ پەرقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەتقىقات دوكلاتىمنىڭ بىر ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى، خالىغانچە ئەمگەككە تۇتۇش سىستېمىسى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشىدۇر. بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ بىرى لاگېرلارغا باغلىنىشلىق، يەنە بىر لاگېرلارغا باغلىنىشلىق ئەمەس. ئۇلارنى بىرى، <نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش> مېخانىزمىغا باغلىنىشلىق. بۇلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈش بەك مۇھىم. چۈنكى، ھازىر خىتاي نۇرغۇن لاگېرلارنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە قامىدى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە قويۇپ بەردى ۋە ياكى ئائىلىدە نەزەربەند قىلدى. نۆۋەتتە، لاگېرلارغا باغلىنىشلىق ئەمگەك سىستېمىسى بەك ئاكتىپتەك قىلمايدۇ. شۇڭا، خىتاي بۇنى ھەممە نەرسە نورمال، دەپ كۆرسىتىشتە قوللانسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا تەتقىقاتلار ‹يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› ، ‹نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش› نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ھالبۇكى، بۇ سىستېما ئىزچىل ئەڭ چوڭ ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن. »
ئادرىيان زېنزنىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىروگراممىسى بىلەن «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پىروگراممىسىنىڭ ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى بۇ پىروگراممىلارنىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش نىسبەتەن مۈشكۈل» دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمى شىددەتلىك كېڭىيىپ، يىلىغا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمدىن 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە يېتىپ بارغان. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، ئۇنىڭ يولغا قويغان «ئىشسىزلىقنى نازارەت قىلىش» سىستېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتتىن ئايرىلىشىنى مۇمكىنسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپ، بۇ خىل «ھۆججەت خاراكتېرلىك دەلىللەر» نى ئىنكار قىلىپ كەلدى ياكى ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ كەلدى. خىتاينىڭ «تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى» 2018-يىلى دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.