خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىن «ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئېلىپ بېرىلغانلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك» دەپ تەشۋىق قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدە يۇتۇب قانىلىدا بىر مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئابونتى بولغان خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) بىر قانچە كۈندىن بېرى يۇتۇب قانىلىدا ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئېلىپ بېرىلغانلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە «نادىر شىنجاڭ خەۋەرلىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق ۋىدىيو تارقاتقان. خىتاي تاراتقۇ گۇرۇھى (CMG) جەمئىي 8 قىسىملىق بۇ «ھۆججەتلىك خەۋەر» نى ئىشلەش ئۈچۈن ئىچكىرى خىتايدىكى ھەر قايسى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياشلىرىنى سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى «بەختلىك تۇرمۇشى» نى تەشۋىق قىلغان.

بۇ ۋىدىيولاردا گۇاڭدۇڭ خۇيجو شەھىرى ئېلېكتر ئەسۋابلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئاقتۇلۇق يىگىت ئاقىلبېك، نەنجىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان غۇلجالىق قىز ئۇلان، نەنجىڭ ئېلېكتىرىك ماشىنا زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئاقتۇلۇق قىز گۈلخەيىر، ئەنخۇي توك سىمى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان قەشقەرلىك قىز گۈلجەننەت، گۇاڭدۇڭ توك سايمانلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان گۈلچىنار قاتارلىقلارنىڭ ھېكايەسى بايان قىلىنغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاقىلبېك، ئۇلان، گۈلجەننەت قاتارلىقلار توي قىلمىغان ياشلار بولۇپ، خىتاي مۇخبىرلىرىغا ئېيتقان سۆزىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلىقىنى، ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش، شۇنداقلا مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ھەر ئايدا تۆت-بەش مىڭ يۈەن تاپىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر قىسمىنى ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن رازى ئىكەنلىكى، ھەتتا پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋىدىيولاردا دېيىلىۋاتقان گەپلەر تامامەن خىتاينىڭ تەشۋىقات ئويۇنى بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا تېگىشلىك بۇ ياشلارنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق ياكى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ھەممىسىنىڭ بىردەك ھالدا ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىشى بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كەلگەنلىكىنى، زورلاپ ئېلىپ كەلگەن كېلىنمىگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ۋىدىيولاردىكى تەشۋىقاتنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى غەرب دۇنياسىغا ئاشكارىلىشىغا قارشى ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆز بويامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆز ۋاقتىدا ناتسىسلارمۇ زاۋۇتلاردا قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان يەھۇدىيلارنى ئاشۇنداق بەختلىك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان» دېدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ ۋىدىيولار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياۋروپادا دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن، ھەتتا بۇنىڭدىن ئۆتۈپ مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى دۇنياغا بەختلىك كۆرسىتىشكە جان-جەھلى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ۋىدىيودا سۆزلىتىلگەن ياشلار ئۆزىنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ پۇل تېپىشتىكى شەخسىي ئارزۇلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى ۋىدىيودا ھېكايەسىنى سۆزلىگەن ئاقىلبېك ئۆزىنىڭ بىر دانە يانفون ئېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بولغانلىقىنى ئېيتسا، ئىككىنچى ۋىدىيودا ھېكايەسىنى بايان قىلغان قىز ئۇلان كۆپ پۇل تېپىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى، تۆتىنچى ۋىدىيودىكى قىز گۈلجەننەت بولسا ئۆزىنىڭ ئائىلىدە ئەركە چوڭ بولغانلىقىنى، كىيىمگە ئامراقلىقىنى، ئىچكىرىگە بېرىپ پۇل تاپسا بۇ ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ مۇشۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

25 ياشلاردىكى گۈلخەير بىلەن گۈلچىنار تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بالىسىنى چوڭلارغا تاشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەۋاتقان قىزلار بولۇپ، بۇلاردىن گۈلخەير ئېرى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقىلى 2 ئاي بولغانلىقىنى، زاۋۇتنىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ئايرىم ياتاق بەرگەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ ئايدا 4000 يۈەندىن 8000 يۈەن تاپىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇرۇندىنلا شاڭخەينى ۋە دېڭىزنى كۆرگۈسى بارلىقىنى، دەم ئالغان ۋاقىتلىرىدا شاڭخەيگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. گۈلچىنار بولسا يۇرتىدىكى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ پۇل تېپىپ، يۇرتىغا قايتىپ دۇكان ئېچىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپ پۇل تاپقاچ بىر ياقتىن چاچ ياساشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، دەسمىي سالغۇدەك پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ چاچ ياساش دۇكىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ۋىدىيولىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق بەئەينى ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېتقا ئوخشاش ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ۋە پەردازلاشقا كۈچەۋاتقان بولۇپ، خىتاي مۇخبىرلىرى تەشۋىقات ئۈچۈن كارغا كېلىدىغان ئادەملەرنى ھېكايە سۆزلەشكە مەجبۇرلايدىكەن، ئۇ بىچارىلەرمۇ ئامالسىز ھالدا شۇنىڭغا ماسلىشىدىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «ئەگەر خىتاي ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولسا بۇنداق كۆز بويامچىلىق قىلىۋەرمەي، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى قويسۇن؛ ئىشىكىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنى ئۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ كېلىشكە يول قويسۇن» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئەينى چاغدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارشى داڭلىق يازغۇچى گوركىنى گۇلاخنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇ يەردىكى قۇل ئەمگەكچىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى توغرۇلۇق ماقالە يېزىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، گوركىنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا مۇخالىپ ھالدا ئۇ يەرنى ماختاپ ماقالە يېزىپ خەلقى ئالەمنىڭ لەنىتىگە قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاندىن ناتسىستلار ۋە كوممۇنىستلاردىن قالغان ۋە ھازىر خىتاي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇنداق كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.