ئامېرىكا - ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر دۇنيا سەھىيە مەجلىسىدە يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن كېيىن تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ قالغان. نەتىجىدە ئۇ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش تۈسىنى ئالغان سودا ئىختىلاپىغا ئۇچرىغانىدى. يەنى، خىتاي ئاۋسترالىيەدىكى تۆت چوڭ گۆش مەھسۇلاتلىرى فېرمىسىدىن گۆش ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا بىر قىسىم سۈپەت ئۆلچەملىرىنى باھانە قىلغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

18-ماي دۈشەنبە كۈنى بولسا، خىتاي ئاۋسترالىيە مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىتىپ، ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ئارپاغا چېگرا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت خەلقئارالىق بىر چاقىرىقنى شەكىللەندۈرۈشتە باشلامچىلىق رول ئوينىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك خىتاي ئاۋسترالىيەنى جازالاشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كورمۇ شۇنداق كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەمىشە سودا يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تاشقى سىياسەت نىشانلىرىغا خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ئەمما مەن بۇ ۋىرۇس مەسىلىسىدە خىتاينى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ۋىرۇس ھەر بىر دۆلەتتىكى سايلىغۇچى ئاممىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى ئۆلتۈردى، ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلدى. تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كىشىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەتەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇۋېلىشى ئۈچۈن ھەقىقىي ساۋاق بولدى. مەن سايلىغۇچى خەلق ئاممىسىنى ئۆز ھۆكۈمەتلىرىدىن بېيجىڭغا قارشى قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ قارايمەن»

مەلۇم بولۇشىچە، 18-ماي، دۈشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق قارار چىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك «دۇنيا سەھىيە مەجلىسى» چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئاۋسترالىيەنى خۇشال قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئۇ بولسىمۇ، شۇ كۈنى 60 تىن ئارتۇق ياۋروپا دۆلىتى ۋە باشقا دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تاجسىمان ۋىرۇس ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئالغان تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ھەرىكەت پىلانىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ قارار 50 تىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، نەتىجىدە جەمئىي 117 دۆلەت بۇ ھەرىكەت پىلانىنى قوللىغان.

19-ماي سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پەين ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان. ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى سىمون بېرمىڭخام سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە خىتاينىڭ تاموژنا بېجى قارارىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۇنيا سەھىيە مەجلىسىنىڭ قارارىنى قارشى ئالغان. بىرمىڭخام: «ھۆكۈمىتىمىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە قوللىشىنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن. CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ھەرىكەت پىلانىنى قوللىغان 117 دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ دوستى دەپ بىلىنىدىغان رۇسىيەمۇ بار ئىكەن.

ئاندېرس كور ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە، بۇ مەسىلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى:

«ئاۋسترالىيە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ بۇنداق چاكىنا بېسىم تاكتىكىسىغا بويۇن ئېگىشنى قەتئىي رەت قىلىشى كېرەك. ئاۋسترالىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوللايدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئېكسپورتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەدىن كالا گۆشى سېتىۋېلىشقا ئاشكارا ۋەدە بېرىشى كېرەك. نېمىشقا بىز خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئالمايمىز دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالمايمىز؟ مەنچە بۇ بېيجىڭغا بېرىلىدىغان ئەڭ توغرا سىگنال. بىز ئۇيۇشساق ئۇتۇپ چىقالايمىز، ئەگەر بۆلۈنسەك يىقىلىمىز»

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە مەجلىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى يەنە بىر مەيدان كەسكىن سۈركىلىشكە سەھنە بولغان. ئۇ كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەشنى رەت قىلغان، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا تور ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 2 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شۇ كۈنى ئاخشام ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتىر ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى تەدرۇس گېبرىيۇسۇسقا ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، «سىز ۋە ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خاتا قەدەملىرى بۈگۈنكى كىرىزىسكە سەۋەبچى بولدى» دېگەن. 4 بەتتىن تەركىب تاپقان مەكتۇپتا دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان شۈبھىلىك مۇناسىۋىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. دونالد ترامپ يەنە «ئەگەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەگەر كەلگۈسى 30 كۈن مۆھلەت ئىچىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىغان تەقدىردە ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ ئورگانغا بېرىدىغان يىللىق ئىئانىسىنىمۇ قەرەلسىز ھالدا توختىتىدىغانلىقى» نى جاكارلىدى.

دۇنيا سەھىيە مەجلىسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاۋسترالىيەنىڭ چاقىرىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى سىياسىي ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەنى «ئامېرىكا سىزىپ بەرگەن سىىزىقتا ماڭدى»، دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇلار تېخى نامەلۇم بىر «ۋېيبو تورى» قوللانغۇچىسىنىڭ ئاۋسترالىيەنى «ئامېرىكانىڭ ئىتىدەك ھەرىكەت قىلىدىغان گىگانت كېنگورو» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ ئاۋسترالىيەگە ھاقارەت قىلغان. خىتاي يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز مەھسۇتلىرى، سۇلۇ ۋە مېۋە -چېۋىلىرىگىمۇ جازا تەدبىرى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پەين ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا « ئاۋسترالىيە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا باشتىن-ئاخىر مۇستەھكەم تۇرىدۇ» دېدى.