خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق تەشۋىشلەرگە سېلىۋاتقانلىقى 2017-يىلى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە مەخپىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلىشى بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە مەلۇم بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ شەكىلدە زىيانكەشلىك قىلىشى كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، 24-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان «قاچار ماكانى يوق ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى» تېمىسىدىكى دوكلاتتا تاشقى دۇنيا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خەۋەر تېپىشقا باشلىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىشىنىڭ ئەمىلىيەتتە نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەپسىلى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىلەن «ئامۇ دەريا جەمئىيىتى» بىرلىشىپ تەييارلىغان زور ھەجىملىك بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەمدە چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكلىرى 1997-يىلىلا باشلىنىپ بولغان. شۇ ۋاقىتتا پاكىستان ھۆكۈمىىتى ئەڭ دەسلەپ بولۇپ ئۆز تەۋەسىدىكى قولغا ئېلىنغان 14 ئۇيغۇر مۇھاجىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاندىن قالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى «نىشان» قىلغان ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى باشلىۋەتكەن. غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى» دىن تارتىپ 2016-يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ 851 ئۇيغۇر قاچقۇن ئوخشاش بولمىغان 23 دۆلەتتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئوخشىمىغان جازالارغا دۇچ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا يەنە بەزىلىرى مۇددەتسىز قاماققا ياكى ئېغىر بولغان مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرلار كۆپىنچە ئۆز دۆلىتىدە ئىگە بولمىغان ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى دۆلىتى ھەرقاچان ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەركىنلىك مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە قارشى سۆز-ئىبارىلەرنى قىلىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ خىلدىكى دۆلەتلەردىن روسيە، سۈرىيە، خىتاي، ئىران قاتارلىق خېلى كۆپ دۆلەتلەر بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھۇجۇم ئوبېكتى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك مەركەزلىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا «يولۋاس ۋە چىۋىنلارنى يوقىتىش» نامىدا ئەڭ يۇقۇرى ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇققا باغلاپ بىر ياقلىق قىلغان. تاشقى جەھەتتە بولسا «تۈلكە ئوۋلاش ھەركىتى» ۋە «ئاسماندا تور» ناملىرىدىكى ھەركەت ئارقىلىق مىڭلىغان شەخسلەرنى نىشانغا ئالغان. بۇ جەرياندا «چاتاقچى» دەپ قارالغان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مۇشۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بولسا بۇنى تولىمۇ پايدىلىق تاشقى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن.
دوكلاتتىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇسۇلنى قوللىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا «قارا تىزىملىك» تىكى شەخسلەرگە «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىدىكەن. شۇنداقلا زۆرۈر بولغاندا خەلقئارا ساقچى (ئىنتېرپول) ئارقىلىق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى تارقىتىدىكەن. ئىككىنچى باسقۇچتا خىتايدىن قورقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرى ئارقىلىق ئاشۇ كىشىلەرنى قولغا ئالدۇرىدىكەن. ئۈچىنچى باسقۇچتا بولسا بۇ كىشىلەرنى ئاشكارا ياكى مەخپىىي يوسۇندا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.
ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ بۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئۈچىنچى بىخەتەر دۆلەتكە بېرىۋالماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چېگرىسىدىن يوشۇرۇنچە ئۆتۈش ۋەقەلىرى بايقالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئىقتىسادىي كوزىرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى «ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش» كە مۇۋەپپەق بولغان.
ئەمما بۇ ھال 2017-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان. جۈملىدىن شۇ يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى جەريانىدا ئاز دېگەندىمۇ 695 ئۇيغۇرنى ئوخشاش بولمىغان 15 دۆلەت خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ جەھەتتە ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان رايون ئوتتۇرا شەرق تەۋەسىدىكى دۆلەتلەر بولۇپ، مىسىر بۇنىڭدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. 2017-يىلىدىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «خەتەرلىك ۋە سەزگۈر» بولغان 26 دۆلەتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. بۇ تىزىملىكتە ئوتتۇا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە «ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» ھەققىدە بېسىم قىلىشىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېشىپ ماڭغان. يەنە كېلىپ بۇ «قارا تىزىملىك» دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە خىتاي بىلەن تېزلا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان 2019-يىلى فېۋرالدا بېيجىڭغا زىيارەتكە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش» كە باغلاپ باستۇرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەۋج ئالغان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇشى ئوتتۇرىغا چىققان.
ئاپتورلار «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا زىيارەت قىلىنغان 400 كىشىدىن 300 گە يېقىن كىشى خىتاينىڭ تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكى ۋە تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقى، 26 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلانغانلىقىنى بايقىغان.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ يوغىناپ بىرلىكسەپ ئىشخانىلىرى ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلار بىلەن زىچ ئالاقە تور ئورنىتىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلارنى قورقۇتماقچى بولغان. ئۇلار بۇنىڭدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى پاراكەندە قىلىش ياكى قاماققا ئېلىش ئارقىلىق قورقۇتۇشنى مۇھىم ۋاستە قىلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ۋاستىلىك ھالدا «بىزنىڭ يامان گېپىمىزنى قىلساڭ ئاقىۋىتىڭنى ئويلىشىپ قوي» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ماكانلاشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي ئالاقە تۈپەيلىدىن «ئۇيغۇر تېرورچىلار سۈرىيەدە تېرورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولماقتا» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلىشىمۇ بارغانسېرى يۇمشاقلىشىپ ماڭغان. 2020-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە يامرىغان تاجىسىمان ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى» نى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «خاتىرجەملىك ماكانى» بولالماي قالغان.
دوكلاتتا ئەنە شۇ خىل ئەھۋاللار ھەققىدىكى كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارغا باشپاناھ بولغۇدەك ماكان بولۇشتىن قېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى كېلىپ خىتايغا بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ قولى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش قارا نىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مۇساپىرلىق ئىلتىماسلىرىنى تېزلەشتۈرۈپ بېجىرىش، ئۇلارغا قارىتىلغان قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى كېڭەيتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىغا قارشى ب د ت دائىرىلىرى مەخسۇس مەلۇماتچى تەيىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مۈمكىنچىلىكى بولغان چارىلەردىن ئىكەنلىكى تەۋسىيە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.