خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەندەك ناملاردا تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھازىر ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ «سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقانلار» نى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر بولغانلارنى «ئوۋ نىشانى» قىلىۋاتقانلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «تېكساس A&M ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى ئېدۋاد لىمون (Edward Lemon)، «ۋىلسون خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى برادلېي جاردىن (Bradley Jardine) ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئامۇ دەرياسى جەمئىيىتى» نىڭ خادىمى ناتالىيە خال (Natalie Hall) نىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن «يەر شارىلىشىش» ژۇرنىلىدا 1-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلىرى بىر قەدەر سىستېمىلىق شەرھلەندى.
«سىستېمىلاشقان زىيانكەشلىك مېتودى سىناقتىن ئۆتكەن!»
ئاپتورلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىنىڭ تولۇق كارتىنىىسنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن مەنبەلەرنى، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە دوكلات-خەۋەرلەرنى، شۇنىڭدەك خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن مەلۇماتلىرىنى ماتېرىيال ئاساسى قىلغان. ئاپتورلار مۇشۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 7108 كىشىنىڭ ئەھۋالىنى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ھەقتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش جەريانىنى تولۇق پاش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككى يۈزگە يەتمەيدىغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا كۆڭۈلشىمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىدە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور ئېدۋارد بۇنىڭدا ھەرقاچان ئۈچ باسقۇچلۇق مېتودنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ مېتودنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا زور «ئۈنۈم» گە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
«بىز خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان تۈرلۈك ئۇسۇللارنى تۈرگە ئايرىپ چىقتۇق. بۇنىڭدا ئۇلار ھەرقاچان ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلدى. بىرىنچى باسقۇچتا خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ ئۇلارنىڭ تېلېفون ياكى كومپيۇتېرلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل نازارەت ۋە كۆزىتىش بەكمۇ كەڭ دائىرىگە يېيىلغان بولۇپ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نىشانغا ئېلىنىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولغان. ئۈچىنچى قەدەمدە بۇ خىلدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدا بەزىلەر تەھدىتلىك ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن قايتسا يەنە بەزىلەر خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ كېلىۋاتقان مىسىر، پاكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئارقىلىق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.»
ئاپتورلار ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىدە ئىزچىل قوللىنىلغان بىر مۇھىم باھانە خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» نەزەرىيەسى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە تېررورلۇقنىڭ قۇربانى قىلىنسا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھېچنەگە بارالماس قىلىپ قويغان. مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» تۈپەيلىدىن ئۇ ئاز دېگەندىمۇ توققۇز قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» كە باغلاش ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن. 2014-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىككە يېشىل چىراغ يېقىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى «گۇمانلىق دۆلەتلەر» قاتارىغا ئالغان مىسىر، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار يۈزلەپ خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر رايونلار دەپ قارىلىۋاتقان تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ خەتەرلىك جايلار قاتارىغا ئۆتۈشكە باشلىغان. پروفېسسور ئېدۋارد بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ. .
«بۇ نەزەرىيەلەر كۆپلىگەن دېلولاردا ئاساسەن قوللىنىلغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە، جۈملىدىن مىسىردا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 274 ئۇيغۇرنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. خىتاي بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېررورلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك دۇنياۋى كۆلەم ئالغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى مىسال قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنى چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش قىلمىشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۈلگۈردى. پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ تېررورلۇققا باغلانغان ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەققىدىكى بۇ داۋراڭلىرىنى ھەممىلا جايدا قوللانغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار مەيلى دىنىي ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولسۇن ياكى باشقا خىل پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ كاتېگورىيەگە باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھال خۇددى ئالىملاردىن شان روبېرتس ئېيتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
«ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل زىيانكەشلىكلەر ئەمەلىيەتتە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش!»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكى گەرچە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1997-يىلى باشلانغان بولسىمۇ خەلقئارادا بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس ئوتتۇرىغا چىقمىغان. ئاپتورلار توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 44 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلەت تۇپرىقىدا ئاشۇ خىلدىكى زۇلۇملارنى ئىجرا قىلىشىغا شېرىك بولغان ياكى ئۇنى توسۇشقا ئىلاج قىلالمىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى مۇھىم نىشانلاردىن قىلغان بۇ خىل زىيانكەشلىك مىسىردا ئەڭ يۇغۇرى پەللىنى ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمرانى ئابدۇل فەتتاخ ئال سىسى (Abdel Fattah el-Sisi ) 2017-يىلى سېنتەبىردە بېيجىڭغا زىيارەتكە بېرىپ 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قۇرۇلۇش توختامىغا ئىمزا قويغان. بۇ خىلدىكى مېخانىزم پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ ئەينى تەكرارلانغان. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرى دېموكراتىك ئەللەرگە، جۈملىدىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەۋەسىگە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ھازىر ئەركىن ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت مۇھىتىغا ئېغىر كۆلەڭگە تاشلاۋاتقان ھادىسە سۈپىتىدە يېڭى خەتەرلەردىن بېشارەت بېرىشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور ئېدۋارد مۇنداق دەيدۇ. .
«دەرۋەقە بىز ھازىرچە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان نازارەت، كونتروللۇق، پاراكەندىچىلىك دېگەنلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ياكى باشقا شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆپ كۆرگەن بولساقمۇ مىسىر، تايلاند ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە كوللېكتىپ ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئەمما ئاز ساندا ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىمۇ كۆرۈلدى. زور كۆلەملىك تۇتقۇن كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ بۇ خىل ئايىغى چىقماس نازارەت ۋە كونتروللۇق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەرقاچان بىر تەشۋىشكە ۋە بېسىمغا دۇچار قىلىپ چارچىتىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەگە ئائىت دوكلاتلارنى كۆپرەك ئېلان قىلىش ھازىر بەكمۇ زۆرۈر. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەردىن ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بىر بىخەتەر ماكانغا يېتىپ كەلدۇق، دەپ ئويلاپ يۈرگەندە ئۇلارنىڭ تېخىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوۋ نىشانى بولۇپ قېلىشى بۇ ھۆكۈمەتلەر تونۇپ يېتىشكە مەنسۇپ بولغان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.» گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى غەرب دۇنياسىغا يېيىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بېقىندى بولۇپ قالغان ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. يەنە كېلىپ بۇ ھالنىڭ تېزدىن بىلىنىشىگە ئەگىشىپ بۇنىڭغا قارشى بولغان بىر قىسىم تەدبىرلەر ۋە تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئېدۋارد لىمون مۇنداق دەيدۇ. .
«يېقىندىن بۇيان بىز ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بەزى جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق پونكىتلىرىنىڭ رېستوران ياكى باشقا مۇئەسسەسەلەر نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا چەك قويۇش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم خىزمەت. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ئىزچىل بىر مۈشكۈلات بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ياكى ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم ئالغان بۇ كىشىلەر سىياسىي پاناھلىق ئارقىلىق بىخەتەرلىككە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا دەككە-دۈككىدىن خالاس بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەرنى بۇ ساھە بويىچە تەربىيەلەش، بۇ خىل زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە ئۇنى يوشۇرماستىن پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تەۋەسىگە كىرگەن كىشىلەرنى پاش قىلىشى ۋە قوغلاپ چىقىرىشىمۇ مۇھىم. مېنىڭچە ھازىر خىتاينىڭ بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەلۇم دەرىجىدە بىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا قىزىقىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇداپىئە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز تېخىمۇ مۇھىم.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىللەردىكى بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى 2022-يىلى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم رەئىسلىككە «سايلىنىشى» دىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، شۇ قاتاردا چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك قىلمىشىنىڭمۇ داۋام قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.