تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور ياسىن ئاقتاي ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت ۋە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ۋە ئېنېرگىيە بەخش ئەتمەكتە. پۈتۈن بۇ زۇلۇم ۋە بېسىملار ئۇ يەردە بىر قارشىلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەنبەسى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇلارنىڭ ئۇ روھىنى بوغۇپ، ئۇلارنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنچىۋالا كۈچەپ زۇلۇم قىلىشىنىڭ ئۆزى شەرقىي تۈركىستاندا قارشىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بەرمەكتە. دېمەك بۇ، ئۇ يەردە تېخىچە خىتاي تەلتۆكۈس كونترول قىلالمايۋاتقان بىر بوشلۇق بار دېگەنلىكتۇر. بىز بىر كىشى قالغان تەقدىردىمۇ بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز، يولىمىزدىن قايتماسلىقىمىز، شۇنداقلا بۇ دەۋانى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدىشىمىز لازىم».
تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىنچىلىقى بىلەن تونۇلغان «يېڭى شەفەق» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا « شەرقىي تۈركىستانغا نەزەر سالغاندا كۆرىدىغىمىز…» ماۋزۇلۇق مەخسۇس بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىنى تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور دوكتور ياسىن ئاقتاي يازغان بولۇپ، ماقالە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، بىر سىياسىي مەركەز ۋە ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسى بەلگىلەپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىز بۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى پىروفېسسور ياسىن ئاقتاي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پىروفېسسور ياسىن ئاقتاي ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىدىن ئىزتىراپ چېكىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىنى بىر ئامال قىلىپ سىياسىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز ۋە زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر».
پىروفېسسور ياسىن ئاقتاي ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئامېرىكاغا قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقان خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىنىي چەكلىمە ۋە مىللىي يوقىتىشتىن ئىبارەت يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. خىتاينىڭ بۇ خىل زۇلۇم سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر».
ئۇ بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق مۇنداق دېدى: «قارايدىغان بولساق، خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا رىقابەت، تېخىمۇ ئېنىقراقى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رىقابەت مەۋجۇت. خىتاي بۈگۈنكى دۇنيادا ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى غوجىدارلىق ئورنىغا خىرىس قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت. ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيەمۇ ئامېرىكاغا ئوچۇق-ئاشكارا خىرىس قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ھىندىستانمۇ رىقابەت ئىچىدە تۇرماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا مەلۇم شەكىلدە زۇلۇم قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجىدىن خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىككىنچى چوڭ گەۋدىگە ئايلانغان، ھەتتا بىرىنچى ئورۇنغا چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر دۆلەت. شۇ سەۋەبتىن خىتاي پۈتۈن دۇنيادا ئۆز مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بازار تېپىشقا ئېچىرقاۋاتقان ھالەتتە تۇرماقتا. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ۋە ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە بارغان ئىنسانلارغا پەقەت مەلۇم بەلگىلەنگەن يەرلەرنىلا كۆرۈش چەكلىمىسى قويىدۇ؟ چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان تۇرۇپ، بۇنىڭدىن تېنىۋېلىشقا، ھەتتا ئۇنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ نۇقتىدا خىتاي ئۆزىنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ‹ئاپئاق› ۋە ‹گۇناھسىز› قىلىپ كۆرسىتىشكە موھتاج. بىز خىتاينىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىياسەتنى يولغا قويىدىغان بىر سىياسىي مەركەز بولۇشى كېرەك، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇنداق بىر مەركەز ھازىرچە قۇرۇلغىنى يوق».