پەرزەنت جۇدالىقىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە خىتاينىڭ «تېررورلۇق» تەبىرى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرلىرى مۇھاجىرەتتە نەچچە يىللاپ ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىدە پۇچىلىنىۋاتقان مامۇتجاننىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىزدەپ قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندىن كېيىن ئىشلىگەن قىسقا فىلىم مۇھاجىرەتتىكى مۇشۇ خىل روھىي ئازابنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان مىڭلىغان ئ‍ۇيغۇرنىڭ ئورتاق قەلب يارىسىنى نامايان قىلدى. بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقى يەنە بىر قېتىم بىۋاسىتە نامايان قىلدى. ئەمما CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر بەتلىك يازما بايانات شەكلىدە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدەك مامۇتجان ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم مەمتىمىن، مېھرىبان قادىر قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. باياناتتا ئېنىق قىلىپ «بۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىلار مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، چەتئەلدە يېتىۋالغان» دېگەن. ئەمما باياناتتا «تېررورچى» دەپ ئاتالغان بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر دەلىل-ئىسپاتمۇ كۆرسىتىلمىگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مامۇتجان ئائىلىسىنى يىپ ئۇچى قىلغان تەكشۈرۈشى جەريانىدا ئۇنىڭ ئايالى مۇھەررەمنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ توققۇز يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بالىلارنىڭ تېزرەك ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشتىن باشقا ئارزۇسىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.

ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى مامۇتجان پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، ئايالىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بىر يالغانچىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئاغزاكى بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالاقىسىدە بولالمىغانلىقىنى، مۇھەررەمنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ ھېچنەگە ماڭالماس قىلىپ قويۇلغانلىقىنى، يېقىندا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەجبۇرىي ئېكرانغا چىقىرىپ «مامۇتجان خوتۇن-بالىلىرىنى تاشلىۋەتكەن» دېگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

بۇ خىلدىكى «ئېكراندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەيىبلەش» پائالىيىتىدە ھازىر ئىتالىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىكىم مەمتىمىننىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان تۆت پەرزەنتىمۇ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەپ سۆزلەشكە مەجبۇرلانغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ سۈرەتلىرىنىڭ بىرىدە بالىلارنىڭ بىرى «دادا، ئاپا! بىز سىلەرنى سېغىندۇق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قەغەزنى كۆتۈرۈۋالغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئابلىكىم ۋە مېھرىبان ئەر-ئايالنى «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى» دېيىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتىلمەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەشتەك قىلمىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ قېتىمقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنىمۇ ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئويناپ كەلگەن نەيرەڭلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاندىقى «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى «دۈشمەنلەر» گە «تېررورچى» قالپىقىنى كىيىش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەن.

ئېلشات ھەسەننىڭ بۇ قارىشىنى يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر «تېررورلۇق گۇماندارلىرى» ھەققىدىكى ھۆججىتىمۇ تەستىقلايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش-ئالتە ياشلىق بالىلار ھەمدە ياشىنىپ قالغان بوۋايلارمۇ «تېررور گۇماندارى» دەپ تىزىملانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە مۇھاجىرەتتە ھېچقاچان سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ باقمىغان ئ‍ۇيغۇرلارنىمۇ «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلىشى ھەققىدە توختالغاندا ئىلشات ھەسەن بۇ خىل قالپاق كىيدۈرۈشنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا نامايان قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقئارانى ئىشەندۈرۈش ياكى ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياساپ چىققان بۇ خىلدىكى ساختا ئويۇنلارنى تولا كۆرۈپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل پاجىئەلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۈشكۈلاتتىن خالاس بولۇشىدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.