خىتاينىڭ زۇلۇمى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىسمىدا ۋە روھىيىتىدە ساقايغۇسىز يارىلارنى قالدۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھشىيانە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «قىرغىنچىلىق» دەپ سۈپەتلەنمەكتە. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق ئىنتايىن كەڭرى بىر ساھە، بىز يالغۇز ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزدا 2020-يىلى بىر يىل داۋامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئومۇميۈزلۈك ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تېما قىلىنغان، مەخسۇس خەۋەر ۋە زىيارەتلىرىمىزگە ئاساسلانغىنىمىزدا، بۇلار بىزگە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزىنىڭ ئايال بولۇپ يارىلىش بىلەن تەڭ بېرىلگەن ئانا بولۇشتەك ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ قەبىھ ۋە ۋەھشىي ئۇسۇللاردا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئونلىغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رادىيومىزغا ئاڭلاتقان ئەرزلىرى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەجبۇرىي ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە، شەرتسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ۋاسىتىلىرىگە مەجبۇرلىنىپ، بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى، پىلاندىن سىرت ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈرۈش، پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتى ئۈچۈن ئېغىر جەرىمانە تۆلەش ھەتتا تۈرمە لاگېرلارغا قامىلىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرگە مەجبۇر بولماقتا. بۇ جەرياندا بەزلىرى تۇغۇش ئىقتىدارىدىن ۋە سالامەتلىكىدىن، بەزىلىرى بەختىيار تۇرمۇش ھەتتا ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلماقتا.

مەزكۇر مەسىلە بويىچە خەلقئارادا ئەڭ زور دىققەت قوزغىغان ئىسپاتلىق ماتېرىيالنىڭ بىرى بۇ يىل 6-ئايدا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق بىر ھۆججەتلىك دوكلاتتۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغۇت نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ شىددەتلىك ھالدا تۆۋەنلىگەنلىكىنى جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نوپۇس چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ لاگېر قۇرۇلغان مەزگىللەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ۋە ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ 2014-يىلدىكى 15% تىن 2018-يىلىدىكى 4% كە يەتمەيدىغان سەۋىيەگە چۈشكەنلىكى، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% تىگە ئۈزۈك سېلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىنغانلىقىنى، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئېيتقىنىدەك «21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولسا، 2020-يىلى 2-ئىيۇلدا مەخسۇس رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم، دوكتور ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن مەتبۇئاتلارغا ئېلان قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق دوكلاتنىڭ ئۆزىنى چۆچۈتكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ؛ «بىر تۇغۇت ئالدىدىكى ئېغىرئاياغ ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن قەلبىم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇردى» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلغانىدى. ئۇ «ئىرقىي ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىكلا مەجبۇرىي ھالدا ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ياكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنى ھېچ ئەقلىمگە سىغدۇرالمايمەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر رەزىل قىلمىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن» دەپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆز ئېچىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

بۇلاردىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار كرىزىسنىڭ، خەلقئارادىكى نۇقتىلىق كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ھالبۇكى يەنىلا مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېرلاردا ئىنسانلار قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە خورلۇقلارغا ھەتتا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولسا، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانى بولماقتا.

ھەتتا ئىلگىرى بۇ زۇلۇملارنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ھايات قالغان بىر قىسىم گۇۋاھچى ئۇيغۇر قىزى گەرچە ھازىر ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى ۋە روھىدا قالدۇرغان چوڭقۇر جاراھەتنىڭ ئاسارىتىدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمنى قاچان ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سىياسەتلىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تاشقى دۇنياغا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن لاگېردا 9 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغان ۋە ئۇنىڭ 3كېزەك بوۋىقىنىڭ بىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ، ئائىلىسى پارچىلىنىپ، ئۆزى لاگېردا ئۇچرىغان قىيىن-قىستاق ۋە نامەلۇم دورىلار تەسىرىدىن ھازىرغىچە داۋالىنىپ تېخى سەللىمازا ئەسلىگە كېلەلمىگەن لاگېر شاھىتىنىڭ بىرى.

ئۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، رادىيومىزغا بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرگە قارىماي، لاگېردا ئۇچرىغان زۇلۇم ۋە خورلۇق ۋە ئۇيقۇلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىككى يىل جەريانىدا بۇ زۇلۇمنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بولۇپ دۇنيادىكى ھەققانىيەتچىلەرنى داۋاملىق ئويغىتىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك كۈندىكى ئارزۇسىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن پەقەت زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ شاھىتى بولۇپلا قالماي بەلكى دۇنيانىڭ ئادالىتىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنىڭ شاھىتى بولۇشىنى خالايمەن».

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا مەڭگۈلۈك تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باشقا تاللىشى يوقلۇقى ھەققىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى. زۇمرەت ئاياللارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دۇنيادا قوغدىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئەمدىلىكتە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىۋېتەلىشىگىمۇ ياق دېيىش ھوقۇقى بولمىسا، قانداقمۇ باشقا ھەق-ھوقۇقلاردىن سۆز ئاچالايمىز؟» دېدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى پىلاندىن سىرت پەرزەنتلىك بولۇشنى چەكلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى پەقەت ئۇلار ئۇيغۇر بولغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ۋە ياكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جىسمانىي ھەم روھىي خورلاشنى داۋام قىلماقتا.

لاگېردا كۆرگەن قىيىن-قىستاق سەۋەبلىك، بالا ياتقۇسى ئېغىر زەخىملىنىپ، لاگېردىن چىقىپ قازاقىستاندا ئۇزۇن داۋالىنىپمۇ ساقىيالمىغان ۋە ھاياتى جىددىي خەۋپتە قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ياردىمى بىلەن يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قىسمىتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى خىتاينىڭ مىسلىسىز ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىدىن ھايات قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ پاجىئەنىڭ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتىگە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى تەكرار ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

دۇنياغا ئۆزىنى ۋە باشقا ئىمكانسىز قالغان ئۇيغۇر، قازاق ھەم باشقا خەلقلەرنىڭ قىز-ئاياللىرىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شۇنداق سوئال قويدى: «بىگۇناھ ھالدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان قىز-ئاياللارنى قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ قانداقمۇ دۇنيادا ئىنساننىڭ قەدرى-قىممىتى بار دېيەلەيمىز ؟»