خىتاي ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان چېگرىسى يېقىنىدىكى تاغلىق رايوندا، 18 نەپەر تېررور گۇماندارىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، 17 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھامان، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقانداق تېررورلۇق تەشكىلات ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ تېررور گۇماندارلىرىغا قىلغان ھۇجۇم جەريانىنى سۆزلەپ كېلىپ، مەزكۇر دېلو ھەققىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەدىن قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكىنى ۋە ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق تۈزۈمىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بولمىغۇر سىياسىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قورال كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ يەنە "بەلكىم مەزكۇر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)