بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا، خىتاينىڭ غەربىدىكى نامرات رايونلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە 1 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات پىلان كومېتىتىنىڭ مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان خىزمىتىنىڭ مەقسىدى، بۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاينىڭ غەربىدىكى 12 ئۆلكىدە، مەخسۇس ئىش بېجىرىش پونكىتلىرى قۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
نۆۋەتتە، خەلقئارادىكى مۈتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇھىت مەسىلىسگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. مۈتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھەر ھەپتىدە، كۆمۈر يېقىلغۇسى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن بىرى قۇرۇلىدىكەن. بۇ خىتايدا مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ئاساسلىق ئامىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى، خىتايدىكى مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۈر قەدىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى مەسىلىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم كۆرسىتىشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى ۋە ئېچىش خاراكتىرىدىكى پىلانسىز كان ، قۇدۇق قېزىشلىرى مەزكۈر رايون مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تۈرلۈك ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە . (ئەقىدە)