گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى
2007.05.25
گۇاڭشى جۇئاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ بوبەي ناھىيىسىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە 28 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان توقۇنۇشتىن كېيىن، ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوبەي ناھىيىسىدىكى پۇقرالار جۈمە كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن مەجبۇرى خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ جايدىكى ليۇ پەمىلىلىك بىر ئايالنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بىر بالىنى ئارتۇق تۇققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 24 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان شۇنداقلا دائىرىلەر بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆيىدىكى پۈتۈن مال - مۈلكىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي پۇلغا سۇندۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن.
ئۇ، مەن ۋە بۇ جايدىكى پۇقرالار مۇسادىرە قىلىنغان ئۆي سايمانلىرىمىزنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان ياكى قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۆرسە، ھاياجانلانغان ھالدا ئورىۋالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا قولدا يېزىلغان ياكى بېسىپ تارقىتىلغان ئەرز نامىلارنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى يازدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاز بولمىغان كىشىلەر ئادالەت چوقۇم يېرىنى تېپىشى كېرەك، دەپ چۇقان سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بوبەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇشتا 28 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا پۇقرالارنى پىلانلىق تۇغۇتقا مەجبۇرلىغان يەرلىك ئەمەلدارلار قېچىپ كەتكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- خىتايدا مىڭلىغان ئامما "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى "گە قارشى نامايىش قىلدى
- ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
- چوڭچىڭ شەھرىدە ئايال ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى
- خىتايدا يەر-زېمىن داۋاسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- شەرقى خىتايدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى