گۇاڭشى ئۆلكىسى بوبەي ناھىيىسىدىكى خەلق ئۆز جاسارىتىنى نامايەن قىلدى

0:00 / 0:00

ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، گۇاڭشى ئۆلكىسى بوبەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى نارازلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بوبەي ناھىسىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باسقان قەدىمىگە يۇقىرى باھا بەردى.

شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

ئوبزورچى ئۆز مۇلاھىزىسىدە يەنە ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىگە قۇلاق سالغايسىز.