ئىران قاتارلىق 4 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يېغىنىغا تەكلىپ قىلىنماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، كېلەر ئاي شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يېغىنىغا، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيە رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بۇ يېغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى، تەشكىلاتنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يېغىنىغا، بۇ تەشكىلاتتا كۆزەتكۈچى بولغان دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى، دېدى.

نۆۋەتتە ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيە، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى ئورۇنغا ئىگە. ئەمما يېقىندىن بېرى، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنى تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققان ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى نىشانى، تېررورچىلىق، دىنىي ئەسەبىلىك ۋە بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇش ئىدى. لېكىن يېقىندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىمۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئارىسىغا كىرگۈزۈلدى.

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرگى لاۋروف دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى ئورۇنغا ئىگە دۆلەتلەرنى ۋە ئافغانىستاننى تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز، دېدى.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كېڭىيىۋاتقان تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت، دېيىشمەكتە. (قانات)