مالايسىيادا خىتايلار 'كۆچمەن' دەپ ئاتالغانلىقتىن پەيدا بولغان مىللەت غەۋغاسى سىياسىي تۈس ئالماقتا

مالايسىيادا خىتايلار 'كۆچمەن' دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مىللەت غەۋغاسى، ھازىر بۇ دۆلەتتە سىياسىي تۈس ئالماقتا.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۇئالالومپوردىن بايان قىلىشىچە، مالايسىيادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئىسمايىل تۈنۈگۈن بىر يىغىندا، 27 مىليون مالايشىيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنى'كۆچمەنلەر' دەپ ئاتىغان، بۇلارنىڭ مالايسىيالىقلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇلارنى ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارغا ئوخشاش 'ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ' دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆز دەرھال مالايسىيادىكى خىتايلارنىڭ جىددىي قارشىلىقىنى پەيدا قىلغان. گەرچە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئەخمەت بۇ مەسىلىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەت ئىسمايىل يەنىلا ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مالايسىيادا خىتايچە چىقىدىغان 'يەكشەنبىلىك گېزىت' ىدە، 'ئەگەر ئەخمەت ئىسمايىل ئۆزىنىڭ سۆزىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولسا، بىز بۇنىڭغا قانۇنلۇق دەۋا ئاچىمىز' دەپ چۇقان كۆتۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيادا مۇشۇ مىللەت غەۋغاسى سەۋەبىدىن سىياسىي تەبىقىلەر ئارا تالاش - تارتىش كۆپىيىپ، سىياسىي ۋەزىيەتتە جىددىيلىك پەيدا بولماقتا.