موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى
2006.11.24
موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ميېگونبو ئېنكبولد جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تەكلىپى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئېنكبولدنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى 2 كۈن داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇ بىر موڭغۇلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆتكۈزۈۋالغان 57 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم رايوننى زىيارەت قىلىشىدۇر.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى سۆھبەتنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ شىنجاڭ بىلەن موڭغۇلىيە "ئىقتىسادى- سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،" دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئېنكبولد، 22 - نويابىردىن بېرى خىتاينى زىيارەت قىلماقتا. موڭغۇلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زىيارىتىنىڭ كونىكىت كۈنتەرتىپى ئېلان قىلىنمىدى.
موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىغا ئىگە مىللەتلەر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بايىنغۇلىن ۋە بۆرتالا ئوبلاستلىرىغا موڭغۇللار ياشىماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، موڭغۇلىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى بۇ يەردىكى موڭغۇللارنى رىغبەتلەندۈرۈش، دەپ قارىماقتا.
ئېنكبولد، بۇ سەپىرىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن خىتاي - موڭغۇلىيە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلغان. لېكىن موڭغۇلىيە پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۆكتىچىلەر ئېنكبولد ھۆكۈمىتىنى موڭغۇلىيىنىڭ تەبئىي كان بايلىقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. (ئەركىن)